شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

رىزىققا ئېرىشىش، باي بولۇش ۋە قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئالار توغرىسىدا

سۇئال

   بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن ئىقتىسادى داۋالغۇشنى ئۆتكۈزدى، داداممۇ خىزمەتتە قىيىنچىلىققا دۈچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئىش قانچىلىك داۋاملىشىدۇ بۇنى بىلمەيمىز، ئۇلار ئاتامغا خىزمەتتىن چېكىنىشكە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ئائىلىدە پەقەت ئاتاملا خىزمەت قىلاتتى، مەن بىر دۇئا ئۈگۈنۈپ:  ئىشلىرىمىزنىڭ ئاسان بولىشى، ئىقتىسادىمىزنىڭ ياخشى بولىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشنى ياخشى كۆردۈم، توردىن ئىزدىنىپ بىر دۇئانى تاپقان بولساممۇ ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالدىم، چۈنكى ئۇ دۇئانى بىر كىشى بىر ئولتۇرغاندا 12000  (ئون ئىككى مىڭ قېتىم) ئوقۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن، سىلەرنىڭ ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بېرىشنى، ئاتىڭىزغا ياردەم بېرىشنى، سىلەرگە بەرىكەتلىك، ھالال، رىزىق ئاتا قېلىشىنى سورايمىز.

سەھىھ ھەدىستە: غەم-قايغۇنى يوق قىلىدىغان، قىيىنچىلىقنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋە قەرزدىن قۇتۇلۇپ، بىھاجەتلىك ھاسىل بولۇش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان بايان قېلىنغان، ئۇ دۇئالاردىن:

   1-ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق بىر كىشىگە غەم، قايغۇ يەتكەندە: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بەندەڭنىڭ ئوغلى، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى، كوكۇلام سېنىڭ قولۇڭدا، ماڭا قىلغان ھۆكۈم  ئىجرا بولغۇچىدۇر، بەلگىلىمەڭ ئادىلدۇر، سېنىڭ بارلىق ئېسىملىرىڭ بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ئاتىغان، خەلقىڭدىن بىر كىشىگە بىلدۈرگەن، كىتابىڭدا نازىل قىلغان ياكى سەن يېنىڭدىكى غەيبى ئىلىمدە تاللىغان ئىسمىڭ بىلەن سورايمەنكى: قۇرئان كەرىمنى دىلىمنىڭ باھارى، كۆڭلۈمنىڭ نۇرى، بىئاراملىقىمنى يوق قىلغۇچى، غەملىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلغىن» دەپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ، قىيىنچىلىقتىن چېقىش يولى قېلىپ بېرىدۇ دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ روسۇلى! بۇ دۇئانى باشقىلارغا تەلىم بېرىمىزمۇ؟دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەلۋەتتە، بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر باشقىلارغا تەلىم بېرىشى كېرەك» دېدى. [ ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى3712 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "تەرغىيب ۋە تەرھىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 1822 -كەلتۈرگەن.]

   2-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قېلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ياتىدىغان جايغا كەلگەندە مۇنداق دۇئا قىلىشىمىزنى بۇيرىغان: «ئى يەتتە قات ئاسمان، زېمىن ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ!، بىزنىڭ ۋە بارلىق شەيئىلەرنىڭ رەببى، دانلارنى، ئۇرۇقلارنى پەيدا قىلغۇچى، تەۋرات، ئىنجىل ۋە پۇرقاننى نازىل قىلغۇچى ئاللاھ!، سىلى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ تۇرغان بارلىق ھايۋانلارنىڭ يامانلىقىدىن سىلىگە سېغىنىپ سىلە بىلەن پاناھ تىلەيمەن، سىلە ھەممىدىن ئىلگىرى سىلىدىن ئىلگىرى ھېچ نەرسە يوق، سىلە ھەممىدىن كېيىن سىلىدىن كېيىن ھېچ نەرسە يوق، سىلە ھەممىدىن ئېنىق-ئاشكارا، ئۈستۈن  سىلىدىن ئۈستۈن ھېچ نەرسە يوق، سىلە ھەممىدىن يوشۇرۇن سىلىدىن يوشۇرۇن ھېچ نەرسە يوق، بىزنىڭ قەرزىمىزنى ئادا قىلىشقا ياردەم بەرسىلە، بىزنى كەمبەغەللىكتىن بىھاجەت قىلسىلا».

   3-ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ توختام قېلىشقان قۇلى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:  مەن قېلىشقان توختامنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلدىم، ماڭا ياردەم قىلغىن دەيدۇ، ئەلىي رەھىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىگە:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا تەلىم بەرگەن بىر قانچە سۆزلەر بار، مەن ساڭا ئۇنى تەلىم بېرەيمۇ؟ ئەگەر ئۇنى ئوقۇساڭ، سېنىڭ ئوھۇد تىغىدەك قەرزىڭ بولسىمۇ  ئاللاھ ئۇنى سەندىن ئادا قىلىدۇ؟ دەپ، ئۇ كىشىگە: «ئى ئاللاھ! مېنى ھارام نەرسىلىرىڭدىن يىراق قېلىپ، ھالال نەرسىلىرىڭ بىلەن كۇپايەلەندۈرگىن، مېنى ئۆز پەزلىڭ بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلغىن» دېگىن. [تىرمىزى رىۋايىتى3563 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

4- ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قېلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ساڭا بىر دۇئانى ئۈگۈتۇپ قويايمۇ؟، ئەگەر سەن ئۇ دۇئانى قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئوھۇد تىغىدەك زور قەرز بولسىمۇ ئادا قىلىدۇ؟، ئى مۇئاز: ئى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئاللاھ! سەن پادىشاھلىقنى خالىغان كىشىگە بېرىسەن، پادىشاھلىقنى خالىغان كىشىدىن تارتىۋالىسەن، خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان كىشىنى خار قىلىسەن، ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدا، سەن ھەممە نەرسىگە قادىر، سەن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ شەپقەت قىلغۇچىسى ۋە مېھرىبانلىق قىلغۇچىسىدۇرسەن، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ رەھىم-شەپىقىتىنى خالىغان كىشىگە بېرىسەن، خالىغان كىشىدىن چەكلەپ قويىسەن، سەندىن باشقىلارنىڭ رەھىم قېلىشىدىن بىھاجەت قىلىدىغان رەھمىتىڭ بىلەن ماڭا رەھمەت قىلغىن دېگىن». تەبرانى"مۆجەم سەغىير"دە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، "تەرغىيب ۋە تەرھىيبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1821 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

   5-رىزىقنى ھاسىل قېلىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ۋاسىتىلەردىن بىرى ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّاراً يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَاراً وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَاراً تەرجىمىسى: «ئۇلارغا ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ». [سۈرە نۇھ 10-12 -ئايەتلەر].

    ئىككىنچى:  مۇشۇ دۇئالاردىن بىر دۇئانى مۇئەييەن سان بىلەن بېكىتىپ ئوقۇش بولسا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىدئەتتۇر.

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسىدا" مۇنداق كەلگەن: "زىكىر ۋە ئىبادەتتىكى ئەسلى قائىدە دەلىلگە توختىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئاللاھ يولغا قويغان بەلگىلىمە بويۇنچە ئىبادەت قېلىنىدۇ، ئىبادەتنىڭ مۇتلەقلىرى، ۋاقتى بېكىتىلگەنلىرى، قانداق ئادا قېلىشنىڭ ھالەتلىرى، سانىنىڭ بېكىتىلىشىمۇ شەرئى دەلىلگە كۆرە بولىدۇ، شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا يولغا قويغان زىكىرلەر، دۇئالار ۋە مەلۇم ۋاقىت، ساناق، ئورۇن ياكى ھالەتكە ئالاقىدار بولماي مۇتلەق بولغان ئىبادەتلەردە بىز مەلۇم ھالەتنى، ۋاقىتنى، ياكى ساننى لازىم تۇتىشىمىز توغرا بولمايدۇ، بەلكى كەلگىنى بويۇنچە مۇتلەق ئىبادەت قىلىمىز، ئاغزاكى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان ياكى ئەمەلىي دەلىل ئۇنى مەلۇم ۋاقىتقا ياكى سانغا ياكى ئورۇنغا ياكى ھالەتكە  بېكىتكەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا شەرىئەتتە ئىسپاتلانغان بويۇنچە ئىبادەت قىلىمىز".  پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ قەئۇد قاتارلىقلار" .

   ["ئىسلام تەتقىقات ژۇرنىلى" 21/53، ۋە " ئىسلام پەتىۋالىرى"  4 -توم 178 -بەت.]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى