جۈمە 12 سەپەر 1446 - 16 ئاۋغۇست 2024
Uygur

تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ ھەقىقى كالامىمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

   كاشكى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار: تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىقلار  بۇ كىتابلار ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ۋاقىتتىكى ئەسلى كىتاب دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟، مەن بۇنىڭدىن ھازىرقى دەۋرىدە كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يەھۇدى ۋە خرىستىئانلار ئوقۇۋاتقان كىتابلارنى مەقسەت قىلمايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
   بىرىنچى: «بەندە ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەرگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلەرگە تولۇق ئىشەنمىگۈچە ھەقىقى مۆمىن بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەرگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ.» [سۈرە بەقەرە 285-ئايەت].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ يېنىغا چىققاندا، يېنىغا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ: ئىمان دېگەن نېمە؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىمان دېگەن: سېنىڭ ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىشىنىشىڭدۇر دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 50-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 9-ھەدىس].

   قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق كىتابلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر-ئەلچىلەرگە نازىل قىلغان كىتابلىرىدىندۇر، ئۇنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئىنكار قىلسا ئۇ كىشى ئاللاھغا كاپىر بولىدۇ.

  ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدىن ھېچ بىرى يارىتىلغان مەخلۇق ئەمەس، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتتە تەۋراتنى، ئىنجىلنى، قۇرئاننى ۋە زەبۇرنى سۆزلىدى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىمايمىز، ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىمايمىز، ئۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ كالامىدۇر.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏أَفَتَطْمَعُونَ أَنْ يُؤْمِنُوا لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُ مِنْ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ‏  تەرجىمىسى: «(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر ؟ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى» [سۈرە بەقەرە 75-ئايەت].

    ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ كالامى بولغان تەۋراتنى ئۆزگەرتكەن، ئۇنى ئاللاھ تائالا ئاللاھنىڭ كالامى دەپ ئاتىغان.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام روھى ئالەمدە مۇنازىرە قىلىشتى، مۇسا ئەلەيھىسسالام: "ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىز، بىزنى خاراب قىلدىڭ، بىزنى جەننەتتىن چىقاردىڭ دېدى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن مۇسا، سېنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلەن سۆزلىشىشكە تاللىدى، ساڭا ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەردى-يەنە بىر رىۋايەتتە: ساڭا تەۋراتنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەردى- ئاللاھ تائالا مېنى يارىتىشتىن قىرىق يىل ئىلگىرى ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن بىر ئىش ئۈچۈن ماڭا تاپا-تەنە قىلامسەن؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئادەم ئەلەيھىسسالام دەلىلدە مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۈستۈن كەلدى، ئادەم ئەلەيھىسسالام دەلىلدە مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۈستۈن كەلدى دېدى». مۇسلىم رىۋايىتى 2652-ھەدىس].

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىلگىرىكى ئۈممەت ۋە ئۇلارنىڭ ئىماملىرىدىن بولغان ساھابىلار، تابىئىنلار، ئۇلارغا ياخشىلىقتا ئەگەشكەنلەر، تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئىماملىرىنىڭ تۇتقان يولى، قۇرئان، ھەدىستە بايان قىلىنغان نەقلى دەلىللەر ئوچۇق-ئاشكارا ئەقلى دەلىللەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم يارىتىلغان مەخلۇق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئاللاھدىن باشلاندى، ئاللاھ تائالاغا قايتىدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئاننى، تەۋراتنى، ئىنجىلنى سۆزلىگۈچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بولۇپ، ئۇ يارىتىلغۇچى ۋە ئاللاھدىن ئايرىلغۇچى مەخلۇق ئەمەس، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ خائىشى، ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن سۆزلەيدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزى ئاللاھنىڭ زاتى بىلەن تۇرغۇچىدۇر، ئۇ ئاللاھدىن ئايرىم يارىتىلغۇچى ئەمەس، ئاللاھنىڭ كالامى چەكسىز بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًا تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولۇپ كەتسە، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز (سۈيىنى) كەلتۈرسەكمۇ» [سۈرە كەھەپ 109-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ۋە تەۋراتنى ئەرەب تىلىدا سۆزلىدى.

    يەنە مۇنداق دېدى: "كىمكى ئاللاھنىڭ كالامىنى يارىتىلغۇچى مەخلۇق دەيدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: إنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إلَهَ إلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي تەرجىمىسى: «مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» دېگەن بۇ سۆزنى قىلغۇچى يارىتىلغۇچى مەخلۇق بولىدۇ، بۇ مۇمكىن بولمايدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ غەيرىدىن بولىشى توغرا بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن قۇرئان بىلەن، تەۋرات بىلەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كىتابلار بىلەن سۆزلىگەن بولسا، ئۇنىڭ مەنىلىرى، لەۋزىلىرى ۋە  ھەرىپلىرىنىڭ تىزىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھېچ بىرى يارىتىلغۇچى مەخلۇق بولمايدۇ، بەلكى بۇنىڭ ھەممىسى ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ كالامى بولىدۇ...".  ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 12-توم 37-41-بەتلەرگە قارالسۇن. "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 12-توم 355-356-بەتكە قارالسۇن]. 

   شەيخ مۇستاپا شەھبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن، قۇرئان كەرىم بىلەن، قۇرئاندىن بىر سۈرە بىلەن ياكى قۇرئاندىن بىر ئايەت بىلەن قەسەم قىلغان بولسا ئۇ قەسەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەتتۇر، كىمكى ئۇنىڭ بىلەن ياكى ئۇنىڭدىن بولغان بىر نەرسە بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھنىڭ سۈپىتى بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ.

    شۇنىڭدەك، تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇرغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن قەسەم قىلسىمۇ ئۇمۇ كاپارەت كېلىدىغان قەسەم بولىدۇ، چۈنكى مۇتلەق بولغاندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل بولغان كىتابلارغا قايتىدۇ، ئۇ ئۆزگەرتىلگۈچى ياكى ئالماشتۇرۇلغۇچى ئەمەس، قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇ كىتابلارنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ ھۆرمىتى چۈشۈپ كەتمەيدۇ، قۇرئاندا ئۇنىڭ ھۆكمى بىكار قىلىنغانغا ئوخشاش، ئۇ ئىش ئۇ كىتابلارنى ئاللاھنىڭ كالامىدىن چىقىرۋېتىلمەيدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ كالامى بولىدىكەن، ئۇ قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش چوقۇم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەت بولىدۇ". ["مەتالىبۇ ئۇلىن نۇھا" 6-توم 361-بەت].

    شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە كىتابلارنى نازىل قىلدى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى، داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا زەبۇرنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندا بايان قىلىنغاندەك، سەھىپىنى نازىل قىلدى، شەكسىزكى، ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىگەن شەرىئەت ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان  كالامىدىن ئىبارەتتۇر". ["شەيخ ئىبنى جىبرىين پەتىۋالىرى" 63-توم 117-بەت]. 

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 47516 -، ۋە 145665 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى