پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى قانداق تاللايدۇ؟

201556

تارقاتقان ۋاقىت : 26-07-2022

كۆرگۈچىلەر : 1195

سۇئال

   «جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بولۇپ مۇسۇلمان كىشى مۇشۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇغان ھالەتتە ئاللاھدىن ياخشىلىقنى سورىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا سورىغىنىنى بېرىدۇ» دېگەن مۇشۇ ھەدىس توغرىسىدا مېنىڭ بىر قانچە سوئاللىرىم بار:

   1-جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى تاللاش ئۈچۈن ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟.

   2-ھەدىستە بايان قىلىنغان «ناماز ئوقۇغان ھالەتتە» دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟ ، ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ناماز ئوقۇشۇم كېرەك بولامدۇ؟.

   3-ئىنسان جۈمە كۈنى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە تۇرسا، جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقىچە دۇئا قىلسا، يەنى ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىت، ئۇ كىشى جۈمە كۈنى تولۇق دۇئا قىلغان بولامدۇ؟، ئۇ كىشى جۈمە كۈنىنىڭ ھەممىسىدە ئۇخلىماي ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ھەدىستە: «جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بولۇپ مۇسۇلمان كىشى مۇشۇ ۋاقىتتا ئاللاھدىن ياخشىلىقنى سورىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا سورىغىنىنى بېرىدۇ» دەپ كەلگەن، مۇشۇ ۋاقىتنى بېكىتىشتە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ. بۇ توغرىدا قىرىقتىن ئارتۇق قاراش بار، بۇنىڭ ئەڭ توغرىسى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى: ئىمام خۇتبىگە تۇرغاندىن باشلاپ نامازنى ئادا قىلىپ بولغىچە، ئىككىنچىسى: ئەسىر نامىزىدىن كېيىن دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك قاراشنىڭ كۈچلۈكرەكىدۇر.

   ئىككىنچى: جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت بولسا جۈمە كۈنىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقتىدۇر، بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جۈمە كۈنىدە ئون ئىككى ۋاقىت بولۇپ، مۇشۇ ۋاقىتلاردا مۇسۇلمان ئاللاھ تائالادىن بىر نەرسە سورىسا ئاللاھ ئۇنىڭغا تىلىكىنى بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتنى جۈمە كۈنى ئەسىردىن كېيىن ئىزدەڭلار» [ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1048 –ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : "مەن ئۇ ۋاقىتنىڭ قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلدىم" دېگەندە، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا:  ئۇ ۋاقىتنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىن دەيدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ئۇ جۈمە كۈنىدىكى ئاخىرىقى ۋاقىت دەيدۇ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇ قانداقمۇ جۈمە كۈنىدىكى ئاخىرىقى ۋاقىت بولسۇن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلمان ئۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇغان ھالەتتە بولسا» دېگەن تۇرسا، ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىتتا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدىغان تۇرسا؟ دېگەندە، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى ناماز ئوقۇغان جايدا ئولتۇرۇپ نامازنى كۈتسە نامازنى ئادا قىلغانغا قەدەر ئۇ كىشى نامازدا بولىدۇ» دېمىگەنمۇ؟ دېدى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇئەنھۇ: ئۇ ئاشۇ ۋاقىت دېدى". [ ئەبۇ داۋۇد رىۋايى1046 –ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.]

   ھاپىز ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "سەئىد ئىبنى مەنسۇر ئەبۇ سەلەمىدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر بىر جايغا كېلىپ جۈمە كۈنىدىكى ئاخىرىقى ۋاقىت توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىشىپ، ئايرىلىشتى، ئۇ ۋاقىتنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ئاخىرىقى ۋاقىت ئىكەنلىكىدە ھېچ كىم ئىختىلاپ قىلمىدى".  ["پەتھۇل بارى" 8 -توم 302-303 بەتلەر.]

   ئۈچىنچى:  ھەر قېتىم مەسچىتكە كىرگەندە تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇش يولغا قويۇلغان، ھەتتا ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردىمۇ يولغا قويۇلغان چۈنكى ئۇ سەۋەبكە ئالاقىدار ناماز بولۇپ، سەۋەب ھاسىل بولغاندا يولغا قويۇلىدۇ.  

    مۇسۇلمان كىشى جۈمە كۈنى ئەسىردىن كېيىن مەسچىتكە كىرگەندە، قايسى ۋاقىت بولسۇن تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ، بەلكى بۇنداق قىلىش شۇ كىشى ھەققىدە يولغا قويۇلغان، لېكىن مەسچىتتە بولغان كىشىنىڭ ئەسىردىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ مۇتلەق نەپلە نامىزى ئادا قىلىشى يولغا قويۇلمىغان، چۈنكى ئەسىردىن كېيىن مۇتلەق نەپلە ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنگەن.

   تۆتىنچى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىنى زىكىر قىلىپ: «جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بولۇپ مۇسۇلمان كىشى مۇشۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇغان ھالەتتە ئاللاھدىن ياخشىلىقنى سورىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا سورىغىنىنى بېرىدۇ» دەپ ئۇ ۋاقىتنىڭ بەك قىسقا ئىكەنلىكىگە قولى بىلەن ئىشارەت قىلغان. [بۇخارى رىۋايىتى 935-ھەدىس.  مۇسلىم رىۋايىتى 852  -ھەدىس].

     ناماز ئوقۇغان ھالەتتە دېگەنلىك، مەسچىتتە ئولتۇرۇپ ئاللاھنى ياد قىلىپ، دۇئا قىلىپ يەنە بىر نامازنى كۈتىدۇ، چۈنكى مەسچىتتە ئولتۇرۇپ نامازنى كۈتكەنلىك دېگەن ناماز ئوقۇغانلىقتۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: " قازىي ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سەلەپ ئالىملىرى «ناماز ئوقۇغان ھالەتتە » دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدە ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىلەر ئۇنىڭ مەنىسىنى: ناماز ئوقۇغان دېگەندىن دۇئا قىلغان، قىيامدا تۇرغان دېگەندىن، دۇئا ۋە نامازنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ۋە ۋەزىپە قىلغان دېمەكتۇر دېدى. ئاللاھ تائالا ئايەتتە: «رەببىم! شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن.  ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق).»

   "پەتھۇل بارى"  2 -توم 416 -بەت ۋە  "مىرقاتۇل مەپاتىھ"  3 -توم1012 -بەتتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر زىكىر قىلىنغان.

    بەشىنچى: دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى تېپىشتا ئىنسان ئۆزىگە قاتتىقلىق قىلىپ، كېچىسى ئۇخلىماي، كۈندۈزنىڭ ھەممىسىدە دۇئا بىلەن ئۆتسۇن دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، ئۇ ئىشنىڭ قىيىنلىقى ۋە تەسلىكى بىلەن سۈننەتتىن ھېسابلانمايدۇ.

    بىر كىشىنىڭ پۈتۈن كېچە تۇرۇپ كېچىنىڭ ھەممىسىدە ناماز ۋە دۇئا بىلەن ئۆتكۈزۈشى سۈننەتتىن قاتارىدىن ئەمەس، كېچىدە ئۇخلايدۇ ۋە قىيامدا تۇرىدۇ، شۇنىڭدەك باشقا كېچىلەردە تۇرماي پەقەت جۈمە كېچىسىدە تۇرۇشمۇ يولغا قويۇلمىغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باشقا كېچىلەرنى قويۇپ پەقەت جۈمە كېچىسىنى كېچىدە تۇرۇشقا خاس قىلىۋالماڭلار، باشقا كۈنلەردە روزا تۇتماي پەقەت جۈمە كۈنىنى روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋالماڭلار، پەقەت ئۆزىنىڭ روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كۈنىگە توغرا كەلسە مەيلى.» [مۇسلىم رىۋايىتى1144 –ھەدىس]. بۇ ھەدىس دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى تەلەپ قىلىش ۋە تاللاشنىڭ بۇنداق شەكىلدە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    لېكىن مۇسۇلمان كىشى تىرىشچانلىق قىلىپ بامدات نامىزىدىن كېيىن ئاللاھ خالىغان ۋاقىتقىچە مەسچىتتە ئولتۇرسا ئاندىن جۈمە نامىزىغا بۇرۇن بارسا، ئىمام بىلەن نامازنى ئادا قىلسا، ئاندىن يەنە مەسچىتكە كېلىپ ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ جۈمە كۈنى كۈن پاتقۇچە مەسچىتتە ئولتۇرسا، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ خالىسا ئۇ كىشى جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى تاپىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىنى جۈمە كۈنىنىڭ بەركىتىدىن مەھرۇم قويماسلىقى ئۈمىت قىلىنىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى