جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تەراۋىھنىڭ بەزىسىنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇپ ئاندىن ۋىتىر ئوقۇپ قايتىپ كەتسە ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يىزىلامدۇ؟

سۇئال

    بىز تۇرىۋاتقان جايدىكى مەسچىتتە تەراۋىھ نامىزى يىگىرمە رەكەت، ۋىتىر نامىزى بىلەن يىگىرمە ئۈچ رەكەت بولىدۇ، بۇ يەردە خۇپتەن نامىزىنى بەك كېيىن ئوقۇيدۇ، بىز ۋىتىر بىلەن ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇپ بىرىنچى ئىمام بىلەن قايتىپ كەتسەك، قالغان جامائەت يەنە بىر ئىمام بىلەن يىگىرمە ئۈچ رەكەت تولۇق ئوقۇسا مۇشۇنداق قىلساق توغرا بولامدۇ؟. ۋىتىر بىلەن ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇپ بىرىنچى ئىمام بىلەن قايتقانلار  يەنە بىر ئىمام بىلەن يىگىرمە ئۈچ رەكەتنى تولۇق ئوقۇپ قايتقانلار بىلەن ئوخشاش ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟. بۇ توغرىدا تولۇق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز، بىز ئاللاھ خالىسا كېلەر يىلى رامزاندىن باشلاپ شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان؟. ئاللاھ مۇشۇ نەسىھىتىڭلار ئۈچۈن كۆپ ئەجىر بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جامائەت بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن ھەدىسلىرىدىن:«كىمكى ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتسا ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 806-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 1375-ھەدىستە سەھىھ دېگەن. نىسائى رىۋايىتى 1605-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1327-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    بۇ ئەجىر-ساۋابقا نامازنىڭ ھەممىسىنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇپ قايتقان كىشىلا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما نامازنىڭ بەزىسىنى ئوقۇپ قايتىپ كەتكەن كىشى ھەدىستە ۋەدە قىلىنغان قىيامدا تۇرغانلىقتىن ئىبارەت ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: "ئىنسان رامزاندا يىگىرمە ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيدىغان ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇپ، ھەممىنى تولۇق ئوقۇماستىن ئون بىر رەكئەت بىلەن كۇپايىلەنسە، بۇ سۈننەتكە مۇۋاپىق بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سۈننەتكە مۇۋاپىق بولغىنى يىگىرمە ئۈچ رەكەت بولسىمۇ ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇشتىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتسا ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «كېچىنىڭ قالغان قىسمىدىمۇ ناماز ئوقۇغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ» دېگەن.

    ئەڭ ياخشىسى ئىمامغا ئەگەشكەن كىشى ئىمام يىگىرمە ئۈچ رەكەت ئوقۇسۇن ياكى ئون بىر رەكەت ياكى يىگىرمە رەكەت ئوقۇسۇن ئىمامغا ئەگىشىپ ئىمام بىلەن قايتىشى كېرەك". [ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 325-بەت].

     شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رامزاندا قىيامدا تۇرۇش كېچىنىڭ يېرىمى، ئۈچتىن بىرى ياكى مەلۇم بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇش بىلەن ھاسىل بولىدۇ، ئون بىر ياكى يىگىرمە ئۈچ رەكەت ئوقۇش بىلەن ھاسىل بولىدۇ، بىر سائەتتىن بۇرۇن تۈگىسىمۇ مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇپ ئىمام بىلەن بىرگە قايتقاندا ھاسىل بولىدۇ.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغاندا نامازدىن ئىمام بىلەن بىرگە قايتاتتى، مۇشۇ ساۋابقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئاز ئوقۇسۇن ياكى كۆپ ئوقۇسۇن، كۆپ ۋاقىتتا تۈگىسۇن ياكى ئاز ۋاقىتتا تۈگىسۇن ئىمام ۋېتىرنى ئوقۇپ بولغاندا ئىمام بىلەن بىرگە قايتىشى كېرەك".  [ئىبنى جىبرىين پەتىۋالىرى" 24-توم 9-بەت].

     ئەگەر بىر مەسچىتتە ئىككى ئىمام تەراۋىھ نامىزىنى بىرگە ئادا قىلىدىغان بولسا، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابقا ئېرىشمەكچى بولغان كىشى ئىككىنچى ئىمام نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىشى كېرەك.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىرىنچى ئىمام بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىپ، مەن ھەدىسكە ئەمەل قىلدىم، نامازنى بىرىنچى ئىمام بىلەن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتتىم، ماڭا كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ دېسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «كىمكى ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتسا ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھ، لېكىن بىر مەسچىتتىكى ئىككى ئىمامنىڭ ھەر بىرى ئايرىم-ئايرىم ئىماممۇ ياكى بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورۇن باسارىمۇ؟. بۇ مەسىلىدە ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورۇن باسارى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەسچىتتە ئىككى ئىمام بولسا ئۇ ئىككىسى بىر ئىمامنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، چۈنكى ئىككىنچى ئىمام بىرىنچى ئىمامنى تولۇقلايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدىغان كىشى ئىككىنچى ئىمام نامازدىن يانغۇچە بىرگە تۇرۇشى كېرەك.

     شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ھەرەمدە ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز قىلغانلارغا قىلىدىغان نەسىھىتىم، ئىككىنچى ئىمام نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر قايتىشىڭلار كېرەك، بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئون بىر رەكئەت ئوقۇپلا قايتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ  ئون بىر رەكەت ئوقۇغان بىزمۇ شۇنداق ئوقۇيمىز دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك ئوقۇش ھەقىقەتەن ياخشى، ھېچ كىشى بۇنىڭدا شەك قىلمايدۇ، لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇشنىمۇ چەكلىمەيدۇ.    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاللىغان ساندىنمۇ يۈز ئۆرىگەنلىك بولمايدۇ، ئومۇمەن بۇ شەرىئەت يولنى كەڭرى قىلىپ بەرگەن ئىشتىن ئىبارەتتۇر.

     بۇ يەردە بىر قىيىنچىلىق بار: بۇنداق ھالەتتە بىر كېچىدە ئىككى قېتىم ۋىتىر ئوقۇش بولىدۇ، ئىمامغا ئەگەشكەن كىشى بۇنى قانداق قىلىدۇ؟، بىز دەيمىزكى، سىز ئىككىنچى ئىمام بىلەن تەھەججۈت ئوقۇماقچى، لېكىن بىرىنچى ئىمام بىلەن ۋىتىر ئوقۇغان بولسىڭىز، بىر رەكەت ناماز ئوقۇپ بىرىنچى ئىمام بىلەن ئوقۇغان تاق نامازنى جۈپ قىلىڭ، ئەمما كېچىنىڭ ئاخىرىدا تەھەججۈت ئوقۇشنى مەقسەت قىلمىسىڭىز، بىرىنچى ئىمام بىلەن ۋىتىر ئوقۇڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدە تۇرۇپ تەھەججۈت ئوقۇش بولۇپ قالسا ئىككىنچى ئىمام بىلەن ۋېترنى جۈپ قىلىپ ئوقۇڭ".  ["ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالە ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 13 - توم 436-بەت].

    سوئال سورىغان قېرىنداشلار، جامائەت ئارىسىدا بۆلۈنۈش كېلىپ چىقماسلىقى ياكى بەزى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە باشقا ئېھتىياجلىرى سەۋەبىدىن بۇرۇن چىقىپ كېتىپ ئەجىر-ساۋابتىن مەھرۇم قالماسلىقى ئۈچۈن مەسچىت ئىماملىرى بىلەن  كېڭىشىپ مەسچىتتىكى زور كۆپچىلىك كىشىلەرگە مۇناسىپ بولغان مىقداردا ئوقۇشقا بىرلىككە كېلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان ئىشلارغا ياردەمدە بولغاي. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى