يەكشەنبە 23 مۇھەررەم 1441 - 22 سىنتەبىر 2019
Uygur

ھەج قىلغۇچى ئەرەپاتتىن يېنىپ "تەۋاپۇل ئىپادە"نى قىلىپ ئېھرامدىن چىقىپ، مۇزتەلىپىگە كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

ھەج قىلغۇچى ئەرەپاتتىن يېنىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىپ، ئېھرامدىن چىقتى، ئاندىن شەيتانغا تاش ئېتىش ئۈچۈن مۇزتەلىپىگە كەلگەن بولسا، بۇ كىشىنىڭ قىلغان ھەججى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: بارلىق پىقھى ئۆلىمالىرى ئەرەپاتتىن كېيىن قىلىنىدىغان تاۋاپنىڭ ھەجنىڭ ئاساسلىق بىر پەرزى ئىكەنلىكى، ئۇنى ئادا قىلمىسا ھەجنىڭ تولۇق بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ئەمما بۇ تاۋاپ قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئادا قىلىنىدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىخىتلاپ قىلىشتى، ھەنەپىي ۋە مالىكىي مەزھەب ئۆلىمالىرى پەرز تاۋاپنىڭ ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى بامدات ۋاقتىدىن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلىش توغرا بولمايدۇ دەيدۇ.

    ھەنەپىي كىتابلىرىدىن: "بەدائىئ سەنائىئ"2-توم 132-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "پەرز تاۋاپنىڭ ۋاقتى بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچ ئىختىلاپسىز قۇربان ھېيت كۈنى تاڭ يورۇش بىلەن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاۋاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ".

   ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ: پەرز تاۋاپنىڭ ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى تۈن يېرىمىدىن كېيىن باشلىنىدۇ دېگەن.

   مالىكىي مەزھەب كىتابلىرىدىن: "ساۋىيدا مۇنداق بايان قىلىنغان: پەرز تاۋاپنىڭ ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى تاڭ يورۇش بىلەن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تاۋاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىشمۇ قۇربان ھېيت كۈنى تاڭ يورۇش بىلەن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن توغرا بولمايدۇ". 

   شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئۆلىمالىرى: پەرز تاۋاپ ۋە چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىشنىڭ ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى تۈن يېرىمىدىن كېيىن توغرا بولىدۇ دېگەن.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئەرەپاتتا كۈندۈزدە تۇرغان بولسا، چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىش ۋە پەرز تاۋاپنى قىلىشنىڭ ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى تۈن يېرىمىدىن كېيىن باشلىنىدۇ".

    چاچنى ئالدۇرۇشمۇ تاش ئېتىش ۋە تاۋاپ قىلىشقا ئوخشاش ھەجنىڭ پائالىيەتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى تاش ئېتىپ ياكى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. توغرىنى ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["ئەلمەجمۇئ" 8-توم 191-بەت].

    ھەنبەلى ئۆلىمالىرىدىن: ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەرز تاۋاپنىڭ ئىككى خىل ۋاقتى بولۇپ، بىرى: پەزىلەتلىك ۋاقت، يەنە بىرى: ئادا بولىدىغان ۋاقىت.

   پەزىلەتلىك ۋاقىت بولسا: قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ، قۇربانلىق قىلىپ ۋە چاچنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىتتۇر.

   ئادا بولىدىغان ۋاقىت بولسا: ئۇنىڭ ئەۋۋىلى قۇربان ھېيت كېچىسى تۈن يېرىمىدىن كېيىن باشلىنىدۇ. بۇ ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر.

    ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەۋۋەلقى ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى تاڭ يورۇش بىلەن باشلىنىدۇ، ئاخىرقى ۋاقتى بولسا قۇربان ھېيت كۈنلىرىنىڭ ئاخىرىدۇر". ["ئەلمۇغنى"3-توم 226-بەت].

     شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ كىشى قۇربان ھېيت كۈنى تۈن يېرىمىدىن كېيىن پەرز تاۋاپنى قىلغان بولسا، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىغا ئاساسەن قىلغان تاۋاپى توغرا بولىدۇ.

    تۈننىڭ يېرىمى شام ۋاقتى بىلەن بامدات ۋاقتىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنى ھېسابلاپ ئىككىگە بۆلگەندە ئېنىق بولىدۇ.

    ئەگەر تۈن يېرىمىدىن بۇرۇن تاۋاپ قىلغان بولسا، ئۆلىمالارنىڭ بىردەك قارىشىدا قىلغان تاۋاپى توغرا بولمايدۇ، ھەججى مۇكەممەل بولمايدۇ ۋە تولۇق ئېھرامدىن چىققان بولمايدۇ، پەرز تاۋاپنى قايتىدىن قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئىككىنچى: كېچىدە مۇزتەلىپىدە تۇرۇشنى كۆپچىلىك ئۆلىمالار ھەجنىڭ ۋاجىپ ئەمەللىرىدىن دەپ قارايدۇ، بەزى ئۆلىمالار پەرز دېگەن.

    ئۆلىمالار مۇزتەلىپىدە قانچىلىك تۇرۇش كېرەك بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە بىرلككە كېلەلمىدى. شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي ئۆلىمالىرى: ئەرەپاتتا تۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن مەزتەلىپىدە يېرىم كېچىدىن كېيىن بىر قانچە مىنۇت بولسمۇ تۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ، ئۇلار بىر يەردە مۇقىم تۇرۇش كېرەك ئەمەس، بەلكى ئەرەپاتتىن يېنىپ مۇزتەلىپىدىن ئۆتسە كۇپايە قىلىدۇ دەيدۇ.

مۇزتەلىپىدىن يېرىم كېچىدىن بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلەر بولسا، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى قايتىدىن كەلسە ئۇ ۋاقىتتا مۇزتەلىپىدە تۇرۇش دېگەن ۋاجىپ ئەمەلنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ئەگەر يېرىم كېچىدىن كېيىنمۇ ھەتتا تاڭ يورۇغىچە مۇزتەلىپىگە قايتمىسا، ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا جازا ۋاجىپ بولىدۇ (يەنى بىر قوي جازا كېلىدۇ).

   ھەنەپىي ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا: مۇزتەلىپىدە تاڭ يورىغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا بىر قانچە مىنۇت بولسىمۇ تۇرۇش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر كېسەللىك، ئاجىزلىق ياكى ئايال كىشى بولسا قىستاڭچىلىقتىن ئەنسىرەپ دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن مۇزتەلىپىدە تۇرۇشنى تەرك قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە بىر نەرسە بولمايدۇ. ئەگەر مۇزتەلىپىدىن بۇنىڭدىن بۇرۇن سەۋەپسىز ئايرىلغان بولسا، ئۇ كشىگە بىر قوي جازا كېلىدۇ.

   ئوچۇق بولغىنى: مۇزتەلىپىدە تۇرماي ياكى ئۇ يەردىن ئۆتمەي باشقا تەرەپتىن ماڭغان كىشىلەر كۈن چىقىشتىن بۇرۇن مۇزتەلىپىگە قايتسا ئۇ كىشىدىن جازا ساقىت بولىدۇ.

    مالىكىي ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا: مۇزتەلىپىدە ماشىنىدىن سومكىسىنى ئىلىپ چۈشكىدەك مىقداردا تۇرۇش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر سەۋەپسىز تاڭ يورۇغانغا قەدەرمۇ مۇزتەلىپىگە كەلمىگەن ياكى ئۇ يەردىن ئۆتمىگەن بولسا، مۇزتەلىپىدە تۇرۇشنى سەۋەپسىز تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قوي جازا كېلىدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى"11-توم 108-بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن: بۇ كىشى ئەۋۋەلدە مۇزتەلىپىگە كەلمەستىن بەلكى يېرم كېچىدىن كېيىن پەرز تاۋاپنى قىلىپ يەنە تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى مۇزتەلىپىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، ئۇ كىشىگە جازا كەلمەيدۇ.

    ئەگەر تاۋاپتىن كېيىن ياشانغانلىق، كېسەللىك قاتارلىق يوللۇق سەۋەپلەر بىلەن مۇزتەلىپىگە قايتىپ تۇرۇشى مۇمكىن بولماي قالسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە جازا كەلمەيدۇ. ئەممە يوللۇق سەۋەپسىز كەلمىگەن بولسا، ئۇ كىشىگە بىر قوي جازا كېلىدۇ.

    مالىكىي ئۆلىمالىرىدىن بولغان خەتىب شىربىنىي"مۇغنىيل مۇھتاج"2-توم 265-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزۈرلۈك كىشىگە كەسكىن جازا كەلمەيدۇ، بۇ تۆۋەندە مىنادا تۇرۇشنىڭ ھۆكمىدە بايان قىلىنىدۇ.

   ئۈزۈرلۈك كىشى دېگەن: كېچىدە ئەرەپاتقا كېلىپ، ئۇ يەردە تۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولغان كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى ئەرەپاتتىن مەككىگە قايتىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىپ بولۇپ ۋاپات بولغان.

    ئەزرەئىي مۇنداق دەيدۇ:" جازا كېلىدۇ دېگەنلىك: قىيىنچىلىق تارتماستىن مۇزتەلىپىگە كېلىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپ كەلمىگەنلەرنىڭ قان قىلىشى مەقسەت قىلىنىدۇ.

    ئەگەر مۇمكىن بولسا مۇزتەلىپىگە قايتىپ ۋاجىپ ئەمەللەرنى بىرلىكتە ئادا قىلىش كېرەك.

    شۇنىڭ قاتارىدىن: ئايال كىشى ھەيز ياكى نىپاس كېلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ مۇزتەلىپىدە تۇرماي مەككىگە كىرىپ تاۋاپ قىلىپ چىققان بولسا ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ. ["ئەل مەجمۇئ" 8-توم 153-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مۇزتەلىپىدە تۇرمىغان كىشىنىڭ ھۆكمى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مۇزتەلىپىدە تۇرمىغان كىشى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَإِذَا أَفَضْتُمْ مِنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا الله عِنْدَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ  تەرجىمىسى: «ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 198-ئايەت].

    مۇزتەلىپىدە تۇرمىغان كىشى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغاندا مۇزتەلىپىگە چۈشكەن ۋە «ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۈگىنىڭلار» دېگەن. ئۆزى كېچىنىڭ ئاخىرىدا كېتىشكە رۇخسەت قىلغان ئاجىزلار، ياشانغانلار ۋە ئاياللاردىن باشقىلارنىڭ مۇزتەلىپىدە تۇرماي كېتىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.

    شۇنىڭ ئۈچۈن مۇزتەلىپىدە تۇرماي ياكى ئۇ يەردىن ئۆتمەي كەتكەن كىشىلەر جازا ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈپ مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ. ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 23-توم 97-بەت].

    ئۈچىنچى: ئەگەر ئۇ كىشى پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىپ، چېچىنى قىسقارتىپ ياكى تولۇق ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقىپ ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيگەن بولسا، ئۇ كىشىگە بىر جازا كەلمەيدۇ، چۈنكى ئېھرامدىن چىقىش؛ تاش ئېتىش، چاچنى تولۇق ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش ۋە تاۋاپ قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەتتىن ئىككىسىنى ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ.

   ئەگەر تاۋاپ قىلىپ بولۇپ، چېچىنى قىسقارتىش ياكى تولۇق ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيگەن بولسا، خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ، بىلمەسلىكتىن شۇنداق قىلغان بولسا، ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. شۇنىڭدەك بىلمەسلىكتىن مەن ئېھرامدىن چىقىپ بولدۇم دەپ ئويلاپ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش