يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

خىزمەتچىنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئۈزۈرلىك ياكى ئۈزۈرسىز سىرتقا چىقىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن دۆلەت ئىگىلىگىدىكى بىر شىركەتنىڭ مەسئۇلى، بەزى ۋاقىتتا خۇسۇسىي ئىشلىرىم ئۈچۈن ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىمەن، مەن رۇخسەت ئالاي دېسەم مېنىڭ بىۋاستە رۇخسەت ئالىدىغان مەسئۇل يوق، مەن كۆپ ۋاقىتتا شىركەتكە تەسىر يەتكۈزمەستىن خىزمەت ۋاقتىدا چىقىپ كېتىمەن، قول تىلىپۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭا ئېھتىياج بولسا تىلىپۇن قىلىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا خىزمەتتىن كېيىنمۇ ئىشخانامدا قالىمەن. خىزمەت ۋاقتىدا خۇسۇسىي ئىشىم ئۈچۈن سىرتقا چىقىشىمنىڭ شەرىئەتتە ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئاللاھ سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

خىزمەتچى دېگەن خىزمەتكە كېلىش ۋە خىزمەت جەريانىدا تۇرۇش مەسىلىسىدە ئىزىن بولسۇن ياكى بولمىسۇن خىزمەت كېلىشىمدە بېكىتىلگەن تۈزۈمگە رىئايە قىلىشى كېرەك. چۈنكى خىزمەت ۋە ئىجارە كېلىشىمى بۇ مەنىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. خىزمەتچى دېگەن خاس ئىشچى بولۇپ، خاس ئىشچىنىڭ ئالىدىغان ھەققى بېكىتىلگەن مەلۇم ۋاقىتنىڭ قارشىلىقىدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتنى تولۇق خىزمەتكە ئايرىشى كېرەك، چۈنكى ئىش خىزمەتچىنىڭ بېكىتىشىگە قويۇلسا، ئىش چىققاندا كېلىپ باشقا ۋاقىتتا كەلمىسە، ئىشنى بېكىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن شىركەت ۋەيران بولىدۇ، ئىش يولدىن چىقىدۇ.

بۇ خىزمەتچى توغرىسىدىكى ئەسلى پىرىنسىپتۇر. بۇ ۋاقتى  بېكىتىلگەن خاس ئىجارىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

لېكىن بۇنىڭدىن بەزى ئىشلار ئىستىسنا قىلىنىدۇ، خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ئۈچۈن ياكى جىددى ھاجەت بولۇپ ئۇنى خىزمەتتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلسا قىيىنچىلىق بولىدىغان ئىشلىرى بولسا ئىدارىدىن رۇخسەت ئىلىپ بېجىرىشكە چىقسا بولىدۇ.

ئىش سىز سوئالدا بايان قىلغاندەك بولۇپ، شىركەتتە سىزدىن باشقا رۇخسەت ئالىدىغان مەسئۇل بولمىسا، بىز دەيمىزكى: ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قىلىشقا كېچىكتۈرسە قىيىنچىلىق بولىدىغان ھاجەتلەر بولسا سىز ئۆزىڭىزنى بىر خىزمەتچىنىڭ ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلىدىغان ۋاقىتتىن كۆپ ۋاقىت ئايرىماي چىقسىڭىز بولىدۇ، بەلكى سىزنىڭ باشقىلارغا ئۆلگە بولىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ، تۈزۈمنى باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە بەكرەك چىڭىتىشىڭىز لازىم. ئەمەلىيەتكە قاراپ باقايلى” خىزمەتچىلەر مەسئۇلىنىڭ سىرتلارغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئۇلارمۇ سىرتقا چىقىش ئىشلىرىغا ھەتتا خىزمەتكىمۇ سەل قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت تەرتىبىدە  ئومۇمى بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ.

قول تىلىپۇنىنىڭ بولىشى كۇپايە قىلمايدۇ، سىزنىڭ خىزمەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئولتۇرىشىڭىزنىڭمۇ ھېچ ئۈنۈمى يوق، چۈنكى ھەقنى بەلگىلەن ۋاقىتتىن كېيىن ئەمەس بەلكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ ئىنسانلار سىزگە ئامانەت قويغان ئامانەتنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، سىزدىن ھېساب ئالىدىغان مەسئۇل بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئوخشاش.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎‏إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا  تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتنى ئۆز ئەھلىگە ئادا قىلىشقا بۇيرىدۇ» [سۈرە نىسا 58 -ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالا خەۋەر بېرىپ ئامانەتنى ئۆز ئەھلىگە ئادا قىلىشقا بۇيرىدۇ، سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەسەن ھەدىستە:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئامانەتنى ساڭا ئامانەت قويغان كىشىگە ئادا قىلغىن، ساڭا خىيانەت قىلغان كىشىگە خىيانەت قىلمىغىن» [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى رىۋايەت قىلغان].

بۇ ئىنسانغا ۋاجىپ بولغان بارلىق ئامانەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى: ناماز، زاكات، روزا، نەزىر، كاپارەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ ئۆزى بىلىدىغان باشقا بەندىلىرىنى خەۋەردار قىلمىغان ھەق-ھوقۇقلىرى، بەندىلەرنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ئامانىتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بەزىلەرنىڭ نىيىتىنى بىلمەستىن ئامانەت قويغان ھەق-ھوقۇقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى، ئەگەر بۇنى دۇنيادا تولۇق ئادا قىلمىغان كىشىدىن قىيامەتتە ھېساب ئېلىنىدۇ. [” تەپسىر ئىبنى كەسىر 1 -توم 673 -بەت].

مۇدىرلار ۋە مەسئۇللارنىڭ مەسئۇلىيەتكە سەل قاراپ خىزمەت ۋاقتىدا سىرتلارغا چىقىپ كېتىشى خىزمەتنىڭ زايە بولىشى ۋە ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە مەسئۇلى خىزمەت ۋاقتىدا ئاساسەن سىرتقا چىقمايدىغان شىركەتلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ رەتلىك يۈرۈشكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇللار شۇنى ياخشى بىلىشى كېرەككى: ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن: خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىش، تەكشۈرۈش، خىزمەتلىرىنى توغرىلاش، يول كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا كۆرە ھېساب بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ تېما بەك مۇھىم بولغانلىقى ۋە بۇ توغرىدا كەلگەن سوئاللار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ بۇ توغرىدىكى بەزى پەتىۋالارنى بايان قىلىمىز:

1-سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: خىزمەتچىلەرنىڭ رەسمى داۋام جەريانىدا تولۇق خىزمەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا رۇخسەتسىز بەزى ئىلىم-سېتىم ئىشلىرى ئۈچۈن چىقىپ كېتىشى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئىلىم-سېتىم ئۈچۈن چىقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ، بۇلارغا مەسئۇل خادىم رۇخسەت بەرسۇن ياكى رۇخسەت بەرمىسۇن ئوخشاش، چۈنكى بۇنىڭدا ئىش ئىگىلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش باردۇر. بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى زايە قىلىۋېتىش تەرتىپ بېرىلىدىغان ئامانەت قويۇلغان خىزمەتنى زايە قىلىۋېتىش بارلىققا كىلىدۇ.  خىزمەتنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا سەل قاراش كىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن چەكلىنىشى كېرەك.

ئەبۇ يەئلا ۋە ئەسكەرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مەرپۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىش قىلغاندا پۇختا قىلىشىڭلارنى ياقتۇرىدۇ». [بەيھەقى ۋە تەبرانى بۇنىڭ ئوخشىشىنى رىۋايەت قىلغان. “دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى” 23 -توم 415 -بەت.]

2-شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: دۆلەتنىڭ تۈزۈمى رەسمى خىزمەت ۋاقتىدۇر، بەزى خىزمەتچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا كېچىكىپ كېلىدۇ، بەزىلىرى خىزمەت ۋاقتى ئاخىرلىشىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن قايتىپ كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۇنىڭدىن كۆپرەك كېچىكىدۇ ۋە بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن قايتىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “بۇ جاۋاپقا ئېھتىياج بولمايدىغان ئېنىق بىر ئىش، چۈنكى ئالىدىغان ھەق قىلغان ئىشقا كۆرە بولىدۇ، خىزمەتچى دۆلەتنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى كېمەيتىۋېتىشىگە رازى بولمايدۇ، شۇنىڭ  ئۈچۈن ئۇنىڭمۇ دۆلەتنىڭ ھەققىنى كېمەيتىۋەتمەسلىكى ۋاجىپ بولىدۇ، خىزمەتچىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكىپ كېلىشى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىشى توغرا بولمايدۇ.   سوئال سورىغۇچى:  لېكىن بەزىلەر ئىش بەك ئاز ئاساسەن يوق شۇڭا قايتىمىز دەيدىكەن؟ دېگەندە، شەيخ: بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى سىز خىزمەتكلا ئەمەس مەلۇم بىر ۋاقىتقا باغلانغان، يەنى سىزگە بۇ سىزنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىڭىز، سىز سائەت مەنچىدە كېلىپ مەنچىدە قايتىسىز دېگەن بولسا، ئۇ يەردە ئىش بولسۇن ياكى ئىش بولمىسۇن ئوخشاش، ئالىدىغان ھەق مەلۇم ۋاقىتقا باغلىنىدىكەن، مۇشۇ ۋاقىتتا تولۇق بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا كەلمىگەن ۋاقىتقىمۇ ھەق ئىلىش بولۇپ باتىلنى يېگەن بولىدۇ. [“ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت”  9 -توم 14 -بەت].

3-شەيختىن يەنە: ” بەزى خىزمەتچىلەر ۋاقىتقا رىئايە قىلماي خىزمەت جەريانىدا چىقىپ كېتىدۇ، بەزىلىرى ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتىن بۇرۇن بەزىلەر خىزمەت جەريانىدا چىقىپ كېتىپ كېچىكىپ كېرىدۇ، ياكى ئەتتىگەندە كېچىكىپ كېلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا.  شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ” خىزمەتچىنىڭ ئىش ۋاقتى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى چىقىپ كېتىشى ياكى خىزمەتكە كېچىكىپ كېلىشى ياكى خىزمەت جەريانىدا سىرتلارغا چىقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بەلگىلەنگەن داۋام ۋاقتى دۆلەتنىڭ مۈلكى، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئومۇمنىڭ ئىقتىسادىدىن ئالىدۇ، لېكىن ئادەتتە چىقمىسا بولمايدىغان ئىش بولۇپ قالسا، مەسئۇلدىن رۇخسەت ئىلىپ چىقىشى ۋە بۇ جەرياندا قىلىدىغان خىزمەت ئاقساپ قالماسلىقى لازىم، شۇنداق بولغاندا چىقسا خاتا بولمايدۇ”.

4-شەيخ سالىھ پەۋزاندىن: بەزى خىزمەتچىلەر چۈشتىن بۇرۇن مۇراجىئەت قىلىدىغانلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن چۈشلۈك دەم ئىلىش بولۇشتىن بۇرۇن چىقىپ كېتىپ ئائىلىسى بىلەن چۈشلۈك يېمەك يەپ قايتىدۇ، ئاندىن كەچكىچە ئىشخانىسىدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟ ئۇلارغا نەسىھەت قىلغان بولسىلىرى؟ دەپ سوئال قىلىنغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ئورنىغا ئەتتىگەندە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېلىپ كەچتە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قايتىشى ۋاجىپتۇر. ئۇ كىشىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا ئائىلىسىگە بېرىشى ياكى خۇسۇسىي ئىشلىرى ئۈچۈن سىرتلارغا چىقىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى مۇراجىئەت قىلغۇچىلار بولمىغان تەقدىردىمۇ خىزمەت ئورنىدا تۇرۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. خىزمەت ۋاقتى دېگەن خىزمەتنىڭ ھەققىدۇر. ئۇ كىشىنىڭ ھەققى ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشىدىن مۇشۇ ۋاقىت ئايلىق ئىش ھەققى بېرىش بەدىلىگە سېتىۋېلىنغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ۋاقىتنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ”.

5-شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھدىن: خىزمەتچى خىزمەت ۋاقتىدا ھازىر قىلىدىغان ئىش يوق دەپ سىرتلارغا چىقىپ كېتىشى توغرىمۇ؟ ئۇ كىشىنىڭ ئادا قىلىدىغان خىزمىتى ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئالىدىغان ئىش ھەققى كۆپ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ئىش بولمىسىمۇ( ئايلىق ئىش ھەققى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن) خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشى توغرا بولمايدۇ، لېكىن چىقمىسا بولمايدىغان جىددى ئىش بولۇپ قالسا، ئاغرىپ قالىدىغان ياكى ئاجىل ئىشى بولۇپ قالسا چىقىپ ئىشى تۈگىگەندىن كېيىن دەرھال قايتىپ كىرىشى كېرەك. بۇنداق بولىشى، ئۇنىڭ ۋاقتى ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ياكى شىركەتنىڭ ھەققىدۇر. ئۇ كىشىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلگەن بولۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كىيىن چىقىپ نېمە قىلسا بولىدۇ،

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر “. [“مىللەتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار “ناملىق ئەسەردىن ئىلىندى].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى