پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

پەيغەمبەرلەر يارىتىلىشى مۇكەممەل گۇناھدىن پاك تۇرسا، قانداق بولۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تېلى ئېغىر ۋە گۇناھسىز جاننى ئۆلتۈرىدۇ؟ دېگەن سوئال توغرىسىدا

سۇئال

مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك يارىتىلغانلىقى ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردىنمۇ پاك ئىكەنلىكىنى ئوقۇغان ئېدىم، نېمە ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تېلى راۋان ئەمەس ۋە بىر پەيغەمبەر قانداق بولۇپ گۇناھسىز بىر ئىنساننى ئۆلتۈرىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ پاكلىقىغا زىت كەلمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلەرىنى ئىكرام قىلدى، ئۇلارنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋە يەتكۈزۈشكە لايىق قىلدى، ئۇلارنى جىسمانى ۋە ئەخلاقى تەرەپلەردىن مۇكەممەل ياراتتى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە تاللاپ ئەلچىلىكنى باشقىلاردا قىلماي ئۇلاردا قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ  تەرجىمىسى: ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى)ئوبدان بىلىدۇ. [سۈرە ئەنئام 124-ئايەت].

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىدە ئەيىپ بار دېگەن بۆھتانلىرىدىن پاكلىدى، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قارىشىپ يالىڭاچ يۇيىناتتى، مۇسا ئەلەيھىسسالام بولسا يالغۇز دالدا جايدا يۇيىناتتى، ئۇلار: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇسا چوقۇم يەلپورداق، بولمىسا بىز بىلەن بىرگە يۇيۇناتتى دەپ ئەزىيەت قىلدى، بىر قېتىم مۇسا ئەلەيھىسسالام يۇيۇنۇش ئۈچۈن كېيىملىرىنى سېلىپ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قويدى، تاش مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى، مۇسائەلەيھىسسالام سۇدىن چېقىپ تاشنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئى تاش! كېيمىمنى بەر دەپ يۈگۈرۈپ ھەتتا بەنى ئىسرائىلنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قاراپ: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مۇسادا ھېچ ئەيىپ يوق ئىكەن دېيىشتى، مۇسائەلەيھىسسالام كېيىمىنى ئېلىۋېلىپ تاشنى ئۇرۇشقا باشلىدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 278-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى339-ھەدىس].

    ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى بۇ ھەدىسكە ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە يارىتىلىشى جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، كىمكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يارىتىلىشىغا بىرەر ئەيىپنى چاپلايدىكەن ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە ئازار بەرگەن بولدى، ئۇنداق قىلغۇچى كاپىر بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىسۇن". ["پەتھۇلبارى"6-توم 438-بەت].

    ئىككىنچى: مۇسائەلەيھىسسالامنىڭ تېلىدىكى كېكەچلىك ئەسلى ئەيىپ ئەمەس، مەشھۇر قاراشلارغا كۆرە، كىچىك ۋاقتىدا ئاغزىغا چوغنى قويغانلىق سەۋەبىدىن بولغان دېيىلىدۇ، بەزى تەپسىرشۇناسلارمۇ شۇنداق زىكىر قىلغان.

    پەيغەمبەرلەرمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش تۇيۇقسىز ھادىسىگە ئۇچرايدۇ، ئەزىيەتلىنىدۇ ياكى مۇسىيبەت يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىدە ئەيىپ-نۇقسان ھاسىل بولىدۇ، ئوھۇد كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۇتتۇر چىشلىرى سۇندۇرۇلغان.

   تېلىدىكى كېكەچلىك ئاللاھنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاندا، مۇسائەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن تېلىدىكى بۇ كېكەچلىكنى يوق قېلىۋېتىشنى سوراپ مۇنداق دېگەن:  قَالَ رَبِّ اشْرَحْ لِي صَدْرِي وَيَسِّرْ لِي أَمْرِي وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِّن لِّسَانِي يَفْقَهُوا قَوْلِي  تەرجىمىسى: «مۇسا ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن. مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن.تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن. ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجاۋەت قىلىپ:  قَالَ قَدْ أُوتِيتَ سُؤْلَكَ يَا مُوسَى  تەرجىمىسى: ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى. [سۈرە تاھا 36-ئايەت.]

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىردە ئاللاھ تائالانىڭ پىرئەۋۇن توغرىسىدىكى سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ:  أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ  تەرجىمىسى: بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن. [سۈرە زۇخرۇپ 52-ئايەت].

    پىرئەۋننىڭ ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان ئادەم دېگىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قېلىنغان ئىپتىرا بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدا ئاغزىغا سالغان چوغنىڭ تەسىرىدە تىلىدا ئېكىشىش پەيدا بولغان. ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىنى چۈشۈنىشى ئۈچۈن تېلىدىكى كېكەچلىكنى يوق قېلىۋېتىشنى سورىدى، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى، دېدى. [تەپسىر ئىبنى كەسىر 7-توم 232-بەت].

    بۇنىڭدىن شۇ ئاشكارا بولىدۇكى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلغا يەتكەن نەرسە ئۇنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق بايان قىلىپ مۇكەممەل ئادا قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيتتى، بۇ مۇسا ئەلەيھىسسلام ئۈچۈن ئەيىپ ئەمەس ئىدى، ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان بىر ئەيىپمۇ ئەمەس ئىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ جىسمىدىكى كەمچىللىكمۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى بۇ لەنەتگەردى پىرئەۋننىڭ يالغان سۆزلەش ئارقىلىق مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان بۆھتانىدۇر.

   ئىككىنچى: پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ تاللانغانلىرى، ئاللاھقا نىسبەتەن خالايىقلارنىڭ ھۆرمەتلىكراقىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى چوڭ گۇناھدىن ساقلىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ساقلانغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇنمۇ ۋە كېيىنمۇ ئۇلاردىن ئەبەدىي چوڭ گۇناھلار سادىر بولمايدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"4-توم31-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرلەر كىچىك گۇناھدىن ئەمەس بەلكى چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغۇچىدۇر دېگەن سۆز كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە بارلىق تائىپىلەرنىڭ سۆزىدۇر، شۇنىڭدەك بۇ كۆپچىلىك تەپسىرشۇناس، ھەدىسشۇناس ۋە پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزىدۇر، بەلكى ئىلگىرىكى سەلەپ-سالىھلار، ئىماملار، ساھابىلار تابىئىنلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر بۇ سۆزگە مۇۋاپىق كەلگەن".

    ئەمما كىچىك گۇناھلار ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن سادىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئۇلارنى كىچىك گۇناھلاردىن ساقلانغۇچى ئەمەس دەيدۇ، ئەگەر ئۇلاردىن كىچىك گۇناھ سادىر بولسا، ئۇنى داۋاملاشتۇرمايدۇ بەلكى ئۇلارنى ئاللاھ ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلار تەۋبىگە ئالدىرايدۇ. 

   مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىبتىنى ئۆلتۈرگەنلىكى گۇناھسىزلىقتىن بولمىغان مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرمىگەن بەلكى خاتالىقتىن ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئامىل مەزلۇمغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت، چۈنكى قىبتى بەنى ئىسرائىلنى قۇل قېلىپ ئۇلارغا ھەددىدىن ئاشقان. قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەنى ئىسرائىللىق مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىش ھەممە دىندا ئۈممەتكە قەرز ۋە ھەممە شەرىئەتلەردە پەرزدۇر. قەتادە مۇنداق دەيدۇ: قىبتى بەنى ئىسرائىلنى بويسۇندۇرۇپ بىر يۈدۈم ئوتۇننى پىرئەۋۇننىڭ ئاشخانىسىغا ئېلىپ بېرىشقا بۇيرىغان، ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىماي مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

   قۇرتۇبى ئاللاھ تائالانىڭ:  قالَ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فَاغْفِرْ لِي فَغَفَرَ لَهُ  تەرجىمىسى: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مېنى كەچۈرۈم قىلغىن دېدى، ئاللاھ ئۇنى كەچۈردى دېگەن ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسا ئەلەيھىسسالام قىبتىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان بىر مۇش ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى، ئۇنىڭ پۇشايمىنى ئۇنى ئاللاھقا بويسۇنۇش ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئىلىپ باردى، ئۇنىڭ قىبتىنى ئۆلتۈرۈشى خاتالىقتىن بولغان، ئادەتتە بىر مۇش بىلەن ئادەم ئۆلمەيدۇ.

    ئىمام مۇسلىم سالىم ئىبنى ئابدۇللاھدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىراق ئەھلى! مەن سىلەردىن كىچىك گۇناھ توغرىسىدا سورىمىدىم، سىلەر چوڭ گۇناھ سادىر قېلىۋاتىسىلەر. مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلىغانلىقىنى دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن پىتنە شەيتاننىڭ مۈڭگۈزى كۆرۈنىدىغان بۇ تەرەپتىن كېلىدۇ دەپ قولىنى شەرق تەرەپكە ئىشارەت قىلدى، سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرىسىلەر. ھەقىقەتەن مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋن خانىدانىدىن بىر كىشىنى خاتا ئۆلتۈرۈپ قويدى. ئاللاھ مۇنداق دېدى: سەن بىر جاننى ئۆلتۈردۈڭ، بىز سېنى غەمدىن قۇتۇلدۇردۇق، ۋە سىناقلار بىلەن سىنىدۇق". ["تەپسىر قۇرتۇبى 13-توم 261-بەتتىن قىسقارتىپ ئېلىندى].

قەستەلانى مۇنداق دەيدۇ: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۇنىڭ گۇناھدىن پاك ئىكەنلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇنى ئايەتتە زۇلۇم ۋە شەيتاننىڭ قىلمىشى دەپ ئاتىدى، ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، ئۇلارنىڭ ئادىتىدە كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ". ["ئىرشادۇسسارى"7-توم 206-بەت].

   شۇنى دەيمىزكى، بۇ قىبتىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولغان، ئۇ خاتالىقتىن ئىبارەت ئېدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى بولغان، پەيغەمبەرلەر پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن خاتالىقتىن ساقلانغۇچى ئەمەس ئېدى، بولۇپمۇ مەقسىتىنىڭ ساپ بولىشى ۋە بۇنىڭغا چاقىرغان چاقىرغۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەنمۇ شۇنداق ئېدى.

   شەيخۇل ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەنى ئىسرائىلنىڭ بىرەر پەيغەمبەرنى مەلۇم بىر ئىشتا تەۋبە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنگە ئوخشاش ئۇلارنى بۆھتان قىلىپ ئىپتىرالار بىلەن ئەيىبلەيتتى لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام قىبتىنى پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرگەن، ئاللاھنى كۆرۈشنى سورىغانلىقىدىن تەۋبە قىلغان، بۇ ئىشلار پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن بولغان، بەنى ئىسرائىلدىن ھېچ كىشى بۇ ئىشلار توغرىسىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلىمىگەن". ["مىنھاج سۈننەتۇننەبەۋىي"2-توم 4-بەت].

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى