پەيشەنبە 7 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 15 نويابىر 2018
Uygur

دەرس سەۋەبىدىن جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئوقۇش توغرىسىدا

سۇئال

بىز مەكتەپتە جۈمە نامىزىنى چۈشلۈك تاماق ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىدا يەنى ئادەتتە جۈمە ئوقۇيدىغان ۋاقىتتىن بىر سائەت بۇرۇنراق ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز، ئوقۇغان نامىزىمىزنىڭ توغرا بولغانلىقى ياكى بولمىغانلىقى توغرىسىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۆپ تالاش-تارتىش بولدى، بۇ ئىش بىزنىڭ مەكتەپتە ۋە مۇشۇ شەھەردىكى خىلى كۆپ مەكتەپلەردە غۇل-غۇلا پەيدا قىلدى، شۇنىڭدەك بىزنىڭ بەزى دوستلىرىمىزمۇ ئوقۇۋاتقان مەكتىپىدە مۇشۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەن، سىلەرنىڭ بۇ توغرىدا قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشلىق ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەنەپىيە، مالىكىيە ۋە شافىئىي مەزھەب قارىشىدىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا جۈمە نامىزى كۈن ئىگىلگەندىن كىيىن يەنى پىشىننىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. ["ئەلئۇم" ناملىق ئەسەر 1-توم 223-بەت. "ئەل مەجمۇئ"4-توم377-381-بەتلەر. "پىقھىي ئېنسىكلوپېدىيىسى"27-توم197-198].

ئۇلار بۇ قاراشلىرىغا سەلەمە ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن كۈن ئېگىلگەندىن كىيىن جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ، سايە چۈشكەن جايلاردىن مېڭىپ ئۆيگە قايتىپ كېلەتتۇق.[مۇسلىم رىۋايىتى 860- نومۇرلۇق ھەدىس].

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلگەندىن كىيىن ئوقۇيتتى. [بۇخارى 904-ھەدىس].

ھەنبەلى قاراشتىكى ئالىملار جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ دەپ، سەلەپ ئالىملىرىدىن، جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بەزى ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنى كەلتۈرىدۇ.

ئەبى جەئپەر ئەلباقىردىن نەقل قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىنى قايسى ۋاقىتتا ئوقۇيتتى؟ دەپ سورىغاندا، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن كۈن ئېگىلگەن ۋاقىتتا تۆگىلەرنى ئوتلاققا قويۇۋېتىش ئۈچۈن باراتتۇق، دەپ جاۋاپ بەرگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 858-ھەدىس].

بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە جۈمە ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن چۈشلۈك تاماق يەپ ئازراق ئارام ئالاتتۇق، دەيدۇ. بۇخارى رىۋايىتى 939-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 859-ھەدىس].

ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسمۇ كۈن ئېگىلىشتىن ئىلگىرى جۈمە نامىزى ئوقۇشنى دۇرۇس دېگەن كىشىلەرگە دەلىل بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغان.

بۇ ھەدىستىن دەلىل ئىلىشنىڭ يولى: چۈشلۈك تاماق بىلەن دەم ئېلىشنىڭ ۋاقتى كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن بولىدۇ، ئىبنى قۇتەيبە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا: كۈن ئىگىلىگەندىن كېيىن يېگەن تاماق ۋە ئارام ئىلىش بۇنداق ئاتالمايدۇ دېيىلگەن.

ئىبنۇل ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشنى توغرا تاپمىدى ۋە جۈمە نامىزىنىڭ كۈن ئېگىلىشتىن ئىلگىرى ۋاجىپ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ قارىشىنى رەت قىلىپ،باشقا ئالىملارنىڭ بىرلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما ئىمام ئەھمەدنىڭ بۇ قارىشىنىڭ ئوخشىشى بىر قىسىم سەلەپ ئالىملىرىدىن ۋە باشقا ئالىملاردىن بايان قىلىنغان بۇنى ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ نەقلى قىلغان." ["نەيلۇل ئەۋتار" 3-توم 319-بەت].

ئىبنى ئەبى شەيبە ئۆزىنىڭ "ئەلمۇسەننىپ"ناملىق ئەسىرىدە (5140) بىلال ئەل ئەبەسىدىن نەقل قىلىنىشچە: ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ جۈمە نامىزى ئوقۇغاندا، كىشىلەر ئىككى تەرەپ بولۇپ، بىر قىسمى كۈن ئېگىلدى دېگەن يەنە بىر قىسمى بولسا، كۈن ئىگىلمىدى دېگەن. بۇ ئەسەرنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ"پايدىلىق جاۋاپلار" ناملىق ئەسىرىنىڭ 24-بېتىدە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىئالىملىرىدىن: زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟ بىز فرانسىيىدە خىزمەت قىلىمىز، جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بىرەر سائەت بۇرۇن ئوقۇپ خىزمەتكە بارمىساق، جۈمە نامىزى ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ كۈن ئېگىلىشتىن بىرەر سائەت بۇرۇن ئوقۇغان جۈمە نامىزىمىز توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "جۈمە نامىزىنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاقتىنى بەلگىلەش توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملار: جۈمە نامىزىنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاقتى پېشىن نامىزىنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاقتى بولۇپ بۇ ۋاقىت كۈننىڭ ئىگىلىشىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن مەيلى بىر سائەت بۇرۇن ئوقۇسۇن ياكى بەش مىنۇت بۇرۇن ئوقۇسۇن ئوخشاشلا دۇرۇس بولمايدۇ، بۇ توغرىدا سەلەمە ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن كۈن ئېگىلگەندىن كىيىن جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ، سايە چۈشكەن جايلاردىن مېڭىپ ئۆيگە قايتىپ كېلەتتۇق. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈن ئېگىلگەن ۋاقىتتا جۈمە نامىزىنى ئوقۇيتتى.[بۇخارى رىۋايىتى].

يەنە بىر بۆلەك ئالىملار: جۈمە نامىزىنى پېشىن ۋاقتىدىن بىر سائەت ياكى ئىككى سائەت بۇرۇن ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، دېدى.

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملار: جۈمە نامىزىنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاقتى ھېيت نامىزىنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاقتىدۇر، كۈن ئىگىلىگەندىن كېيىنكى ۋاقىت دېگەن جۈمە نامىزىغا بېرىش ۋاجىپ بولغان ۋاقىتتۇر، ئۇلار كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن جۈمە نامىزىنى ئوقۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بۇ ئەسەرنى دەلىل قىلدى: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن كۈن ئېگىلگەن ۋاقىتتا تۆگىلەرنى ئوتلاققا قويۇۋېتىش ئۈچۈن باراتتۇق. [مۇسلىم رىۋايىتى].

سەلەمە ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن كۈن ئېگىلگەندىن كىيىن جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ، سايە چۈشكەن جايلاردىن مېڭىپ ئۆيگە قايتىپ كېلەتتۇق.[ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەندە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭجۈمە نامىزىنى كۆپ ۋاقىتلاردا كۈن ئىگىلگەندىن كىيىن، ئاز ۋاقىتلاردا كۈن ئىگىلىشكە يېقىن ۋاقىتتا ئوقۇغانلىقىنى چۈشۈنىۋالالايمىز.

يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن: ئىختىلاپتىن چېقىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا كۈن ئىگىلىگەندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئوقۇغانلىقىغا ئاساسەن، جۈمە نامىزىنى كۈن ئىگىلىگەندىن كېيىن ئوقۇش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بۇمۇ ئالىملارنىڭ ئىجتىھادى بويىچە كەڭرىچىلىك بولغان مەسىلە بولۇپ، يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغىنى بويىچە، ئۈزۈر بولۇپ قالسا، جۈمە نامىزىنى كۈن ئىگىلىشكە يېقىن ۋاقىتتا ئوقۇسا، ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ". [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى 8-توم 216-217-بەت].

شەيخ ئبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن جۈمە نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن جۈمە نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ياخشىسى ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپىدىن چېقىش ئۈچۈن كۈن ئىگىلگەندىن كېيىن ئوقۇش كېرەك، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆلىمالار: جۈمە نامىزىنى كۈن ئىگىلىگەندىن كىيىن ئوقۇش كېرەك دەيدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار سەھىھ دەلىللەر بويىچە، جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بىرەر سائەت بۇرۇن ئوقۇشمۇ دۇرۇس دەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇنراق ئوقۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن بۇنى ئادەت قىلىۋالماستىن ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپىدىن چىقىش ۋە كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىش، كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ كىلىۋېلىشى، نامازنىڭ ھەممە جايدا بىر ۋاقىتتا ئوقۇلۇشى ئۈچۈن، كۈن ئىگىلگەندىن كېيىن ئوقۇش ياخشى ۋە ئەزەلدۇر." ["بىن باز پەتىۋالىرى" 12-توم 391-بەت].

بىر كىشى شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بەزى ئىمام -خاتىپلار جۈمە كۈنىدە مەسچىتكە بۇرۇنراق كېلىپ، خۇتبە سۆزلەپ، كىيىن كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن نامازنى باشلايدۇ، بۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدە يەنى جۈمە كۈنلۈكى كۈن ئېگىلىشتىن ئىلگىرى جۈمە نامىزىنى ئوقۇش ۋە خۇتبە باشلاش مەسىلىسىدە، ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئۆلىمالار جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن بىر سائەت ياكى يىرىم سائەت بۇرۇن ئوقۇسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن ياخشىسى كۈن ئىگىلىگەندىن كېيىن ئوقۇش كېرەك. ھەتتا جۈمە نامىزىنى بىرەر سائەت بۇرۇن ئوقۇشنى دۇرۇس بولىدۇ دېگەن ئالىملارمۇ كۈن ئىگىلىگەندىن كىيىن ئوقۇشنى تەكىتلەيدۇ.

جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلىشتىن مەلۇم ۋاقىت بۇرۇن ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە كۈن ئېگىلىشتىن بىرئاز بۇرۇن ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ." ["ئوچۇق سۆھبەت" (16/19)].

مۇشۇ قاراشلارغا ئاساسەن جۈمە نامىزىنى پېشىن نامىزى ئوقۇشتىن بىرەر سائەت بۇرۇن ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، ئېھتىيات يۈزىسىدىن بىرەر سائەت بۇرۇن ئوقۇسىمۇ ئۇنىڭدىن بەك بۇرۇن ئوقۇماسلىق كېرەك، مۇمكىن بولسا كۈن ئىگىلىگەندىن كىيىن ئوقۇسا ئەۋزەل ۋە ياخشى بولىدۇ".

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش