پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تاھارەت ئېلىش ۋە باشقا ئىشلاردىكى ۋەسۋەسىلەر توغرىسىدا

سۇئال

مەنى چىقتىمىكىن دەپ شەك قىلىپ قالدىم، بەكرەك تەكشۈرۈپ باقسام ئۇنىڭ رەڭگى سېرىق، ئۆزى قۇرۇق، مەزىنىڭ ئەكسىچە تۇرىدۇ، چۈنكى مەزى شىلىمشىق بولىتتى، لېكىن مەنىنىڭ خۇسىسىيەتلىرىدىن مەنى چىققاندا ئۇنى ھېس قىلىش بولۇپ، چىقىپ بولغاندىن كېيىن سەزگۈ ئاجىزلىشىدۇ، مەن بۇ ئىشلارنى تۇيمىدىم، مەنىنىڭ پۇرىقى خورمىنىڭ غورىسىنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، لېكىن خورمىنىڭ غورىسىنىڭ پۇرىقىنى بىلمەيمەن، قۇرۇپ قالغاندا مەنىنىڭ پۇرىقىنىڭ تۇخۇمنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئويغانغان ۋاقتىمدا ئېھتىلام بولماي نەملىكنى تاپتىم، مۇشۇنداق شەكلىك ھالەتتە مەنى چىقتى دەپ يۇيۇنىشىم كېرەك بولامدۇ؟، ئېھتىيات يۈزىسىدىن يۇيۇنسام توغرا بولامدۇ؟، مەنى چىققانلىق، ھەيزدىن پاك بولغانلىق ۋە ئىسلامغا كىرگەنلىككە بىرلا قېتىم يۇيۇنسا توغرا بولامدۇ؟، ماڭا ھەيز كىلىشتىن بۇرۇن مەنىدىن يۇيۇنۇش كېرەك بولغان ئىدى، لېكىن ھەر قېتىم يۇيۇنۇپ ئىسلامغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىمدا، مەنىدىن يۇيۇنمىغانلىقىم ئۈچۈن يۇيۇنىشىمنىڭ توغرا بولغانلىقىدىن شەكلىنىپ قالىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت- سالاملار بولسۇن.

    سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم، سىزنىڭ تاھارەت ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان ۋەسۋەسىگە دۇچار بولغانلىقىڭىز ئېنىق، چۈنكى سىز-ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن-مۇسۇلمان تۇرۇپ ئىسلامغا كىرىش ئۈچۈن يۇيۇنۇش توغرىسىدا سوراۋاتىسىز، ۋەسۋەسە دېگەن ئىلاجى بولمىغان كېسەللىكتۇر، ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئۇ كېسەللىكتىن سالامەت قىلىشنى سورايمىز.

    ئەللامە ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىدىن: ۋەسۋەسە كېسىلىنىڭ ئىلاجى بارمۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: ئۇنىڭ پايدىلىق ئىلاجى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈشتۇر دېگەن".

    كۆڭلىدە ئىككىلىنىش بولغاندا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىسا، كۆڭۈلگە ئورۇنلاشماستىن، ئاز ۋاقىتتا يوقاپ كېتىدۇ، بۇ تەجىربىدىن ئۆتكەن ئىش، ئەمما ۋەسۋىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ۋەسۋەسە زىيادە بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇ كىشىنى ئەقىلسىزلەر قاتارىغا چېقىرۋېتىدۇ بەلكى بۇنىڭدىنمۇ يامانراق ئاقىۋەت كېلىپ چېقىدۇ، بىز مۇشۇنداق ئىشقا دۇچار بولۇپ، شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىگە قۇلاق سېلىپ خامۇش بولۇپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۇق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېگەن: «سۇ توغرىسىدا ۋەسۋەسىگە سالىدىغان ۋەلھان ئىسىملىك شەيتاندىن ھەزەر قىلىڭلار». چۈنكى ئۇ شەيتان ۋەسۋەسە قىلىش ۋە ئازدۇرۇشتا بەك ھەددىدىن ئاشقان. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنى كۈچلاندۇرىدىغان ھەدىس بايان قىلىنغان: «ۋەسۋەسىگە دۇچار بولغان كىشى ئاللاھدىن پاناھلىق تېلىسۇن ۋە ۋەسۋەسىگە پەرۋا قىلمىسۇن».

   ئۈممىتىگە نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىم بەرگەن مەنپەئەتلىك دەۋاسى توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىڭ. بۇ داۋادىن مەھرۇم قالغان كىشى ھەممە ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ، چۈنكى ئۆلىمالارنىڭ بىردەك قارىشىدا، شەيتاننىڭ مۇسۇلماننى ۋەسۋەسە قىلىشتىكى ئاخىرىقى نىشانى بولسا ئۇ مۇمىن-مۇسۇلماننى ئازغۇنلۇق ۋە ھەيرانلىققا چۆمدۈرۈش، تۇرمۇشتا بەختسىز قىلىش، ئېچى سىقىلىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشتىن باشلاپ ئاخىرىدا ئۇ كىشىنى تۇيمىغان ھالىتىدە ئىسلامدىن چېقىرىپ مۇرتەد قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شەيتان ھەقىقەتەن سىلەر ئۈچۈن دۇشمەندۇر، ئۇنى سىلەرمۇ دۈشمەن دەپ قاراڭلار». ["پەتەۋا پىقھىل كۇبرا" 1-توم 149-بەت].

   ئى ئاللاھنىڭ قۇلى! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، كۈچلۈك ۋەسۋەسە دېگەن   باشقا كېسەللەرگە ئوخشاش كېسەللىكتۇر، ئۇنىڭ بىلىنگەن ئىلاجى بولۇپ، شۇ بويۇنچە داۋالاش پايدىلىقتۇر، بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ ئىككى تۈرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش كېسەل ئۈچۈن پايدىلىق ۋە شىپا تېپىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ. سىز روھى كېسەللەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزگە پايدىلىقتۇر.

    بىز ئىلگىرى ۋەسۋەسىنىڭ ئاللاھدىن پاناھلىق تىلەش بىلەن يوق بولىدىغانلىقى ۋە بەندىنىڭمۇ ئۇنىڭدىن يىراق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. بۇ ھەقتىكى پەتىۋانىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 20159 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئويغاق ۋاقتىدا مەنى چىقىپ كەتكەنلىك توغرىسىدا شەك قىلىپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى شەك بىلەن ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ.

ئەمما ئۇيقۇدىن ئويغانغان كىشى كىيىمىدە نەملىكنى تاپسا، بۇ ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە 22705 - نومۇرلۇق پەتىۋادا بايان قىلدۇق.

    بۇنداق ھالەتتە سىزنى ئېھتىيات يۈزىسىدىن يۇيۇنۇڭ دېمەيمىز، چۈنكى ئېھتىياجنى تۇتۇش بولسا، شەك قىلمىغان كىشى ئۈچۈن بولىدۇ، ئەگەر شەك قىلغان كىشى ئېھتىياجنى تۇتۇپ قالسا بۇ ئىش ۋەسۋەسىنى زىيادە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكىدىنمۇ  زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ بەلكى ھەممە ئىشىنىڭ بۇزۇلىشىغا ئىلىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇ ۋەسۋەسىگە دۇچ كەلگەنلەرنىڭ ئىشىدىن ئەمەلى كۆرگەن ئىشلاردىندۇر. ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەنگە سالامەتلىك تىلەيمىز.

   ئېھتىلامدىن  يۇيۇنۇش بىلەن ھەيزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇشنى بىرگە نىيەت قىلىپ يۇيۇنسا توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 1-توم 162-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ھەيز ۋە جۇنابەتكە يا ئىككى ئەزا ئۇچرىشىش ۋە مەنىينىڭ چىقىشىغا ئوخشاش يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى ئىش بىر بولسا، ئۇ ئىككى ئىشتىن پاك بولۇشنى مەقسەت قىلىپ بىر قىتىملا يۇيۇنسا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ يەنى ئەتە ئىبنى رەباھ، ئەبۇ زىناد، رەبىئە، مالىك، شاپىئىي، ئىسھاق ۋە ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدۇر.

     ئەمما ئىسلامغا كىرىش ئۈچۈن يۇيۇنۇش سىزگە يولغا قويۇلمىغان، چۈنكى سىز ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئىسلام دىنىدىن ئايرىلمىغان مۇسۇلمان قىز، لېكىن شەيتان سىزگە ۋەسۋەسە قىلىش ئارقىلىق قېيىنچىلىق، مۇشەققەت سىلىپ، دىننى ئۆچ كۆرسىتىپ، بۇ ئارقىلىق سىزنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىكتۇر.    

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى