شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

دادىسى ئامانەت قىلغان مالنى باشقا بىر ئىشقا ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

   دادام مەلۇم بىر ئىشقا سەرپ قىلىش ئۈچۈن ماڭا پۇل بەردى، بۇنداق قىلىشى ماڭا ئىشەنمىگەنلىك ياكى ئۇنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشتىن چەكلىگەنلىكتىن ئەمەس، مەن بەزى ۋاقىتلاردا پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمەن، يېتەرلىك پۇل بولمىغانلىقى ئۈچۈن دادام بەرگەن ئۇ پۇلنى ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىمغا سەرپ قىلىمەن، بۇنداق قىلسام توغرا بولامدۇ؟، ئاشۇ مالدىن يېگەن نەرسىلىرىم ھارام بولامدۇ؟، دادام ئۇنى بىلمەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىر كىشىگە مۇئەييەن بىر نەرسىگە ئىشلىتىشكە بەرگەن مالنى، ساھىبىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭدىن باشقا ئىشقا سەرپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن سوۋغاتتۇر، ئۇنىڭدا چەكلىمىگە رىئايە قىلىنىدۇ، مالنى بەرگۈچى مۇشۇ مەقسەتنىڭ ئۆزىنى بىلمىسە ئۇ كىشى بۇنىڭ غەيرى بىلەن كۆڭلى قانائەت تاپمايدۇ.

    شەيخ زەكەرىيا ئەنسارىينىڭ "ئەسىننىل مەتالىب" 2-توم 479-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر بىر دەرھەم بېرىپ بۇنىڭغا باش كىيىمى سېتىۋالغىن ياكى مۇنچىغا كىرگىن دېگەن بولسا، بىر ئىشنى مۇئەييەن قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن پۇلنى بەرگەن مەقسەتكە رىئايە قىلىش كېرەك.

   بۇنداق بولىشى: پۇلنى بەرگەن كىشى ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئوچۇق، چاچلىرىنىڭ چۇۋۇق ۋە بەدىنىنىڭ كىرلىشىپ قالغانلىقى كۆرۈپ باش كىيىمى بىلەن بېشىنى يۆگىشىنى، مۇنچىغا كېرىپ پاكىزلىنىشىنى مەقسەت قىلىپ بەرگەن.

     ئەگەر بىرەر ئىشنى مەقسەت قىلماي ئادەتتىكىدەك پۇلنى بېرىپ بىرەر ئىشنى مۇئەييەن قىلمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا خالىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ".

    شەيخ ئەلىيش مالىكىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر بىر جامائەت ياكى بىر شەخس ئەسىر ياكى قۇلنى ئازات قىلىش ئۈچۈن توختام تۈزۈشكەن بولسا، توختامنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مال بەرگەن بولسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭ بىلەن توختامنى ئادا قىلىپ ئۇ مالدىن مەلۇم مىقداردا قالغان بولسا، ئۇلار ئەسلىدە مالنى ئۇ كىشىگە سەدىقە قىلماستىن پەقەت قۇللۇقتىن خالاس بولىشى ئۈچۈنلا بەرگەن بولسا، ئاشقان مالنى ئىگىلىرىگە بەرگەن نىسبىتى بويۇنچە قايتۇرىدۇ ياكى ئۇلار مالنى ئۇ كىشىگە بېرىۋېتىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەرگەن پۇلى توختامنى ئادا قىلىشقا يەتمىسە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن خوجايىن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ بولغان بولسا، بۇ خوجايىنغا ھالال بولىدۇ، چۈنكى بۇ قۇلنىڭ كەسىپ قىلغان ياكى ئۇنىڭغا سەدىقە قىلىنغان مالدۇر، قۇلنىڭ ھەممە نەرسىسى خوجايىننىڭ بولىدۇ.

    ئەمما ئۇلار پۇلنى قۇللۇقتىن قۇتىلىشى ئۈچۈن بەرگەن بولۇپ، پۇل توختامنى ئادا قىلىشقا يەتمىسە، ياردەم بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ بەرگەن پۇلىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ، لېكىن توختام قىلىشقان قۇل پۇل ئىگىلىرى بىلەن ھالاللاشقان بولسا پۇل ئۇنىڭ بولىدۇ،  ئەگەر ئۇلار توختام تۈزگەن كىشىگە قۇللۇقتىن ئازاد بولىشى ئۈچۈن ئەمەس پەقەت سەدىقىدىن ياردەم قىلغان بولسا، ئۇ كىشى توختامنى ئادا قىلالمىسا بۇ خوجايىننىڭ مۈلكى بولىدۇ.

  جۈزۋەلىيدە: "ھەر قانداق بىر كىشىگە ئىلىم ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنى قامداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مال بېرىلگەن بولسا، ئۇ كىشىدە يۇقىرىقى ئىشلار بولمىغان بولسا، ئۇكىشىگە باشقىلارنىڭ بەرگەن مېلىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر قوبۇل قىلغان بولسا ئۇنى قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇنى يېيىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر يېگەن بولسا ھارامنى يېگەن بولىدۇ".["مەنھىل جەلىيل" 9-توم 475-بەت].

     ئەگەر دادىڭىز سىزگە مەلۇم بىر ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ پۇل بەرگەن بولسا، گەرچە ئ‍ۇ ئىشەنمىگەن بولسىمۇ سىزنىڭ ئۇ پۇلنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

    ئەگەر سىز ئۇ پۇلنى باشقا بىر ئىشقا ئىشلەتسىڭىزمۇ دادىڭىزنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدىغان بىر ھالەت بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا باشقا ئىشقا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

   شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بۇ پۇلنى سەرپ قىلىشتا ئېھتىيات قىلىڭ، ئەگەر سىز دادىڭىزنىڭ  ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلسىڭىز ياكى رازى بولامدۇ -بولمامدۇ دېگەندە شەكلىنىپ قالسىڭىز بۇنداق ئەھۋالدا بىر ئىشقا سەرپ قىلماڭ.

    ئەگەر بىر ئىشتا شەكلىنىپ قالسىڭىز بۇنى پۇلنى بەرگەن مەقسەت بىلەن چەكلىنىڭ ياكى دادىڭىزدىن سوراڭ، رۇخسەت ئىلىڭ. 

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى