بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
سۈننەت بولسا شەرىئەت مەنبەلىرىدىن ئاساسلىق مەنبە بولۇپ، قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چىڭ تۇتۇشقا بۇيرىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَاآتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَانَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر. [سۈرە ھەشىر 7-ئايەت].
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەدىستىن قانچىلىك ياد قىلىشقا قادىر بولالىساق شۇنچىلىك ياد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن، ھەرگىزمۇ بىر ھەدىسنى قويۇپ يەنە بىر ھەدىسنى ياد قىلىشقا بۇيرۇلمىغان.
زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: بىزدىن بىر ھەدىسنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىسىدە تۇتۇپ، باشقىلارغا يەتكۈزگەن كىشىنى ئاللاھ نۇرلاندۇرسۇن، بەزى كىشىلەر ھەدىسنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۆزىدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ، بەزى كىشىلەر ھەدىسنى چۈشەنمىسىمۇ باشقىلارغا يەتكۈزىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى2656-ھەدىس].
تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ باپتا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، مۇئاز ئىبنى جەبەل، جۇبەير ئىبنى مۇتئىم، ئەبۇددەردا، ئەنەس ئىبنى مالىك قاتارلىق ساھابىلارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بار(ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن)، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس ھەسەن ھەدىس، بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇدمۇ3660- ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ياد قىلىنغان نەرسىنىڭ مۇھىملىقى ئاساسەن تېكىست ئۆز ئېچىگە ئالغان نەرسىگە قايتىدۇ، مۇسۇلماننىڭ پەرز ۋە ھاراملارغا ئالاقىدار بولغان ھۆكۈملەرنى بىلىشى ۋە مۇمكىن بولسا تېكىستلەرنى ئىسىدە تۇتۇشى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشى كۆرۈلىدىغان ۋە ياخشى كۆرۈلمەيدىغان سۈننەتلەرنى بىلىش كېرەك بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلارغا تاھارەتنىڭ ھۆكمى، نامازنىڭ ھۆكمى، روزىنىڭ ھۆكمى، ئەگەر زاكات پەرز بولۇپ قالسا بېرىدىغان سەدىقىنىڭ ھۆكمى ۋە ھەجنىڭ ھۆكمى قاتارلىق كۈندۈلۈك ھاياتتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەدىسلەرنى بىلىشكە كۆڭۈل بۆلۈشكە تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ توغرىدا يېڭىدىن ياد قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ھاپىز ئابدۇلغەنى مەقدەسىنىڭ "ئۇمدەتۇل ئەھكام" ئاندىن ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھنىڭ "بۇلۇغۇل مەرام"ناملىق كىتابىنى ياد قىلىش قولايلىق ۋە مەنپەئەتلىك كىتابلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭدەك ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىمۇ بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ توغرىدىكى مەنپەئەتلىك كىتابلاردىن: ئىمام بۇخارىنىڭ"ئەدابۇل مۇپرەد"، يەنە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنپەئەتلىك كىتاب ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ"ياخشى كىشىلەر باغچىسى"ناملىق كىتابىدۇر.
يېڭىدىن ياد قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئوقۇغۇچى ئالدى بىلەن قىرىق ھەدىسنى، ئاندىن ئۇنىڭ تولۇقلانمىسى بولغان ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھنىڭ "جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم"ناملىق كىتابىنى ياد قىلسا بۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشى ۋە كۆپ مەنپەئەتلىكتۇر.
مۇشۇنداق ھەدىسلەرنىڭ تىكىستلىرىنى ياد قىلىش ياخشى بولىدۇ، لېكىن تولۇق ياد قىلىش قېيىن بولۇپ قالسا، مەنىسىنى ياخشى ئىسىدە ساقلىسىمۇ بولىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن بۇ ھەدىسلەرنىڭ شەرھىلىرى مۇكەممەلدۇر، تور بەتلىرى ئارقىلىق بۇنى تىپىش ئاسان بولىدۇ.
يەنە بىر تۈرلۈك ھەدىسلەر بولۇپ ئۇنىڭ تېكىستىنى ئۆزگەرتمەستىن ياد قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ دۇئا ۋە زىكىر ھەدىسلىرىدۇر.
بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ياتىدىغان جايىڭغا كەلگەندە، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ يېتىپ: ئى ئاللاھ! ئۆزۈمنى سىلىگە بويسۇندۇردۇم، ئىشلىرىمنى سىلىگە تاپشۇردۇم، يۈزۈمنى سىلىگە قاراتتىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ساۋابىڭدىن ئۈمىتلەنگەن ۋە ئازابىڭدىن قورىققان ھالدا ساڭا بېغىشلىدىم، ساڭا قايتىشتىن باشقا پاناھلىنىدىغان ۋە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدىغان جاي يوقتۇر، چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈردۈم دېگەن دۇئانى ئوقۇپ ياتقىن، ئەگەر شۇ كېچىدە ۋاپات بولۇپ كەتسەڭ، ئىسلامى تەبىئەت بىلەن ۋاپات بولغان بولىسەن، بۇ دۇئالار ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى سۆزلىرىڭ بولسۇن»، مەن بۇ دۇئانى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قايتا ئوقۇپ بېرىپ: چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىڭگە دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە دېگىن دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى247-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2719-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "پەيغەمبەر" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "ئەلچى" دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرۇپ قويغاندا بۇنى رەت قىلىشىدىكى ھېكمەت، زىكىر-دۇئالارنىڭ تېكىستى ئەسلىگە توختىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىگە خاس سىر-ئەسرارلىرى بولۇپ، بۇنى قىياس قىلىپ ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بەلكى ئەسلىدە بايان قىلىنغان تېكىستى بويىچە ياد قىلىش زۆرۈر بولىدۇ". ["پەتھۇلبارى"11-توم 112-بەت].
بۇ مەزمۇندا مەنپەتى كۆپ بولغان مەشھۇر كىتابلاردىن ئىمام نەۋەۋىينىڭ: "ئەلئەزكار" ناملىق كىتابىدۇر.
مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.