جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن زاكات ئايرىش ۋە زاكاتنى بەرگەندە خاتالاشقانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    دادام زاكاتنى خاتا ئايرىغان، چۈنكى ئۇ زاكات ئايرىيدىغان مال ئۆلچەمگە يېتىشتىن بۇرۇن ئايرىغان، ئۇنىڭ دېيىشچە ئۇ ھىجىرىيە بويىچە ھېسابلىماي مىلادىيە يىلى بويىچە ھېسابلىغان، ئەمدى ئىلگىرى بىلمەستىن زاكاتنى مىلادىيە يىلى بويىچە ئادا قىلغاننىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئۇنىڭدىن سىرت دادام ئۆتكەن يىللاردا بىرقانچە يىل پەقەت زاكات ئايرىمىدى، ئۇ يىللارغا نېمە دەيمەن؟، سىلەر بىلىسىلەر ئۆتكەن يىللاردىكى زاكات دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. دادام بەك كۆيۈمچان، كۆڭلى يۇمشاق، سېخى ئادەم بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا سوئال قىلىنغاندا بۇنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى مەن بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا تولۇق ئىشەنمەيمەن، مەن ئۇنىڭ زاكاتنى ئايرىمىغان بىر قانچە يىللار توغرىسىدا سۆزلەشسەم، ئۇ بۇنى رەت قىلىپ مەن زاكاتنى تولۇق ئايرىدىم دەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىلگىرى 138703 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا: مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشتىن  بۇرۇن ئۇنىڭدىن زاكات ئايرىلسا، زاكات بولماستىن بەلكى خالىس قىلىنغان سەدىقە ھېسابلىنىدۇ، مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يىتىپ ئاندىن بىر يىل توشقاندا ئۇنىڭدا زاكات پەرىز بولىدۇ، دېيىلگەن.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن زاكات ئايرىش توغرا بولمايدۇ، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ يوق، ئەگەر ئىنسان ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان مەلۇم مالغا ئىگە بولغاندىن كىيىن ئالدىراپ ئۇنىڭدىن زاكاتنى ئايرىسا، توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ھۆكۈمنىڭ سەۋەبى تىپىلىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ قالغان بولىدۇ". ["ئەلمۇغنى"2-توم 471-بەت].

    ئىككىنچى: ئۆتكەن يىللاردا زاكاتنى ئادا قىلىشقا سەل قارىغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ، تەۋبە قىلىشى كېرەك، ئاندىن شۇ يىللاردا ئۆزى ئىگە بولغان ماللارنىڭ مىقدارىنى ئېنىق بىلسە، ئۇ مالغا زاكات بېرىدۇ، زاكاتنى بەرمەي ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر يىلنىڭ زاكىتىنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مىقداردا ئادا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىگە ئىش ئارىلىشىپ كەتسە، مالنىڭ ھېسابىنى ئېنىق بىلەلمىسە، مۇمكىن قەدەر توغرا ھېسابلاپ شۇ بويىچە زاكات بېرىدۇ.

    ئەگەر بىر يىلنىڭ زاكاتنىڭ ھېسابىنى بىلسە يەنە بىر يىلنىڭ ھېسابىنى بىلمىسە، بىلگەن يىلنىڭ زاكىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئايرىيدۇ، بىلمىگەن يىلنىڭ زاكىتىنى مۇمكىن قەدەر توغرا شەكىلدە ھېسابلاشقا تېرىشىپ شۇ بويىچە ئايرىيدۇ. 26119 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئۈچىنچى: مالغا زاكات پەرىز بولۇشتىن ئىلگىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ئۇ مالنىڭ زاكىتىنى بەرسە بولىدۇ، ئۇ كىشىدىن كۇپايە قىلىدۇ. يەنى ھىجىرىيە 10-ئايدا(شەۋۋال ئېيىدا) زاكات پەرىز بولسا، زاكاتنى 9-ئايدا(رامىزان ئېيىدا) ئالدىغا سۈرۈپ بەرسە توغرا بولىدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاكاتنىڭ پەرىز بولۇش سەۋەبى تېپىلغاندىن كىيىن (مال ئۆلچەمگە يەتكەندىن كىيىن)پەرىز بولۇش ۋاقتىدىن بۇرۇن (يىل توشۇشتىن بۇرۇن) بەرسە بۇ ئەبۇ ھەنىپە، شافىئى ۋە ئەھمەد قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا توغرا بولىدۇ، شۇنىڭدەك چارۋىلاردىن، نەخ پۇلدىن ۋە تىجارەت ماللىرىدىن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك مالغا ئىگە بولسا، يىل توشۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرسە توغرا بولىدۇ. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 25-توم 85-بەت].

    تۆتىنچى: مال قولغا ئۆتۈپ ھىجىرىيە ھېسابى بويۇنچە ئون ئىككى ئاي ئۆتكەندە، ئۇ مالغا زاكات پەرىز بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَهِلَّةِ قُلْ هِيَ مَوَاقِيتُ لِلنَّاسِ وَالْحَجِّ  تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (تىرىكچىلىك، سودا ـ سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر». [سۈرە بەقەرە 189-ئايەت].

    زاكاتنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان شەرئى ئۈزۈر بولمىغان ئەھۋالدا، زاكاتنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈپ ئايرىش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن: زاكاتنىڭ يىل سانىنى بىلىش ئۈچۈن مىلادىيە ئايلىرىغا تايىنىۋېلىش توغرا بولمايدۇ.

    مېلىنىڭ زاكىتىنى مىلادىيە ئايلىرى بويىچە ئايرىغان كىشى ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە ئارىدىكى پەرقنىڭ زاكىتى ئايرىشى كېرەك بولىدۇ، ئارىدىكى پەرقنى بىر قانچە شەكىلدە ھېسابلاش مۇمكىن بولىدۇ، ئۇ يوللاردىن:

    -تۈنجى قېتىم زاكات ئايرىغان ۋاقىتتا ھىجىرىيە تارىخىنى بىلىشى كېرەك، ئاندىن ئۇ تارىخنى كىلىدىغان يىللاردا زاكات ئايرىيدىغان ۋاقىت قىلىشى كېرەك.

    -ھىجىرىيە يىلى بىلەن مىلادىيە يىلىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئون بىر كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، سىز دەسلەپتە مىلادىيە يىلى بويىچە زاكات ئايرىغان يىللارنى بېكىتىڭ، ئاندىن ئۇنى ئون بىرگە كۆپەيتىڭ، ئاندىن ئۇنى ھىجىرىيە يىلىغا قوشۇڭ، زاكاتنى مۇشۇ ھېساب بويىچە ئايرىڭ، بىز مىلادىيە بىلەن ھىجىرىيە ئارىسىدىكى پەرىقتىن تولۇق زاكات ئايرىيدىغان  بىر يىل ھاسىل بولىدۇ دەپ ئويلىمايمىز، بەلكى ئارىدىكى پەرق مەلۇم كۈنلەر ياكى بىر قانچە ئايلار ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنى ئايرىش توغرا بولىدۇ، لېكىن ھىجىرىيە يىلى بويىچە ھەر يىللىق زاكات ئايرىيدىغان ۋاقىتنى بېكىتىش كېرەك بولىدۇ.

   بەشىنچى: سوئال سورىغۇچىنىڭ سۆزى ئوچۇق ئەمەس ياكى كۇپايە قىلغۇدەك شەكىلدە ئېنىق ئەمەس، بىز ئۇ كىشىنىڭ سۆزى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئېھتىماللىق بويۇنچە جاۋاپ بەردۇق.

   -دادىڭىز ئىقتىسادى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشتىن بۇرۇن زاكات ئايرىغان بولسا، مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمەيدىكەن بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ زاكات پەرىز بولمايدۇ، دادىڭىزنىڭ ئايرىغىنى نەپلە سەدىقە بولىدۇ، بۇنى مىلادىيە ياكى ھىجىرىيە يىلى بىلەن ھېسابلاپ بېرىشىنىڭ ھېچنېمىگە زېيىنى يوق.

   -ئەگەر ئاتىسى مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يىتىپ يىل توشۇشتىن ئىلگىرى زاكاتنى ئايرىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئايرىغان زاكات توغرا بولىدۇ، چۈنكى مال زاكات ئۆلچىمىگە يېتىپ يىل توشۇشتىن بۇرۇن زاكات بەرسە ھېچ گەپ بولمايدۇ.

   -ئەگەر مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يىتىپ، زاكات ئايرىيدىغان ۋاقىتنى مىلادىيە ئېيى بويىچە ھېسابلىغان بولسا، خاتالاشقان بولىدۇ، ئەگەر بۇنى بىلمەي قىلغان بولسا، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك، ھازىر بۇنداق ئەھۋال كۆپچىلىك ئىسلام مەملىكەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، چۈنكى ھېسابلىرى ئايلىق ئىش ھەققى ۋە ھەممە ئىشلىرى مىلادىيە ھېسابى بويىچە كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، بۇنداق مەسىلىدە ئارىلىشىپ كېتىش كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ دادىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە بۇنداق مەسىلىلەرنى بىلمەسلىكى بۇ تەبىئىي ئىش بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئارتۇقچە تاپا-تەنە قىلىشمۇ ياخشى ئەمەس، مۇشۇنىڭ ھەممىسى پەقەت خاتانى توغرىلاشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئەسلىدە دادىڭىزنىڭ زىممىسىدە ھېچ قانداق قەرىز ياكى ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەت يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن گۇمان بىلەن ياكى خاتا قاراش بىلەن ئۇنىڭ زىممىسىدە ئۆتكەن يىللارنىڭ زاكىتى بار دېيىش توغرا بولمايدۇ. ئۇ كىشىدە ئەسلىدىلا ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مېلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىشتا ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئەگەر دەلىل بولمىسا ئۇ كىشىگە ھېچقانداق بىر نەرسە لازىم كەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى راست سۆزلەيدىغان كىشى بولسا، ئۆتكەن يىللاردا مەن زاكاتنى ئايرىدىم دېگەن سۆزى قوبۇل قىلىنىدۇ، ئۇنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ياكى سۆزىنى يالغانغا چىقىرىش توغرا بولمايدۇ، گەرچە ئۇ كىشى ئۆز گۇمانىدا خاتا قىلغان بولسىمۇ ياكى ئىلگىرىكى زاكىتىدىن بىر نەرسە چىقارمىغان بولسىمۇ.

سىز ئاتىڭىزغا ئۇ زاكاتنى ئايرىغۇچە ياكى سىز ئۇنىڭ مېلىدىن ئايرىغۇچە مۇلايىم بولۇڭ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى