شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ خۇشپۇراق ئىشلىتىشى توغرىسىدا

سۇئال

    مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا بولۇپ، كۆپ تەرلەيمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تەر يوقىتىدىغان سۇيۇقلۇق ئىشلەتمىسەم تۇرالمايمەن، بۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسى خۇشپۇراق، بۇنى ئىشلەتسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئاياللارنىڭ تەر يوقۇتۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان سۇيۇقلۇقىنى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:

     بىرىنچى: پۇرىقى ئېنىق بولغان، ئەتىر پۇراقلىق تەر يوقاتقۇچى، ئاياللارنىڭ بۇ تۈردىكى تەر يوقاتقۇچى سۇيۇقلۇقنى ئۆيدىن سىرىتقا چىققاندا، يات كىشىلەر پۇرىقىنى پۇراش ئېھتىماللىقى بولغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ.  بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كەلگەندە خۇش پۇراقلىق نەرسىنى ئىشلەتمىسۇن.» [مۇسلىم رىۋايىتى 443-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى مەسچىتكە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ چىقىشتىن چەكلىشى، ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا توساق بولمىغان ۋە يېقىن ئارىلىقتا ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئەرلەر ئاياللاردىن خۇش پۇراقلارنى تاپىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنى مەسچىتكە كەلگەن خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن، ئۇنداق بولغاندىن كىيىن ئاياللارنىڭ بازارلارغا ۋە كىشىلەر كۆپ بولىدىغان ئورۇنلارغا بارغاندا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ بېرىشى ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ. 

    ئىككىنچى تۈرى: خۇشپۇراقسىز تەر يوقۇتۇش سۇيۇقلۇقى، ياكى پۇرىقى قىسقا ۋاقىتتا يوقاپ كېتىدىغان تەر يوقۇتۇش سۇيۇقلۇقى بولۇپ، بۇنىڭ پۇرىقى ئىشلەتكەن كىشىدىن باشقىغا پۇرىمايدۇ، ئاياللار سىرتقا چىققاندا بۇ تۈردىكى تەر يوقۇتۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق.

    شافىئى مەزھىپىدىكى ئالىم رەملى مۇنداق دەيدۇ: "ئايالنىڭ جامائەت سورۇنىغا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، زىننەت بۇيۇمى تاقاپ، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ چىقىشى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ بەزى پۇراقلارنى يوق قىلىشى ياخشى بولىدۇ".

شىبراملىسى رەملىنىڭ سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئايالنىڭ بەزى پۇراقلارنى يوق قىلىشى ياخشى بولىدۇ، تەرنىڭ پۇراقنى پەقەت خۇشپۇراقلىق تەر يوقىتىش سۇيۇقلۇقى بىلەن يوقاتقىلى بولسا، ئۇنىڭ پۇرىقىنى ئەرلەرگە ئاشكارا قىلماستىن ئىشلەتسە بولىدۇ". ["نىھايەتىل مۇھتاج"2-توم 340-بەت].    

     ئەگەر ئايالنىڭ قارىشىدا خۇشپۇراقلىق سۇيۇقلۇقنى ئىشلەتسىمۇ ئۇ يەردىن ئەرلەر ئۆتمەيدۇ، پەقەت ئاياللار بىلەن بىرگە بولىدۇ دېگەن پىكىر كۈچلۈك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا خۇشپۇراق تەر يوقۇتۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى