بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
شەرئى چاقچاقنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1-ئۇنىڭدا دىننى مەسخىرە قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئىسلامنى، دىننى مەسخىرە قىلىش دېگەن ئىنساننى دىندىن چىقىرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَئِن سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ، لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا)«سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن، سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار» [سۈرە تەۋبە 65-66-ئايەت].
ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى مەسخىرە قىلىش كۇپۇرلۇق بولۇپ، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇشۇنداق قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، ساقال قويۇش، ھىجاپلىنىش، ئىشتاننى قىسقا كېيىش قاتارلىق بەزى سۈننەت ئەمەللەرنى مەسخىرە قىلغانلارمۇ كاپىر بولىدۇ.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن: “فى مەجمۇئەسسەمىن” ناملىق ئەسەر 1-توم 63-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “پەرۋەردىگارلىق، ۋەھيى، دىنى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىرام قىلىنىدىغان ئىشلار بولۇپ، بۇ ئىشلارنى مەسخىرە قىلىش، زاڭلىق قىلىپ كۈلۈش، ئويۇن-چاقچاققا ئايلاندۇرۇش توغرا بولمايدۇ، ئۇنداق قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنى، كىتابلىرىنى ۋە شەرىئىتىنى تۆۋەن كۆرۈش، كۆزگە ئىلماسلىق بولىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى دەرھال قىلمىشىغا تەۋبە قىلىشى كېرەك. بۇ مۇناپىقنىڭ ئالامىتى، بۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىپ، قىلمىشىنى تۈزىتىپ، دىلىنى ئاللاھدىن قورقىدىغان، ئاللاھنى ئۇلۇغلايدىغان، ئاللاھنى سۆيىدىغان، ئاللاھدىن قورقىدىغان قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.
2-قىلىنغان چاقچاق يالغان بولماستىن راست بولىشى كېرەك.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆز-چۆچەكلەرنى توقۇغان كىشىگە لەنەت بولسۇن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ئەقىلسىز كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق خەتەرلىك ئىشقا ئادەتلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ئەتراپىدا ئولتۇرغانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن بىر سۆزنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىن ئەڭ چوڭقۇر بولغان دوزاخقا تاشلىنىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
3-كىشىلەرنى قورقۇتىدىغان بولماسلىق.
بولۇپمۇ جۇشقۇن، ھەرىكەتچان ياكى قولىدا قورال ياكى تۆمۈر پارچىسى بولغان ياكى قاراڭغۇدا (كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەر) بۇنى كىشىلەرنى قورقۇتۇش ۋە چۆچۈتۈشكە قوللانماسلىقى كېرەك. ئەبى لەيلا مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار سەپەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كېتىۋاتقاندا، كىشىلەرنىڭ بەزىسى ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، بىر كىشى ئۇنىڭ قولىدىن ئارغامچىنى ئالغان ئېدى، ئۇ كىشى چۆچۈپ كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننى قورقۇتۇشى توغرا بولمايدۇ» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
قاش-كۆزلىرىنى قىسىپ مەسخىرە قىلماسلىق.
4-ئىنسانلار بىر نەرسىنى بىلىش، ئەقىل ئىشلىتىشتە دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ، شەخسىيەتلىرى پەرقلىق بولىدۇ، بەزى كۆڭلى پەس، ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنى قاش-كۆزلىرى بىلەن مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەر بىرەر كىشىنى تېپىۋالسا، ئۇ كىشىنى كۈلكە-چاقچاق، مەسخىرە ئوبىكتىۋى قىلىۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنداق قىلمىشتىن چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَوْمٌ مِّن قَوْمٍ عَسَىٰ أَن يَكُونُوا خَيْرًا مِّنْهُمْ وَلَا نِسَاءٌ مِّن نِّسَاءٍ عَسَىٰ أَن يَكُنَّ خَيْرًا مِّنْهُنَّ ۖ وَلَا تَلْمِزُوا أَنفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ ۖ بِئْسَ الِاسْمُ الْفُسُوقُ بَعْدَ الْإِيمَانِ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۆمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان!» [سۈرە ھۇجۇرات 1-ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى ئىزاھلاپ: “بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش، كېچىك كۆرۈش، مەسخىرە قىلىش بولۇپ، بۇ ھارام ئىش ۋە مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتى ھېسابلىنىدۇ”.
بەزى كىشىلەر ئىنساننىڭ تۇرقىنى، يارىتلىشىنى ياكى مېڭىشىنى ياكى بىرەر نەرسىگە مىنىشىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ باشقىلارنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراپ قىلىشىدىن ئەنسىرىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىرىندىشىڭغا ئۆزىڭىزنى چوڭ كۆرسەتمەڭ، ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىپ، سىزنى ئۇ ئىشقا مۇبتىلا قىلمىسۇن» [تىرمىزى رىۋايىتى].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقىلارغا ئەزىيەت قىلىپ مەسخىرە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇ دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك يولىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى خار قىلمايدۇ، تۆۋەن كۆرمەيدۇ، تەقۋادارلىق بۇ يەردە بولىدۇ دەپ ئۈچ قېتىم كۆكسىگە ئىشارەت قىلدى، قىرىندىشىنى تۆۋەن كۆرۈش ئىنسانغا يامانلىقتىن كۇپايە قىلىدۇ، ھەر قانداق مۇسۇلمانغا مۇسۇلماننىڭ قېنى، مېلى ۋە يۈز ئابرۇيىنى تۆكۈش ھارام بولىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى].
5-چاقچاق بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
بەزىلەر كۆپ چاقچاق قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، ئولتۇرغان-قوپقان يېرىدە كۈلكە چاقچاق بىلەن بولىدۇ، بۇ مۆمىن-مۇسۇلمان ئوبرازىغا زىت ئىشتۇر. چاقچاق دېگەن بىر ئاز كۆڭلىنى راھەتلەندۈرۈپ، جۇشقۇن بولۇپ، روھلۇق ھالەتتە خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كۆپ چاقچاق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بۇ ھاماقەتلىك بولۇپ ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “چەكلەنگەن چاقچاق دېگەن: چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ۋە ئادەت قىلىۋالغان چاقچاقتۇر، بۇ كۈلكە پەيدا قىلىدۇ، قەلبىنى قاساۋەتلەشتۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلىدۇ، كۆپ ۋاقىتلىرىنى باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، چوڭ سۈپەتلىك ۋە ھۆرمەتنى چۈشىرىدۇ. ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن سالامەت بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغاندەك نورمال ھالەتتە بولسا دۇرۇس بولىدۇ.
6-كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ چاقچاق قىلىش.
بەزى كىشىلەر ھەر قانداق كىشىگە چاقچاق قىلىدۇ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم، ئېھتىرام قىلىنىدىغان مۆتىۋەر، ھۆرمەتكە سازاۋەر بوۋاي ھېچ بىرىنى ئايرىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچراشقان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش كېرەك، ئەقىلسىزگە، ئەخمەققە ۋە تونۇمايدىغان كىشىگە چاقچاق قىلماسلىق كېرەك.
بۇ تېما توغرىسىدا ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ چاقچاق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ ھەيۋىتىنى يوق قىلىدۇ».
سەئەد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «چاقچاقنى ئاز قىلغىن، چۈنكى چاقچاقتا ھەددىدىن ئىشىپ كېتىش ھەيۋەتنى يوق قىلىدۇ، ئەقىلسىز-نادانلارمۇ ساڭا سۆز ئېتىشقا جۈرئەت قىلىدۇ».
7-چاقچاق دېگەن ئاشقا سالغان تۇزدەك تېتىملىق بولۇش كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆپ كۈلمەڭلار، ھەقىقەتەن كۆپ كۈلۈش قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ». [“سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” 7312-ھەدىس].
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ كۈلگەن كىشىنىڭ ھەيۋىتى ئاز بولىدۇ، كۆپ چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى ئاز بولىدۇ، كىم بىر ئىشنى كۆپ قىلسا، ئۇ كىشى شۇنىڭ بىلەن تونۇلىدۇ».
كۆپ چاقچاق قىلىشتىن ساقلانغىن، كېچىك، ھاماقەت، پەس كىشىلەرمۇ ساڭا جۈرئەت قىلىدۇ. چىرايىدىن ھەيۋەت يوق بولىدۇ، ئىلگىرىكى ئىززىتى تۈگەپ خارلىققا يۈزلىنىدۇ.
8-چاقچاقتا غەيۋەت بولماسلىقى كېرەك.
غەيۋەت قىلىش دېگەن نىجىس بىر كېسەل بولۇپ، بەزىلەر بۇنى چىرايلىق سانايدۇ. باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن غەيۋەت قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «غەيۋەت دېگەن: قىرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىش بىلەن زىكىر قىلىشىڭ» دېگەن ھەدىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].
9-چاقچاققا مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاش.
قۇرۇقلۇقتا سەپەرگە چىققاندا ياكى كېچىلىك پائالىيەت بولغاندا ياكى دوستلار ئۆز-ئارا ئۇچراشقاندا، بىر-بىرىنىڭ قەلبىگە دوستلۇق، سېغىنىش پىراقى ۋە خۇرسەنلىك كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئوچۇق چىراي، يۇمۇرلۇق سۆزلەر، مەسەل-لەتىپىلىرى بىلەن كۆڭلىنى خوش قىلىش ياخشى بولىدۇ، ياكى ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ ئەر-ئايالدىن بىرى ئاچچىقلانغاندا، ئىشنى يولغا چۈشۈرۈش، سۈنى تۆۋەنگە قويۇۋېتىش ئۈچۈن ئوتتۇرنى خۇرسەن قىلىدىغان كۈلكىلىك سۆزلەرنى قىلسا بولىدۇ.
ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! بىر كىشى سۇپيان ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھغا: ” چاقچاق قىلىش مۇنكەر ئىش ھېساپلىنامدۇ؟ دېگەندە، ئۇ كىشى: ياق، بەلكى ئۇ چىرايلىق قىلىدىغان ۋە ئۆز ئورنىدا قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن سۈننەتتۇر دېگەن”.
مىللەت بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى زىيادە قىلىشقا، كۆڭۈلسىزلىك، ئىچ-پۇشۇقىنى ھاياتىدىن يوق قىلىشقا بەك ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن مىللەت كۈلكە-چاقچاق، ئويۇن-تاماشا تەرەپكە چۆكۈپ كەتتى، كۈلكە-چاقچاق ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى، مەشغۇلىيىتى، ئالاھىدە سورۇنى ۋە كېچىلىك ئولتۇرۇشىغا ئايلاندى، ۋاقىتلار زايە بولدى، ئۆمۈرلەر ئۆتتى، ئەمەل دەپتىرىمىز ھەزلى-چاقچاق، كۈلكە بىلەن تولدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار».
ئىبنى ھەجەر “پەتھۇل بارىدا” مۇنداق دەيدۇ: ” بۇ يەردە بىلىشتىن بولغان مەقسەت: ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقى، ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلاردىن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقى، سەكراتتا، ئۆلگەندە، قەبىردە ۋە قىيامەت كۈنىدىكى قورقۇنۇچلۇق ئەھۋاللاردىن ئىبارەتتۇر”.
مۇسۇلمان-ئەر ئاياللار ھەمراھ تاللاشتا بىر-بىرىگە دۇنيا ھاياتىنى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت بىلە ئۆتكۈزۈش، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇش، ياخشى، سالىھلارنىڭ سۆھبىتىدە بولۇشقا سەرپ قىلالايدىغان بۇ يولدا بىرگە يۈرەلەيدىغان ھەمراھنى تاللاش كېرەك بولىدۇ.
بىلال ئىبنى سەئەد مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق كىشىلەرنى تاپتىمكى، ئۇلار ئىرادىسى كۈچلۈك، مۇستەھكەم، بىر-بىرىگە قاراپ كۈلىشىدىغان، كېچىلىرى ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەردۇر».
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلرى كۈلكە-چاقچاق قىلىشامتى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى: ھەئە، ئۇلارنىڭ دىلىدىكى ئىمان تاغدەك كاتتا مۇستەھكەم ئېدى دېگەن».
سىز كۈندۈزى جەڭ مەيدانىدا چەۋەنداز، كېچىسى جاينامازدا ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەردەك ئىنسانلارنى لازىم تۇتۇڭ.
ئاللاھ تائالا بىزنى، سىلەرنى ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىزنى قىيامەتنىڭ قورقۇنچىسىدىن خاتىرجەم بولغان، قىيامەت مەيدانىدا: ادْخُلُوا الْجَنَّةَ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمْ وَلَا أَنتُمْ تَحْزَنُونَ تەرجىمىسى: «قورقۇنچ بولمىغان ۋە قايغۇرمىغان ھالەتتە جەننەتكە كىرىڭلار» دەپ چاقىرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ھەممەيلەنگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.