سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت مۇكەممەل بولۇش كېرەكمۇ؟

سۇئال

ئىسلام دىنىدا ئەر-ئايالنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ياخشى كۆرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان نەرسە بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا بىر ئەرنىڭ بىر قانچە ئايالنى ياخشى كۆرۈشى قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت بولسا تەبىئىي ئىش بولۇپ، بۇنداق ئىشلاردا بۇ شەرىئەتتە زۆرۈر بولغان ئىش ياكى شەرىئەت شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان دېيىلمەيدۇ، بەلكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا تەبىئىي ئاڭ كۇپايە قىلىدۇ.

    ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنى رومانتىك خىيال ۋە شېرىن چۈشتەك خىيال قىلغان كىشىلەر ئىنسانلار ياشاۋاتقان جاپا-مۇشەققەتلىك مۇشۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان بىر نەرسىنى ئىزدىگەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ خَلَقْنَا الإنْسَانَ فِي كَبَدٍ   تەرجىمىسى: بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق [سۈرە بەلەد 4-ئايەت].

جاپا-مۇشەققەتلىك نەرسىدىن راھەت تەلەپ قىلىشىڭ

پاسكىنا، دۇغ نەرسىلەردىن سۈزۈك سۇ تەلەپ قىلىشتۇر

كۈنلەرنى ئۆز خاھىشىنىڭ زىتىغا تەكلىپ قىلىش

سۇدىن ئوت ئۇچقۇننى تەلەپ قىلىشتۇر.

    شۇنى چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا ھاياتقا مۇۋاپىق كۆز بىلەن قارايمىز، تولۇق كامالەت ياكى يوقالغۇچى مۇشۇ دۇنيادا ئەيىپسىز بىر نەرسىنى تەلەپ قىلمايمىز، كۆزىمىز كۆرۈۋاتقان ئەيىپلىك نەرسىلەر بىزنى دۇنيادا ياشاشتىن ۋە ياشاش يۆلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن چەكلەپ قويمىسۇن.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىگە: نېمە ئۈچۈن تالاق قىلىسەن؟ دېگەندە، ئۇ كىشى: ئۇنى ياقتۇرمايمەن دەيدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەممە ئۆي مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغانمۇ؟ ئېتىبار بېرىش ۋە ساقلىنىش يوقمۇ؟ دەيدۇ. ["ئۇيۇنۇل ئەخبار"3-توم 18-بەت]. 

    بۇنىڭ مەنىسى: ئائىلىمىز ۋە دوستلىرىڭىزدىن يېتىدىغان ئەزىيەتلەرگە سەبىر قىلىڭ، كىشىلەر ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان ئەھۋالى ئاساسەن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا ئوخشايدۇ، بەلكى نۇرغۇن كىشىلەر بىر-بىرىگە رازىلىقى يوق ۋە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرمەستىن بىرگە ياشاپ قالغان، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھاجىتى ئۇلارنى بىر يەرگە جۇغلىغان.

    ئېتىبار بېرىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق ئائىلىدىكىلەر بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ قارشىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى بىلىدۇ.

    ساقلىنىش دېگەن: ھەر بىرى ئايرىلىشنىڭ ياكى ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن يۈز بېرىشتىن ھەزەر قىلىش دېمەكتۇر.

   بۇ ئايەتنى ئويلىنىپ بېقىڭ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ  تەرجىمىسى: ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن(ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا(يەنى ئەر- خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. [سۈرە رۇم 21-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇھەببەتتىن خەۋەر بەردى، ئۇنى شەرئى مەجبۇرىيەت دەپ ئېتىبارغا ئالماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ ياراتقان ئىشلىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىن دەپ ئېتىبارغا ئالدى، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئۇنىڭغا بۇيرىدى، قەلبىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئۆزىگە بەندە ئىگە بولالمايدۇ، پەقەت ئېھسان قىلىش ۋە ياخشى تۇرمۇش قۇرۇشقا ئىگە بولالايدۇ.

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ:  وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا  تەرجىمىسى:ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى،ئاراڭلاردا(يەنى ئەر- خوتۇن ئارىسىدا) مېھر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. يەنى ئاللاھ تائالا سىلەر ئۈچۈن ئۆز تىپىڭلاردىن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاياللارنى ياراتتى.

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَجَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا لِيَسْكُنَ إِلَيْهَا تەرجىمىسى: ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ ئېغىر بوي يۈردى، ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر ـ خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى ئاللاھقا: ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ دۇئا قىلدى. [سۈرە ئەئراپ 189-ئايەت].

    يەنى ئاللاھ تائالا ھەۋا ئانىمىزنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستۈن سول قوۋىرغىسىدىن ياراتقان، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەركەك قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى جىندىن ياكى باشقا جانلىقلاردىن ياراتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق، بىرلىك بولمايتتى، بەلكى بىر-بىرىدىن يىراق بولۇش، قىچىش شەكىللىنەتتى، شۇنىڭدەك ئەرلەر باشقا جىنسىدىن بولغان بولسىمۇ شۇنداق بولاتتى، ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىغا قىلغان رەھمىتىنىڭ تامامىدىن، ئۇلارنىڭ جۈپلىرىنى ئۆز جىنسىدىن قىلدى، ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا ياخشى كۆرۈشنى قىلدى، ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەھمەتنى قىلدى، ئۇ بولسىمۇ كۆيۈنۈشتۇر، ئەر كىشى ئايالىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ياكى كۆيۈنگەنلىكىدىن ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالدىن ئۇ ئەر ئۈچۈن پەرزەنت دۇنياغا كېلىدۇ ياكى ئايال خىراجەتتە ئەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ ياكى ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا يېقىنلىق-بىرلىك ھاسىل بولىدۇ ياكى باشقا ئىشلار بولىدۇ". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"6-توم 309-بەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ فَإِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا  تەرجىمىسى: ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. [سۈرە نىسا 19-ئايەت].

   شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەرنىڭ ئايال بىلەن چىرايلىقچە تۇرمۇش كەچۈرىشى، گۈزەل شەكىلدە ھەمراھ بولىشى، ئەزىيەتلەرنى توسۇشى، خەير-ئېھسان قىلىشى، چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، خىراجەت قىلىپ بېرىش ۋە كىيىم-كېچەك قىلىپ بېرىش قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:  فَإِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا  تەرجىمىسى: ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن يەنى: ئەي ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارنى ياقتۇرمىساڭلارمۇ بىرگە ياشاڭلار، بۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق بار، بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشتۇر، ئىككى دۇنيادا بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغان ئاللاھنىڭ تاپشۇرۇقىنى قوبۇل قىلىشتۇر.

    يەنە ئۇ كىشى گەرچە ئايالنى ياقتۇرمىسىمۇ نەپسىنى مەجبۇرلاپ، تىرىشچانلىق قىلىپ، گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك، بەزى ۋاقىتتا ياقتۇرماسلىق ئاخىرلىشىپ ئورنىغا مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. بەزى ۋاقىتتا ئۇ ئايالدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك بولغان ياخشى پەرزەنت دۇنياغا كېلىدۇ، مۇشۇنىڭ ھەممىسى ئايالنى ياقتۇرمىسىمۇ تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن بولىدۇ.

   ئەگەر ئايرىلىپ كېتىش زۆرۈر بولۇپ تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك بولمايدۇ. ["تەپسىر سەئدى"172-بەت].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۆمىن ئەر مۆمىن ئايالنى ئۆچ كۆرمىسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ بىر ئىشىنى ئۆچ كۆرسە يەنە بىر ئىشىدىن رازى بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى1469].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يەنى ئۆچ كۆرمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ، يەنى ئۇنىڭ بىر ئىشىنى ئۆچ كۆرسە يەنە بىر ئىشىدىن رازى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەخلاقى ناچار بولسىمۇ لېكىن ئۇ دىندار ياكى گۈزەل ياكى ئىپپەتلىك ياكى ئەرگە كۆيۈنىدىغان قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە بولىدۇ".

    ئىككىنچى: ئەگەر بىز ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ قارشىسىدىكى زۆرۈر ئىشلىرىدىن دەپ قارىساق، ئۇ ۋاقىتتا ئەرنىڭ ئايالىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇ ئەر خوتۇندىن ئىككىنى ياكى ئۈچنى ياكى تۆتنى ئالسا ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرسە، ئۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە نېمە قىيىنچىلىق بولىدۇ؟. بۇنىڭدىن نېمە توسۇپ قويىدۇ، بۇنىڭدىن پەقەت ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدىكى ياكى ئىككى شەخسنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەتتىن چەكلەپ قويىدىغىنى پەقەت رومانتىك چۈشەنچىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، چۈنكى ئۇ پىكىردە مۇھەببەتتە شېرىك بولۇش يوق، گوياكى ئۇلار مەھبۇبىنى چوقۇنغۇچىنىڭ ئورنىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇنۇشتا شېرىكنى قوبۇل قىلمايدۇ.

    ئىنسان ئۆزىنىڭ دادىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئانىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، باشقا يېقىنلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ھەممىسى بىر تۈردىكى مۇھەببەت، ئۇنىڭدا شېرىكلىك چەكلەنمەيدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن بىر كىشىنىڭ بىر قانچە ئايالنى ياخشى كۆرۈشى ئارىسىدىكى مۇھەببەت قانداقمۇ چەكلىنىدۇ؟.

    بىر كىشىنىڭ كۆڭلى بىر قانچە تۈرلۈك تائاملارنى خالايدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار تەمى ياكى پۇرىقى تۈرلۈك بولغان يىمەكلىكتۇر، ئۇ كىشىنىڭ ئۇنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلى تارتىدۇ، ھەممىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنداقتا بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە ئايالنى ياخشى كۆرۈشتىن شەرىئەتتە ياكى ئەقىلدە چەكلەپ قويىدىغان نېمە بار؟. ئەرنىڭ مۇھەببىتىنى شېرىكلىكنى قوبۇل قىلمايدىغان شەكىلدە ئايال ئۈچۈن خاس قىلغان نەرسە نېمە؟ بۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بولغان بەندىچىلىك مۇھەببىتىمۇ؟.

   ئەگەر نۇرغۇن كىشىلەردىن شۇنداق كۆرىلىدۇ، ھەقىقەتەن بىر ئەر بىر ئايالغا ئالاقىدار بولىدۇ ۋە بىر ئايال پەقەت بىر ئەرنىلا ياخشى كۆرەمدۇ؟ دېيىلسە، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ: ئىش شۇنداق بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەردىن شۇنداق بولغانلىقى كۆرۈلدى، ئۇلار كۆپ خوتۇنلۇق بولمىدى، لېكىن بۇ ئىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولىشىنى چەكلەپ قويمىدى، ياخشى كۆرۈپ قىلىشتىمۇ بۇ ئىش يۈز بەردى ۋە يەنە تەكرار-تەكرار يۈز بېرىدۇ.

   كۆپ ئاياللىق بولۇشتىكى ھېكمەتنى بىلىش ئۈچۈن 14022- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 101130- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

  ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى