ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىقى ۋە بەندىلىرىگە بولغان چەكسىز رەھمىتىدىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى دەلىل-ئىسپات تۇرغۇزماستىن ئازابلىمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولًا تەرجىمىسى: پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق [سۈرە ئىسرا 15-ئايەت].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيلىرى ۋە ناسارالىرىدىن مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ماڭا ئىمان ئېيتماي ئۆلۈپ كەتكەنلىرى دوزاخ ئەھلى بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 240-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن: ئىسلام دەۋىتى يەتمىگەن ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ. ["سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"2-توم 188-بەت].
ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىقى ۋە بەندىلەرگە بولغان رەھمىتىدىن: ئاللاھ تائالا ئىسلام دەۋىتى يەتمىگەن كىشىلەرنى ئازابلىمايدۇ، شۇنىڭدەك جەننەتكە پەقەت مۇسۇلمان كىشىلا كىرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: جەننەتكە پەقەت مۇسۇلمان كىشى كېرىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 3062-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى111-ھەدىس].
مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسلانغاندا، قىيامەت كۈنىدە ئىسلام دەۋىتى يەتمىگەن كاپىرلارنىڭ ئورنى قانداق بولىدۇ؟. بۇنىڭ جاۋابى: ھەدىس ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەردى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئىمتىھان قىلىدۇ، ئىتائەت قىلغانلار جەننەتكە كېرىدۇ، ئاسىيلىق قىلغانلار دوزاخقا كېرىدۇ.
ئەسۋەد ئىبنى سەرىيئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنىدە تۆت تۈرلۈك كىشىلەر: ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدىغان پاڭ، ئەخمەق ئادەم، بەك ياشىنىپ كەتكەن ئادەم، پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالغان مۇددەتتە ۋاپات بولغان ئادەم، پاڭ ئادەم: پەرۋەردىگارىم! ئىسلام كەلگەن ۋاقىتتا مەن ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمىدىم دەيدۇ، ئەخمەق ئادەم: پەرۋەردىگارىم! ئىسلام كەلدى، ئۇششاق بالىلار ماڭا تېزەك ئېتىپ ئوينايتتى دەيدۇ، بەك ياشىنىپ كەتكەن كىشى: پەرۋەردىگارىم! ئىسلام كەلگەندە مەن ھېچ نەرسىنى بىلمەيتتىم دەيدۇ، پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالغان مۇددەتتە ۋاپات بولغان ئادەم: پەرۋەردىگارىم! ماڭا سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرى كەلمىدى دەيدۇ، ئۇلاردىن پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا ۋەدە ئېلىنىدۇ، ئۇلار دوزاخقا كىرگۈزۈلۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەيدۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! ئەگەر ئۇلار دوزاخقا كىرگەن بولسا ئەلۋەتتە دوزاخ ئۇلار ئۈچۈن تېنچ ۋە ئاراملىق جاي بولاتتى. [ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد"26-توم 228-بەتتە كەلتۈرگەن].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ ئاخىرى ئازراق ئوخشىمايدۇ: دوزاخقا كىرگەن كىشى ئۈچۈن ئۇ جاي تىنچ ۋە ئاراملىق جاي بولىدۇ، كىرمىگەن كىشى سۆرەپ كىرگۈزىلىدۇ. ["ئەل مۇسنەد" 26-توم 230-بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ماۋزۇ توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىنى كۈچلاندۇرىدۇ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسىنى ھەدىسشۇناس ئۆلىمالار سەھىھ دېگەن، شۇنىڭدەك ئەسۋەد ئىبنى سەرىيئنىڭ ھەدىسىنى بەيھەقى، ئابدۇرەززاق قاتارلىق ئۆلىمالار سەھىھ دېگەن.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ ئىسنادى ئۇلانغان. "زىممە ئەھلىنىڭ ھۆكۈملىرى"2-توم 1149-بەت.
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ھەدىس ئالىملىرى تېكىست بايان قىلغاندەك بۇ بابتىكى ھەدىسلەردىن سەھىھلىرى بار، ھەسەنلىرى بار، سەھىھ ۋە ھەسەنلىرى بىلەن كۇچلىنىدىغان زەئىپلىرى بار، مۇشۇ باپتىكى ھەدىسلەرنىڭ بىرى مۇشۇ تەرىقىدە كۇچلىنىدىغان بولسا، بۇ نەزەر سالغۇچىلارغا ھۆججەتلىكنى ئىپادىلەيدۇ". [تەپسىر ئىبنى كەسىر"5-توم58-بەت].
ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەقلىدىن ئازغان ۋە پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالغان مۇددەتتە ۋاپات بولغان كىشىلەردىن ئىمتىھان قىلىش مەسىلىسى سەھىھ يوللار بىلەن بايان قىلىنغان". ["پەتھۇلبارى"3-توم 246-بەت].
بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ"سەھى ھەدىسلەر توپلىمى"3-توم 418-419-بەتتە كەلتۈرگەن.
شىەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە"ئەلجاۋاب سەھىھ" 2-توم 298-بەتتە، ئىبنى قەييىم"زىممە ئەھلىنىڭ ھۆكۈملىرى"2-توم 1137-بەتتە، "تەپسىر ئىبنى كەسىر"5-توم 58-بەتتى ۋە باشقا ئۆلىمالار بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرغان.
بۇ ھۆكۈم ئومۇمى جەھەتتىن بولىدۇ، لېكىن مەلۇم بىر كىشى ئۈچۈن بۇ ئۆزۈرلۈك ياكى قىيامەت كۈنىدە ئىمتىھان قىلىنىدۇ دېيىلمەيدۇ.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە رەھمىتى بىلەن بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ، ھېچ بىر كىشىنى پەيغەمبەر ئەۋەتمەستىن ۋە دەلىل-ئىسپات تۇرغۇزماستىن ئازابلىمايدۇ، بۇ ئومۇمى خەلق ئۈچۈن كەسكىن قىلىنغان ھۆكۈمدۇر.
ئەمما زەيدنىڭ ئۆزىگە ياكى ئەمىرنىڭ ئۆزىگە ئايرىم ھۆججەت تۇرغۇزىلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ ئاللاھ بىلەن ئاللاھنىڭ بەندىسىنىڭ ئارىسىغا كېرىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش، بەلكى بەندىگە زۆرۈر بولغىنى، ئىسلام دىنىدىن باشقا ھەرقانداق بىر دىنغا يېقىنلاشقان كىشىنى كاپىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا ھېچ بىر كىشىنى پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ھۆججەت تۇرغۇزماي تۇرۇپ ئازابلىمايدۇ، بۇ ئومۇمدۇر، ئەمما ئايرىم كىشىلەرنى تەيىن قىلىشنىڭ ھۆكمى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. ["تەرىقۇل ھىجرەتەين"2-توم 900-بەت].
ئىسلامنى ئېتىقاد قىلىدىغان، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ئىسلام ھۆكۈملىرىنى لازىم تۇتىدىغان، لېكىن بەزى مەسىلىلەردە جاھىللىق ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئادەم بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئېزىپ كېتىدىغان، نېمىنىڭ خاتا ۋە نېمىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئايرىغۇدەك ئىلمى قۇدرەت يوق بولغان مۇسۇلمان، بۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسلامى بىلەن مۇسۇلماندۇر، ئۇنىڭ ھۆججىتىنى كېسىدىغان، بىلگەن نەرسىدىكى ئۈزرىسى يوقالغان دەرىجىدە ئىشەنچ بولمىسا ئىسلام دائىرسىدىن چېقىپ كەتمەيدۇ. ئۇ كىشى ئاخىرەتتە ئۈزۈرلۈك بولغاندەك، دۇنيادىمۇ ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەقنى ئاڭلاپ ئاندىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى ئازابلايدۇ. بۇ نۇقتىنى تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن 111362- ۋە 104412- نومۇرلۇق پەتىۋالارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.