بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىر دەپ ئاتالغان زىكىرلەرنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنى بىر ئولتۇرۇپلا ئادا قىلىشقا تېرىشىدۇ، بۇ زىكىرلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئادا قىلىش شەرت قىلىنمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇ زىكىرلەرنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغۇچى بۇلارنى باشقا زىكىرلەرنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىۋېتىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ سۆزىمىزدىن كۆپ ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنى ئەمەس بەلكى بىر قېتىم ياكى ئۈچ قېتىمېدىن ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنى مەقسەت قىلىمىز.
ئىككىنچى: سانى بېكىتىلگەن زىكىرلەر شۇ بويۇنچە ئادا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغۇچى كىشى بۇ بەلگىلەنگەن سان بويۇنچە ئادا قىلىشى كېرەك، ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىپ قالسا بېكىتىلگەن ئەجىر-ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ.
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان قائىدە: زىكىرلەردە بەلگىلەنگەن سانغا رىئايە قىلىش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارغا بۇ كەلىمىگە ئوتتۇز ئۈچ تەۋھىد كەلىمىسىنى قېتىڭلار دېيىلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "سان بويۇنچە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرگە ئوخشاش بولۇپ ئۇنىڭغا مەخسۇس ساۋاپ بېكىتىلگەن بولۇپ، يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن ساندىن ئارتۇق دېگۈچىگە مەخسۇس ساۋاپ ھاسىل بولمايدۇ، ئاشۇ بېكىتىلگەن سانلار ئۈچۈن ھېكمەت ۋە خۇسۇسىيەت بولغانلىق ئېھتىمالى بىلەن ساندىن ئاشۇرۋەتكۈچى بۇ ھېكمەت ۋە خۇسۇسىيەتنى يوقۇتۇپ قويىدۇ". ["پەتھۇل بارى 2-توم 330-بەت].
بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بەلگىلەنگەن سانغا زىيادە قىلىشنى توغرا دەپ قارىدى، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ ساۋابتىن مەھرۇم قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزى زىكىرنى بەلگىلەنگەن ساندىن زىيادە قىلغۇچى بەلگىلىمىگە قارشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ بەلگىلىمىگە بويسۇنغاندىن كېيىن زىكىرنى ساندىن زىيادە قىلىشتىكى نىيىتى كاتتا ئەجىر-ساۋاپ ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىش ئەمەس، ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھمۇ ئىلگىرىكى ئورۇندا ئۇستازى ئىراقىينىڭ سۆزىنى مۇشۇنىڭغا قاراتتى".
ئۈچىنچى: سوئالنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئادا قىلىدىغان زىكىرلەر توغرىسىدا، بۇ زىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەتتىگەن ياكى كەچلىك ۋاقىتقا تەقسىم قىلىپ مەلۇم بىر ئىشنى قىلغاندىن كېيىن ياكى بۇرۇن، مەلۇم بىر سانغا خاس قىلىۋالماستىن ئادا قىلسا بەلكى مەلۇم بىر ھالەتنى لازىم قىلماي، ساننى ئۆزىگە ئاسان بولغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىۋەتسە توغرا بولىدۇ دېيىلگەن، ئۇنتۇپ قىلىش ۋە ساندا خاتا كېتىشتىن ئەنسىرىسە، سانلىق زىكىرلەرنى بىر ۋاقىتتىلا تولۇق ئادا قىلىۋىتىش ياخشى بولىدۇ، ئەمما توغرا بولۇش جەھەتتە، قانداق ئادا قىلسا توغرا بولىدۇ بىر ۋاقىتتىلا ئوقۇش شەرت ئەمەس. بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان دەلىللەر مۇنۇ ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدىن ئېلىنغان: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كۈندە يۈز قېتىم سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى دېگەن كىشىنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك خاتالىقلىرى بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرۋېتىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 6042-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2691-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى مۇتلەق بولۇپ، بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەجىر-ساۋاپ مۇشۇ كەلىمىنى بىر كۈندە يۈز قېتىم دېسە ھاسىل بولىدۇ، بۇنى بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ يۈز قېتىم ئوقۇسۇن ياكى بىر قانچە ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئوقۇسۇن، بەزىسىنى ئەتتىگەندە يەنە بەزىسىنى كەچتە ئوقۇسۇن ئوخشاش، شۇنداقتىمۇ بۇنى ئەتتىگەندە يۈز قېتىم دېۋەتسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن كۈندۈزنىڭ ھەممىسىدە ساقلىنىش بولىدۇ". ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 17-توم 17-بەت].
بەدىرىددىن ئەينى رەھىمەھۇللاھ : ھەدىستىكى بىر كۈندە دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ، تىيبىي رەھىمەھۇللاھ: كۈن دېگەن سۆز مۇتلەق بولۇپ، ئۇنىڭ بىر كۈننىڭ ئېچىدىكى قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكى بىلىنمەيدۇ، بۇنى كۈن ئېچىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىت دەپ بەلگىلىگىلى بولمايدۇ". ["ئۇمدەتۇل قارى شەرھى سەھىھۇل بۇخارىي" 23-توم 25-بەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سانلىق زىكىرلەرنى ئۇلاپلا دېيىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ھەر نامازدىن كېيىن مۇنچىلىكتىن ئوقۇيمىز دەپ مەلۇم ۋاقىت بەلگىلۋالماستىن، كۈچىنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىشقا تېرىشىشى كېرەك.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.