پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پەرزەنت ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىراجىتىدىن سەدىقە قىلسا، بۇنىڭ ساۋابى دادىسىغا بولامدۇ ياكى پەرزەنتنىڭ ئۆزىگە بولامدۇ؟

سۇئال

مەن ئوقۇغۇچى بولۇپ، كۈندىلىك خىراجىتىمنى دادامدىن ئالىمەن، كۈندىلىك خىراجىتىمنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئايرىپ مەسچىت قۇرۇلىشىغا ياردەم قىلماقچى بولسام، بۇنىڭ ساۋابى ماڭا بولامدۇ ياكى مال دادامنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابى دادامغا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    دادىڭىز سىزگە كۈندىلىك خىراجىتىڭىز ئۈچۈن بەرگەن پۇلدىن ئايرىپ ئۇنىڭدىن مەلۇم مىقدارنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلسىڭىز، سىز ئۈچۈن سەدىقە قىلغاننىڭ تولۇق ساۋابى بولىدۇ، دادىڭىز ئۈچۈن بۇ مالنى كەسىپ قىلغانلىق ۋە سىزگە خىراجەت قىلغانلىقنىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ. ھېچ بىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى ئۆز ئېرىنىڭ ئۆيىدىن بۇزۇپ-چاچماستىن سەدىقە قىلىدىكەن، ئۇ ئايالغا سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، خەزىنىچىگە ساقلىغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، ئېرىگە مالنى كەسىپ قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1440-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1024-ھەدىس].

    بۇ سەدىقە توغرىسىدا، ئايال كىشى مالنىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان ئېرىنىڭ ئىقتىسادىنى بۇزۇپ-چاچماستىن ئۆرپ-ئادەت بويىچە سەدىقە قىلغان بولسا توغرا بولىدۇ، ئەمما ئايال ياكى بالا دادىسىنىڭ جاپا تارتىپ تاپقان ئىقتىسادىنى قالايمىقان بۇزۇپ-چاچسا ياكى ئادەتتىن تاشقىرى سەدىقە قىلىدىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە سەدىقە قىلىشتا، چوقۇم مال ئىگىسىدىن يەنى دادىسىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. [پەتھۇل بارى 3-توم 303-بەتكە قارالسۇن].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى