سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇرئان كەرىم بىلەن تەۋرات ھۆكۈملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى

159831

تارقاتقان ۋاقىت : 23-10-2019

كۆرگۈچىلەر : 4838

سۇئال

بىر ئاللاھقا ئىبادەت قېلىش، بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئىسلام دىنى بىلەن يەھۇدىيەت ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق، قۇرئان ۋە تەۋراتتىن ئىبارەت ئىككى كىتاب ھەر بىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىدۇر. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قۇرئان كەرىم تەلىماتلىرى تەۋراتنىڭ تەلىماتلىرىدىن پەرقلىق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: ئالدى بىلەن سىزنىڭ بىزنىڭ تور بېكىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ئاللاھ تائالادىن بىزنى سىزگە پايدىلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىيەلىشىمىزگە مۇيەسسەر قېلىشىنى، شۇنداقلا بۇ مەلۇماتلارنىڭ سىزگە دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى سورايمىز.

ئىككىنچى: سىز ئاللاھ تائالا يولغا قويغان يەھۇدىيەت دىنى، ئۇلارغا چۈشۈرگەن مۇقەددەس كىتاب تەۋرات توغرىسىدا سۆزلىدىڭىز، توغرا سىز ئېيتقاندەك ئىسلام دىنى بىلەن يەھۇدىيەت قارىشى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قېلىش، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەرقانداق نەرسىگە چوقۇنماسلىق، بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلەرگە ئىشىنىش مەسىلىسى، ئاخىرەت كۈنى ۋە ئۇ كۈندىكى ھېساب، جەننەت-دوزاخ قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش بولسىمۇ لېكىن، ھالال-ھارام مەسىلىلىرى ۋە ئىبادەتلەرنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدىكى شەرئىي پرىنسىپلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئىسلام دىنى بىلەن يەھۇدىيەت قارىشىنىڭ ئارىسىدىكى ئاساسى پەرق، قۇرئان كەرىمدىكى ھۆكۈملەرنىڭ تەۋرات تەلىماتلىرىغا ئوخشىماسلىقىدىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًاتەرجىمىسى:(ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. [سۈرە مائىدە 48-ئايەت].

ھالال-ھارام مەسىلىلىرىدە ھەر بىر ئۈممەتنىڭ ئايرىم شەرىئەت بەلگىلىمىلىرى ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان كۆرسەتمىلىرى بار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى دىننىڭ ئەسلىگە ئوخشاتتى، ئۇ بولسىمۇ تەۋھىد، ئەقىدە ۋە ئاللاھنى يەككە-يىگانە بىر دەپ ئىتىقاد قېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلارنىڭشەرىئەت، ئىبادەت مەسىلىلىرىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتى بىر بولغان، ئانا جەمەتى باشقا بولغان قېرىنداشلاردىندۇر، ئۇلارنىڭ دىنى بىردۇر دېگەن. [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

(يەنى يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى؛ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرئى پرىنسىپلىرىدا ئوخشاشماسلىق بولغان بىلەن، دىنىنىڭ ئاساسى بىر دېگەنلىكنى مەقسەت قىلىدۇ- م-).

پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بىر دۇر. ئۇ بولسىمۇ تەۋھىد ۋە ئاللاھ تائالانى يەككە-يىگانە بىر دەپ ئىبادەت قىلىشتۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ شەرىئەت-ھۆكۈملىرىنىڭ تەپسىلاتى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىگە مۇۋاپىقتۇر.

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە، ئەۋلادلىرىغا ۋە ئۇلار ياشىغان زامانغا ماس كىلىدىغان، مۇۋاپىق كېلىدىغان شەرىئىتى بار ئىدى. ئۇنىڭ شەرىئىتىدە، ئوغۇلنىڭ ئۆز سىڭلىسى بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس ئىدى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا نەسىل قالدۇرۇش بۇنىڭدىن باشقا يول بىلەن مۇمكىن بولمايتتى. ئاندىن زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ شەرىئىتىمۇ يېڭى زامان ۋە يېڭى ئەۋلادلارغا مۇناسىپ كېلىدىغان شەرىئەتكە ئۆزگەرتىلدى. گەرچە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە ئاكا ئۆز سىڭلىسى بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس بولغان بولسا، يەھۇدىيلارنىڭ شەرىئىتىدە ئاكا بولغۇچىنىڭ ئۆز سىڭلىسى بىلەن نىكاھلىنىشى ھارام قىلىندى. ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە ھەممە نەرسىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھالال قىلىنغان ئىدى، لېكىن ياقۇپ ئەلەيھىسسالام بەزى نەرسىلەرنى ئۆزىگە ھارام قىلىپ ئىستىمال قېلىشتىن چەكلەندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقى بىكىتىلىپ، ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن شەرىئەت قېلىندى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِّبَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَائِيلُ عَلَىٰ نَفْسِهِ مِن قَبْلِ أَن تُنَزَّلَ التَّوْرَاةُ تەرجىمىسى: تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. [سۈرە ئال-ئىمران 93-ئايەت].

ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى يولغا قويۇلدى، ئۇنىڭ شەرىئىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىن يەڭگىل ئىدى، ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ناسارالارغا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە چەكلەنگەن بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ بەردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: وَمُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُم بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُم بِآيَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّـهَ وَأَطِيعُونِ تەرجىمىسى: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار. [سۈرە ئال-ئىمران50-ئايەت].

ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرئان كەرىم شەرىئىتى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى كەلدى. بۇ شەرىئەتنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىمۇ ئەھلى كىتاب شەرىئەتلىرىنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشىمىغاندەك ئۆزىدىن ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ شەرىئىتى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان، بارلىق پرىنسىپلاردىن مۇكەممەلراق ۋە ياخشىراق بولغان ئەڭ ئاخىرقى بۇ شەرىئەت، قىيامەتكىچە ھەرزامان ھەرماكانغا مۇناسىپ كېلىدۇ. مانۇ بۇ قۇرئان كەرىم ھۆكۈملىرىنىڭ تەۋراتنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئوخشىماسلىقىدىكى ئاساسى سەۋەبدۇر. تەۋرات بەنى ئىسرائىلغا خاس بولغان كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى قىيامەتكىچە داۋاملاشمايدۇ، تەۋرات ھۆكۈملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ناسارالارنىڭ شەرىئىتىدە كۈچكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تەۋراتتا چەكلەنگەن بەزى نەرسىلەر ناسارالارغا ھالال قېلىنغان. ئىنجىل بىلەن تەۋراتنىڭ ھۆكۈملىرى مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك ئىجرا قىلىنىشى مۇئەييەنلەشتۇرۇلۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت كەلگەندە مەزكۇر ھۆكۈملەر ئەمەلدىن قالغان، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ئېلان قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئەگەر ئۇلار ھايات ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلسە، ئۆزىنىڭ شەرىئىتىنى تاشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش توغرىسىدا ۋەدە ئېلىنغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ أَخَذَ اللَّـهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُم مِّن كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُّصَدِّقٌ لِّمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنصُرُنَّهُ ۚ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ إِصْرِي ۖ قَالُوا أَقْرَرْنَا ۚ قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُم مِّنَ الشَّاهِدِينَ ، فَمَن تَوَلَّىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك (دېدى). ئاللاھ: (بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنە بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟ دېدى. ئۇلار: ئېتىراپ قىلدۇق دېدى. ئاللاھ: (ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن دېدى. كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر» [سۈرە ئال-ئىمران 81-82-ئايەت].

قۇرئان كەرىمنىڭ شەرىئىتى قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن تارتىپ قىيامەتكىچە كىلىدىغان بارلىق ئىنسانىيەت جىنسىغا مۇناسىپ بولسۇن ئۈچۈن، ئىلگىرىكى كەلگەن بارلىق شەرئى پرىنسىپلارغا ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلدە كەلگەن.

قېرىندىشىم! سىز ھازىر مەۋجۇت بولغان تەۋرات توغرىسىدا سۆز قىلدىڭىز، گەرچە سىزگە بىرئاز ئېغىر كەلسىمۇ ھەقنى ئوچۇق بايان قىلىمىز. سىزگە ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قارىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. بۇ، سىزنىڭ ھەقىقەتكە يېتىشىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشىڭىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينىسا ئەجەب ئەمەس.

ھەقىقى سۆزنى دېسەك؛ ھازىر مەۋجۇت بولغان تەۋرات ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالامۇسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن تەۋرات ئەمەس. بەلكى بۇنىڭدا نۇرغۇن ئۆزگەرتىش، زىيادە قىلىش، كېمەيتىش، مەنىلىرىنى بۇرمىلاش قاتارلىق ئىشلار سادىر بولغان. بۇ بىز سۆزلەۋاتقان مەسىلىدە سۆزلىنىدىغان تېما ئەمەس. بىز پەقەت سىزنىڭ يەنىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىشىڭىزگە تۈرتكە بولسۇن ئۈچۈن بۇنى مىسال شەكلىدە بايان قىلدۇق.

ھازىر مەۋجۇت بولغان تەۋرات بولسا ئاللاھنىڭ كالامى بولمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، باشقىلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ، توقۇلما-يالغان سۆزلەرنىڭ قوشۇلغانلىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، ھازىرقى تەۋراتنى ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز.

بۇنىڭ مىساللىرىدىن:

1-ھازىر مەۋجۇت بولغان تەۋرات ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى چۈشۈرىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانى مەخلۇقاتلارغا ئوخشىتىدىغان سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ سۆزلەرنىڭ جۈملىسىدىن: "ئاللاھ تائالا پۈتۈن بىر كېچە ياقۇپ بىلەن چېلىشتى، ئۇنى ياقۇپ يېڭىۋالدى!." يەنە: "ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى كۆزى ئاغرىپ قالغانغا قەدەر يىغلىدى، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ كۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈردى!". ئاللاھ تائالا زالىم-جاھىل، كاپىرلارنىڭ توقۇلما سۆزلىرىدىن پاك ۋە ھەممىدىن يۈكسەكتۇر.

2-ھازىر مەۋجۇت بولغان تەۋرات پەيغەمبەرلەرنى تىللايدىغان، سۆكىدىغان، ئۇلارغا تەنە قىلىدىغان سۆزلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: "ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارۇن ئەلەيھىسسالام بىر دانە موزاينى ياسىدى ۋەئىسرائىل ئەۋلادلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇ موزايغا ئىبادەت قىلدى". يەنە: "لۇت ئەلەيھىسسالام ھاراق ئېچىپ مەس بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىككى قىزى بىلەن زىنا قىلدى". يەنە: "سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئاخىرىقى ھاياتىدا مۇرتەت بولۇپ كەتتى، بۇتلارغا چوقۇندى ۋە بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئىبادەتخانىلارنى(بۇتخانىلارنى)ياساتتى».

3-ھازىرقى تەۋرات مۇمكىن بولمايدىغان، بىر-بىرىگە زىت بولغان ۋە خاتا سۆزلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇ توغرىدا تەپسىلى مەلۇماتلارنى بايان قىلغان كىتاب، فرانسىيىلىك مەشھۇر دوختۇر مورىس بوكاينىڭ ئىنساننىڭ ماھىيىتى ۋە ئىلىم-پەن ئۆلچىمىدە تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئان ناملىق ئىككى ئەسىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئاپتور بۇ كىتابىدا تەۋرات بىلەن ئىنجىلدىكى خاتالىقلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى.

مورىس بوكاي ئىككىنچى كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسى 29-بەتتە مۇنداق يازىدۇ: "مۇشۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن ئىزدىنىپ، ئىلگىرىكى ھۆكۈم ۋە پىكىرلەرگە نەزەر سالماستىن ئوبيېكتىپ بىر پوزىتسىيەدە تۇرۇپ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن، ئىلىم-پەن قارىشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئورتاقلىشالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنچىكە تەتقىقات ئىلىپ باردىم.

قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدە تەبىئەتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئىشارەت قىلىنغان نۇرغۇن دەلىللەرنى بىلگەن بولساممۇ، بۇنىڭدىن پەقەت قىسقا ۋە ئىخچام مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىمنى، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئەرەب تىلى بويۇنچە تەتقىقات ئىلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇنىڭدا ئىشارەت قىلىنغان تەبىئەتنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېسىمدە تۇتۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە ئىزدىنىشتىن كېيىن ماڭا شۇ ئايان بولدىكى، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېڭى ئىلىم-پەن نەزەرىيىسىگە زىت كېلىدىغان تەنىقىتلەشكە تېگىشلىك بىرەر خەۋەرنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالمايدىغانلىقى، مەن ئېلان قىلماقچى بولغان كەسكىن نەتىجىدۇر.

بۇ تەجرىبە سىناقنى تەۋراتنىڭ ئەھدى قەدىمگە ئالاقىدار بولغان قىسمىدا ۋە ئىنجىلگە ئالاقىدار بولغان جايلاردا ئوبيېكتىپ قاراشنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات قېلىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم تەكرار ئىزدەندىم.

تەۋراتقا ئالاقىدار بولغان ئىشلاردا شۇنداقلا تەۋراتتىن ھۆججەت كەلتۈرۈشتە، تەۋراتنىڭ "سەپەر ئەتتەكۋىن" بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى قىسمىدىن كۆپ يىراقلىشىپ كەتمىدىم، ئەمما تەۋراتتىن يېڭى ئىلىم-پەن بىلىملىرىدە تولۇق كۈچكە ئېگە بولغان ئىلمى ھەقىقەتلەرگە ماس كېلىدىغان ئىلمى ھۆكۈملەرنى ھېچ تاپالمىدىم». (مورىس بوكاينىڭ سۆزى تۈگىدى).

يۇقىرىدا بايان قېلىنغان ئىلمى ھەقىقەتلەرگە ئاساسەن، بىزنىڭ قارىشىمىزدا ھازىر مەۋجۇت بولغان تەۋراتنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى مۇنداق ئىككى سەۋەب بىلەن ئىخچاملاشتۇرىمىز:

1-پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى.

2-زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن تەۋراتتا يۈزبەرگەن تۈرلۈك ئۆزگەرتىش، بۇرمىلاش ۋە ئۇنىڭ تېكىستلىرىنى خالىغانچە پايدىلىنىشتىن ئىبارەت.

ئاللاھ تائالادىن بىزلەرگە ھەقنى ھەق كۆرسىتىشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە مۇيەسسەر قېلىشىنى، باتىلنى باتىل كۆرسىتىشنى ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قېلىشنى سورايمىز.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى