چارشەنبە 15 زۇل قەئەدە 1440 - 17 ئىيۇل 2019
Uygur

قازا روزىنى تۇتقاندا خۇددى ھازىرقى ئادا روزىنى تۇتقاندەك نىيەتنى بۇرۇن قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

مەن رامىزاندا ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايالنىڭ نەپلە روزا تۇتۇشتىن ئىلگىرى قازا روزىنى تۇتۇشقا ئالدىراشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزاندىن كېيىن بەزى نەپلە روزىلارنى تۇتۇشقا باشلىدىم، مەن قازا روزىنى تۇتۇش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ نىيىتىمنى ئۆزگەرتسەم توغرا بولامدۇ؟ كۈندۈزدە نىيەتنى ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟ يەنى مەن كېچىدە نەپلە روزىنى نىيەت قىلىپ كۈندۈزدە بۇنى قازا روزىنىڭ نىيىتىگە ئۆزگەرتسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: رامىزاندا قالغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ئۈچۈن، باشلاپ بولغان نەپلە روزىنىڭ نىيىتى ئۆزگەرتىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قازا روزىنىڭ نىيىتىنى كېچىدىن باشلاش كېرەك، چۈنكى قازا روزىمۇ ئادا روزىغا ئوخشاشتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 730-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسكە ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: رامىزان روزىسى ياكى رامىزاننىڭ قازا روزىسى ياكى نەزىر روزىسى قاتارلىق روزىلارنى نىيەت قىلىشتا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى نىيەت قىلىش كېرەك، ئەگەر تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى نىيەت قىلمىسا دۇرۇس بولمايدۇ، ئەمما نەپلە روزا ئۈچۈن تاڭ يورىغاندىن كىيىنمۇ نىيەت قىلسا بولىدۇ. بۇ ئىمام شاپىئى، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق ئىبنى راھىۋەي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رامىزان روزىسى، قازا روزا، كاپارەت روزىسى، ھەجنىڭ پىديىسى ئۈچۈن تۇتىلىدىغان ۋە باشقا ۋاجىپ بولغان روزىلارنى كۈندۈزدە نىيەت قىلىپ تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق". ["ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم 289-بەت. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلمۇغنى"ناملىق ئەسىرى 3-توم 26-بەتكە قارالسۇن].

    چۈنكى ئىبادەتتىن بىكار بولغاندىن كېيىن نىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

    ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئەشباھ ۋەننەزائىر" ناملىق ئەسىرىنىڭ 37-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بىلەن نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نامازنى ئۈزۈشنى مەقسەت قىلسا ناماز بىكار بولۇپ كەتمىگەنگە ئوخشاش باشقا ئىبادەتلەرمۇ شۇنداق بولىدۇ".

    روزا نەپلە نىيىتى بىلەن بولغان بولسا ئۇ قازا روزىنىڭ ئورنىدا بولمايدۇ.

چۈنكى روزىنى نەپلە نىيىتى بىلەن باشلاپ، ئاندىن كۈندۈزدە ئۇنى قازا روزىغا ئۆزگەرتسە، ئۇ كىشى كۈننىڭ بەزىسىدە ۋاجىپ روزا تۇتقان بولدى، بۇ پەرز روزىنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ، چۈنكى ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ، ئۇ كىشى كۈننىڭ بەزىسىدە نەپلە روزىنى نىيەت قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپتە مۇتلەق روزىنى مەقسەت قىلىپ، ئاندىن ئۇنى مەلۇم بىر روزىغا ئۆزگەرتىش توغرا بولمايدۇ. ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 39689- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

شۇنىڭغا دىققەت قېلىڭكى، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك رامىزاننىڭ قازا روزىسى بار كىشىنىڭ نەپلە روزا تۇتۇشى چەكلەنمەيدۇ، بەلكى كۈچلۈك قاراشتا ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان نەپلە روزىسى توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشى خالىسا نەپلە روزا تۇتىدۇ خالىسا ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى رامىزاننىڭ قازا روزىسى قاتارلىق ۋاجىپ بولغان روزىلارنى تۇتىدۇ، قازا روزىسى بار كىشى ئۈچۈن يەنە بىر رامىزان كېرىشتىن ئىلگىرى قازا روزىلىرىنى تۇتقۇدەك ۋاقىت بولسا ئۇ كىشى نەپلە روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈن روزا توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئىختىلاپى بار، بەزى ئۆلىمالار رامىزاننىڭ قازا روزىسى بار كىشىنىڭ ئۇ روزىنى تۇتۇشتىن ئىلگىرى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈن روزىسىنى تۇتۇشى چەكلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 41901-39328-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش