جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قورقۇتۇش ۋە تەھدىد سېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئايالىغا "سەن تالاق" دېگەن كىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن بەك ئۈمىدسىز ھالەتتە، ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن، تۇرمۇش جەريانىدا ئايالىمنىڭ بەزى ناچار ئەخلاقى سەۋەبىدىن ئۇرۇشۇپ قالدۇق، قاتتىق ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا تالاق بىلەن قورقۇتۇپ قويماقچى بولدۇم، مېنىڭ مەقسىتىم دائىم ئۇنى پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان قىلىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئەمەلىي تالاق قىلىۋېتىش ئەمەس، بەزى تالاش-تارتىشلار ئارىسىدا مەن ئۇنى "سەن تالاق" دېگەن سۆز بىلەن قورقۇتۇشقا تەييار بولغان ئىدىم. يەنە مەن ئايالىم ھىندىستاندا بولغان ۋاقتىدا، سەن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىمىساڭ سېنى تالاق قىلىمەن دەپ خەت يازدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن سەن تالاق دەپ يازدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ تالاش-تارتىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلنى قوللاندىم، مەن مۇتلەق تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلمىدىم، پەقەت قورقۇتۇشنىلا مەقسەت قىلدىم، مۇشۇ قورقۇتۇشلار ياكى ئاچچىقىدا تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن "سەن تالاق" دېگەن سۆز تالاق ھېسابلىنامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا سەن تالاق دېگەن سۆزى ئوچۇق تالاق سۆزى بولۇپ، بۇنىڭ نىيەتكە ئېھتىياجى بولمايدۇ، سىزنىڭ قورقۇتۇپ دېگەن ياكى تەھدىد قىلغانتىم دېگەن سۆزىڭىز ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، سىزنىڭ ئايالىڭىزغا سەن تالاق دېگەن سۆزىڭىز بىلەن تالاق بولىدۇ، سىز مەنىسىنى بىلىدىغان سۆزنى مەقسەت قىلىدىكەنسىز، نىيىتىڭىزغا قارالمايدۇ.

ئەگەر ئۇخلاپ قالغان ياكى ئىلاجىسىز قالغان كىشى مەنىسىنى مەقسەت قىلماستىن پەقەت تالاق دېگەن سۆزنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن تالاق بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەرەب بولمىغان بىر كىشى تالاق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەي دېگەن بولسا بۇ كىشىنىڭ تالىقىمۇ چۈشمەيدۇ.

ئەمما مەنىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، لەۋزىنىمەقسەت قىلسا، گەرچە تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلمىسىمۇ تالاق بولىدۇ.

ئىمام قەرافىي "ئەلپۇرۇق"3-توم 163-بەتتە مۇنداق دېگەن: "پىقھى ئۆلىمالىرى: ئوچۇق سۆزدە نىيەت شەرت بولىدۇ دەپ، بۇ سۆزدىن: مەقسەت قىلمىغان نەرسىنىڭ تىلىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۆز شەكلى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇنىڭ مىسالى، بىر ئايالنىڭ ئىسمى "تارىق" بولسا،ئۇ ئايالنى ئېرى ئالدىراپ "تالىق" دەپ چاقىرغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى سۆزنى مەقسەت قىلمىغان.

ئۇلار: ئوچۇق مەسىلىدە نىيەت شەرت ئەمەس، دېيىشتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى تالاقنىڭ مەنىسىدىكى سۆزنى ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىشتۇر، يەنى: ئۇ سۆزنى تالاق قىلىش مەقسىتىدە ئىستىمال قىلىشتۇر، چۈنكى ئۆلىمالارنىڭ ئىجماسى بىلەن ئوچۇق سۆزدە نىيەت شەرت ئېتىلمەيدۇ، نىيەت تالاقنىڭ مەنىسى مەقسەت قىلىنىدىغان كىنايە سۆزلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىندۇر".

سىز ئايالىڭىزنى تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن يېنىشىۋالغان بولسىڭىز، ئاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم: سەن تالاق دېگەن سۆز بىلەن تالاق قىلغان بولسىڭىز، سىز ئۈچۈن ئىككى تالاق ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئاغزاكى سۆزلىگەندە شۇنداق بولىدۇ، ئەمما خەت يازغاندا، تالاق پەقەت تالاق قىلىش نىيىتى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى يېزىش ئوچۇق تالاقنىڭ قاتارىدىن بولماستىن بەلكى كىنايە تالاقنىڭ قاتارىدىن ھېساپلىنىدۇ. (72291)- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئەمما سىزنىڭ: "سۆزۈمنى ئاڭلىمىساڭ سېنى تالاق قىلىمەن" دېگەن سۆزىڭىز بولسا كەلگۈسىدە تالاق قىلىش بىلەن قورقۇتۇشتىن ئىبارەت، ئەگەر سۆزىڭىزنى ئىجرا قىلىپ تالاق قىلسىڭىز تالاق بولىدۇ، سۆزىڭىزنى ئىجرا قىلماي ئەمەلىي تالاق قىلمىسىڭىز قورقۇتۇپ قويغان سۆز بىلەن تالاق بولمايدۇ.

ئىككىنچى:

ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا قىلغان تالاقنىڭ بەزىسى چۈشىدۇ، بەزىسى چۈشمەيدۇ، بەزىسىنىڭ چۈشۈش-چۈشمەسلىكىدەئىختىلاپ بار، بۇ ئاچچىقلىنىشنىڭ تۈرى، دەرىجىسى بويىچە بولىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى(22034) ۋە (45174) نومۇرلۇق سۇئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى يوقۇتۇپ بىر نەرسىنى سەزمەس قىلىدىغان دەرىجىدىكى ئاچچىقىدا تالاق چۈشمەيدۇ، شۇنىڭدەك ئىختىيارى، تىنچ ھالەتتە ئىنساننى تالاق قىلىشقا تۈرتكە بولمايدىغان ئەمما بەك تۇتقاندا تالاق قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاچچىقتىمۇ تالاق چۈشمەيدۇ.

ئۆلىمالاردىن بىر جامائەت بۇ قاراشنى تاللىغان.

شۇنىڭغا ئاساسەن: سىز بەك ئاچچىقلانغان ھالەتتە تالاق دېگەن سۆزنى قىلسىڭىز، ئەگەر بۇ ئاچچىق بولمىغان بولسا ئۇ سۆزنى دېمەيدىغان بولسىڭىز، بۇنداق ھالەتتە قىلىنغان تالاق تالاق بولمايدۇ.

ئەمما ئاچچىغىڭىز ئادەتتىكىچە بولۇپ، دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەتنى ئېنىق بىلسىڭىز ئۇ ۋاقىتتا تالاق بولىدۇ.

سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: سىز مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ، ئەھۋالنى بايان قىلىڭ، مۇمكىن بولمىسا يۇرتىڭىزدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بەزىسىدىن پەتىۋا سوراڭ، سىز دىن سادىر بولغان، تالاق توغرىسىدا سۆزلىگەن ئىشلارنى تەپسىلى بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈڭ، ئۇلار سىز بايان قىلىپ بەرگەن بويىچە سىزگە پەتىۋا بېرىدۇ، ئايالىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە ئىلىپ بارسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى