جۈمە 22 زۇل ھەججە 1445 - 28 ئىيۇن 2024
Uygur

قاتناش قوراللىرى ئېلىم-سېتىمى توغرىسىدا

سۇئال

   قېرىندىشىم ئىشلىتىلگەن بىر ماشىنا سېتىۋالدى، ماشىنىنى ئىككى يىلغا قەدەر قوللاندى، ئادەتتە ھەممە ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ، سەپەر قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ھېچ ئىش بولمىدى، بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن قېرىندىشىم بۇ ماشىنىنى شۇ ھالىتى بىلەن ماراكەش قانۇنى بويۇنچە سېتىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان مەجبۇرى تەكشۈرۈشتىن كېيىن بىر كىشىگە ساتتى، ھازىر يەنى ئىككى ئايدىن كېيىن سېتىۋالغۇچى قىرىندىشىمغا تىلىپۇن قىلىپ ماشىنىنىڭ ئەيىبى بارلىقىنى ئېيتتى، ئۇ بولسىمۇ ماشىنا ھادىسىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن ئۈستىنى ئالماشتۇرغانمىش،  بۇنىڭدا قىرىندىشىمغا گۇناھ بولامدۇ؟ بۇ شەرئى جەھەتتە توغرا سودا ھېسابلىنامدۇ؟، ماشىنىنىڭ مۇشۇ ئەيىبى سەۋەبىدىن قېرىندىشىم سېتىۋالغۇچىغا تۆلەم تۆلەمدۇ؟ قېرىندىشىم پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قىلىپ ماشىنىنى ساتقان ئېدى؟. ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ماشىنا سېتىۋالغان كىشى ماشىنىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ ئەيىبىنى كۆردى، ئۇ ماشىنىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان ئەيىپ بولسا، ئۇ كىشى ماشىنىنى ساتقان كىشىگە قايتۇرۇپ بېرىش ياكى ساتقۇچىدىن مۇشۇ ئەيىپنىڭ بەدىلىگە مەلۇم مىقداردا تۆلەم ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللايدۇ، بۇ پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئاتالغۇسىدا:"ئەيىپ" دېيىلىدۇ.

   "كەشاپۇل قىنا" 3-توم 218-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئەيىبى بار مالنى سېتىۋالغان كىشى سودا قىلغاندا مالنىڭ ئەيىبىنى بىلمەي كېيىن بىلگەن بولسا، بۇنى ساتقۇچى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغۇچىدىن يوشۇرغان بولسۇن ياكى ساتقۇچىمۇ بىلمەيدىغان بولسۇن سېتىۋالغۇچى ئۈچۈن ئىختىيارلىق بېرىلىدۇ، ئۇ كىشى يوقىتىپ قويغان نەرسىسىنى تېپىشى ۋە ئۆز ھەققىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مال ئىگىدارچىلىقىدا قالسا، كېيىن قېتىلىدىغان زىياننى يوق قىلىش ئۈچۈن ماشىنىنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە بەرگەن پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇۋېلىش بىلەن (چۈنكى سېتىۋالغۇچى سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى سەۋەبى بىلەن پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ھەقلىق بولىدۇ) سېتىۋالغان مالنى ئەيىپلىك ھالىتىدە قايتۇرۇپ بېرىش قېيىن بولمىسىمۇ تۇتۇپ قىلىشنىڭ ئارىسىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بولىدۇ. بۇنىڭدا ساتقۇچى رازىلىقى بىلەن ئەيىبكە تۆلەم بەرسۇن ياكى رازىلىقىسىز تۆلەم بەرسۇن ئوخشاش، چۈنكى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئىشنى رازىلىقى بىلەن قىلغان، تۆلەم ئەيىپنىڭ بەدىلىگە بولىدۇ، تۆلەمنىڭ ھەر بىر قىسمى ئەيىپنىڭ بىر قىسمىنىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ، ئەيىپ بىلەن مەنپەئەتنىڭ بىر قىسمىنى يوقاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدىلىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۆلەمدىن ئىبارەتتۇر".

    بۇنىڭدىن شۇ بىلىندىكى: ساتقۇچى مالنىڭ ئەيىبىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، سېتىۋالغۇچى ئۇنى تەكشۈرۈتسۇن ياكى تەكشۈرۈتمىسۇن قاچان ئەيىپ تېپىلسا شۇ ۋاقىتتا ئىختىيارلىق بېكىتىلىدۇ.

   قېرىندىشىڭىز ئۇ ئەيىبنى بىلمىسە ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن سېتىۋالغۇچى ماشىنىنى قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن مەلۇم مىقداردا تۆلەم ئېلىش بىلەن تۇتۇپ قىلىش ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ. تۆلەم دېگەن: ماشىنىنىڭ ساق ھالىتىدىكى قىممىتى بىلەن ئەيىپ بولغان ھالىتىدىكى قىممىتىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلىنىدىغان پۇلدىن ئىبارەتتۇر. 

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "تۆلەم بىلەن دېگەن سۆز: مالنىڭ ساق ۋاقتىدىكى ھالىتى بىلەن ئەيىپلىك ھالىتى ئارىسىدىكى قىممىتىنىڭ پەرقىدىن ئىبارەتتۇر.

   بۇ يەردە پۇلى دېمەستىن قىممىتى دېدى، چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: قىممەت دېگەن ئومۇمى كىشىلەرنىڭ قارىشىغا كۆرە: ماشىنىنىڭ پۇلىسى، پۇل دېگەن شۇنىڭغا كېلىشىپ سودا قىلىشقان نەرسىدۇر.

    سىز سەككىز كويلۇق نەرسىنى ئالتە كويغا سېتىۋالغان بولسىڭىز، مالنىڭ قىممىتى سەككىز كوي، پۇلىسى ئالتە كوي بولىدۇ.

   شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دېدى: مالنىڭ ساق ۋاقتىدىكى ھالىتى بىلەن ئەيىپلىك ھالىتى ئارىسىدىكى قىممىتىنى چىقىرىش ئادىللىقتۇر، مالنىڭ ساق ھالىتىدىكى قىممىتى باھالىنىدۇ، ئاندىن ئەيىپلىك ھالىتىدىكى قىممىتى باھالىنىدۇ، ساق ھالىتىدىكى قىممىتى بىلەن ئەيىپلىك ھالىتىدىكى قىممىتىنىڭ ئارىسىدىكى نىسبەت ئېلىنىدۇ، بۇ تۆلەم بولۇپ، ئەسلى پۇلدىن مۇشۇنىڭ ئوخشىشى چۈشۈرىۋېتىلىدۇ.

باھاسىنى بېكىتىش ئەيىبنى بىلگەن ۋاقىتتا ئەمەس بەلكى ئەقدە قىلغاندا بولىدۇ، چۈنكى مالنىڭ ئەقدە قىلغان ۋاقىتتىكى باھاسى بىلەن مالنىڭ ئەيىبىنى بىلگەن ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى قىممىتى پەرقلىق بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 8-توم 318-بەت].

   قېرىندىشىڭىز ئالدى بىلەن ماشىنىنى ساتقان كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن تېپىلغان ئەيىپنىڭ تۆلىمىنى ئۆتەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئىككىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، سېتىۋالغۇچى ئىختىيار ساھىبى بولىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە: سېتىۋالغۇچى مالنى تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن بىرگە تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: تۆلەم ئالغاندا سېتىۋالغۇچىغا ئىختىيارلىق بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ياكى مالنى قايتۇرىدۇ ياكى ھەق تەلەپ قىلماستىن مالنى ئېلىپ قالىدۇ، تۆلەم دېگەن پەقەت ساتقۇچىنىڭ رازىلىقى بىلەن بولىدۇ دېگەن قاراشقا باردى.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پۇلىنى ئېلىش بىلەن مالنى قايتۇرۇۋېتىدۇ دېگەنلىك: سىز مالنى قايتۇرۇپ سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ پۇلنى ئالىسىز، سېتىۋالغۇچى ئىختىيارلىق بىلەن بولىدۇ، بۇ كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر. لېكىن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشى ياكى مالنى قايتۇرىدۇ ياكى ھەق تەلەپ قىلماستىن مالنى ئېلىپ قالىدۇ، تۆلەم دېگەن پەقەت ساتقۇچىنىڭ رازىلىقى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت، ساتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ نەرسىنى ساڭا ساتتىم، بۇنى ياكى ئالىسەن ياكى قايتۇرۇپ بېرىسەن، ئەمما تۆلەم دېگەن يېڭى سودىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

   شەيخنىڭ تۇتقىنىمۇ بىر قاراش، لېكىن بىز ساتقۇچىنىڭ ئەيىبنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغانلىقىنى بىلسەك، بۇ يەردە مالغا تۆلەم ئىلىش بىلەن تۇتۇپ قىلىش ياكى قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىختىيارلىق بولىدۇ، ئۇ كىشىگە ئىككى ئىشنىڭ ئەڭ قىيىن بولغىنى بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 8-توم 319-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى