سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بەك ئۇسساپ كەتكەنلىك ياكى ئاچلىق سەۋەبىدىن روزىنى بۇزىۋېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىپتار قىلماستىن شام ۋاقتىدىن بۇرۇن ئۇخلاپ قىلىپ، ئىپتار قىلماستىن ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئويغاندىم، مەن ئالدىنقى كۈندىن باشلاپ بىر نەرسە يىمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئاچلىقتىن ئېغىزىمنى ئىچىۋەتتىم، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزا تۇتۇش بولسا ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بولغان ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. مۇسۇلماننىڭ پەقەت ئاچلىق ياكى ئۇسسۇزلۇق ياكى روزا تۇتۇشقا قادىر بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەش دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن روزا تۇتۇشقا سەل قارىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى سەۋىر قىلىپ ئاللاھ تائالا ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك بولىدۇ، سالقىنلاش ئۈچۈن بېشىدىن سوغۇق سۇ قۇيسا ۋە ئېغىزلىرىنى چايقىسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

    مۇسۇلمان كۈنىنى روزا تۇتۇش بىلەن باشلىشى كېرەك، ئەگەر كۈن پاتقۇچە روزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇش ياكى ھالىدىن كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ ۋاقىتتا روزىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلسا بولىدۇ، ئۆز خىيالى بويىچە روزىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىشى توغرا بولمايدۇ پەقەت ھەقىقى قىيىنچىلىق يۈزبەرگەندىلا ئاندىن روزىنى بۇزسا بولىدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرىسى، بەك ئۇسسۇزلۇق ياكى ئاچلىق ياكى شۇنىڭغا يېقىن بولغان باشقا سەۋەبلەردىن ئۆزىنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشى ياكى كېسەل بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ ۋاقىتتا ئىپتار قىلىۋەتسە بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ كاپىغا يازغان ئىلاۋېسىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇسسۇزلۇقتىن ئەنسىرەش دېگەنلىك پەقەتلا ئۇسسۇزلۇق بولماستىن بەلكى شۇ سەۋەپتىن ئۆزىنىڭ ھۇشسىزلىنىشى ياكى ئۆزىگە يېتىدىغان كېسەللىك قاتارلىق زىيانلاردىن ئەنسىرەش دېمەكتۇر". ["ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ كاپىغا يازغان ئىلاۋىسى"3-توم 124-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ يارەنلىرىمىز ۋە باشقا ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىگە بەك ئۇسسۇزلۇق ياكى ئاچلىق يەتسە، بۇنىڭ بىلەن ھاياتىدىن ئەنسىرىسە، گەرچە ئۇ كىشى ئەسلىدە ساغلام ۋە سەپەر قىلمىغان مۇقىم بولسىمۇ، روزىسىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى بۇنى ئىسپاتلايدۇ:  وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا  تەرجىمىسى: سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ  وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ   تەرجىمىسى: ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ. [سۈرە بەقەرە 195-ئايەت. "ئەل مەجمۇئ"6-توم 258-بەت].

    ئۇ كىشىگە كېسەلگە ئوخشاش كېيىن بۇزۇۋەتكەن روزىسىنىڭ قازاسىنى قېلىش كېرەك بولىدۇ.

    سىزنىڭ شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، سىز روزىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلسا توغرا بولىدىغان قېيىنچىلىق ھاسىل بولۇشتىن ئىلگىرى روزىنى بۇزغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، بۇ ئىشنى قايتا تەكرارلىماڭ. بۇ ھەقتە 65803- 37943- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى