شەنبە 22 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 23 نويابىر 2024
Uygur

ئىستىغپار ئېيتىشنى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ پەرزەنتى بولمىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن دىندار بىر ياش، ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، مەن دائىم ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەپ ئىستىغپار ئېيتىمەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن : فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا، يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا،  وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا تەرجىمىسى: «ئۇلارغا ئېيتتىم:  پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ» [سۈرە نۇھ  10-11-12-ئايەتلەر].

لېكىن مەن ھازىرغا قەدەر پەرزەنت يۈزى كۆرمىدىم، كۆپ ۋاقىتلاردا يامغۇرمۇ ياغمايدۇ؟ بۇ  قانداق بولغىنى؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى:  شەرئى دەلىللەردە ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش دۇنيادا گۈزەل ھاياتقا، رىزىققا، مالغا، پەرزەنتلىك بولۇشقا ۋە يامغۇر يېغىشقا سەۋەپ بولىدۇ دەپ ئىسپاتلانغان.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنَّنِي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ *  وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعًا حَسَنًا إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ تەرجىمىسى: « ئېيتقىنكى، بۇ كىتاب:   سىلەرنىڭ ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن نازىل بولغان. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار.  ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ.  ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر ئىماندىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» [سۈرە ھۇد 2-3-ئايەتلەر].

تەپسىرشۇناس ئالىم مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ئايەت ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ ئىستىغپار ئېيتىپ، خاتالىقلىرى ئۈچۈن تۆۋبە قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە گۈزەل ھايات ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى گۈزەل ھاياتقا ئىستىغپار ئېيتىش ۋە تەۋبە قىلىش تەرتىپ بېرىلگەن، جازانىڭ تەرتىپى ئۇنىڭ شەرتىگە كۆرە بولىدۇ.

ئېنىق بولغىنى، گۈزەل ھاياتتىن بولغان مەقسەت:  رىزىقنىڭ كەڭرىي بولىشى، تۇرمۇشنىڭ باياشات بولىشى، دۇنيادا سالامەت ياشاش، دۇنيادا ياشىغان مۇددەت دېگەن ھاياتى ئاخىرلاشقىچە دېمەكتۇر. بۇنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامگە بايان قىلىپ بەرگەن ئايەتتە بۇنى ئىپادىلەيدۇ: وَيَاقَوْمِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَى قُوَّتِكُمْ تەرجىمىسى: «ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار» [سۈرە ھۇد 52 -ئايەت.]

ئاللاھ تائالانىڭ نۇھ سۈرىسىدە بايان قىلغان بۇ ئايىتى: فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا، يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا،  وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا تەرجىمىسى: «ئۇلارغا ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ» [سۈرە نۇھ  10-11-12-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ ئوبدان ياشىتىمىز». [سۈرە  نەھىل 97 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَى آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَرَكَاتٍ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان ـ زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق». [سۈرە ئەراپ 96 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ أَنَّهُمْ أَقَامُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ مِنْ رَبِّهِمْ لَأَكَلُوا مِنْ فَوْقِهِمْ وَمِنْ تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ تەرجىمىسى: « ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يېيىشەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان ـ زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى». [سۈرە مائىدە 66 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا * وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ». [سۈرە تالاق 2 -3-ئايەتلەر].

بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئايەتلەر بار.  “ئەزۋائۇل بايان” 3 -توم.

ئىككىنچى:  ئىستىغپار تەلەپ قىلغۇچىغا پەرزەنتنىڭ ھاسىل بولىشى ۋە يامغۇرنىڭ چۈشىشى كېچىكىپ قالغان بولسا، ئاللاھ تائالا ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلىپ ئۆزىدىن يامان گۇمان قىلسۇن، بەلكىم ئىستىغپارنى ھۇزۇرى دىل بىلەن ۋە خۇشۇ بىلەن قىلمىغان بولىشى مۇمكىن، بەلكى پەقەت تىلى بىلەن ئېيتقان بولىشى مۇمكىن بۇ ئىستىغپارنىڭ رەت قىلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ * وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار،(دۇئا قىلغاندا كەلسە ـ كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورققان ۋە رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر». [سۈرە ئەراپ 55–56 ئايەتلەر].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئىجابەت بولۇشقا ئىشەنچ قىلغان ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىڭلار، بىلىڭلاركى!  ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا غاپىل قەلىپتىن قىلغان دۇئانى ئىجابەت قىلمايدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 3479-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ”تەرغىپ ۋە تەرھىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” 2 -توم 286 -بەتتە كەلتۈرگەن.]

ياكى ئىستىغپار ئېيتقۇچى سادىر قىلغان خاتالىقىدىن غاپىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلمىغان بولسا، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلمىغان.

ئاندىن مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل ئادالىتى ۋە ھېچ بىر بەندىسىگە ياخشىلىققا زەررە مىقدارى زۇلۇم قىلمايدىغانلىقىغا ۋە مۇكەممەل ھېكمىتىگە ئېتىقاد قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىغپار تەلەپ قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا بولغان قارىشىنى ياخشىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە ئىتىراز بىلدۈرمەسلىكى كېرەك.   بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا يُسْأَلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْأَلُون تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ» [سۈرە ئەنبىيا 23 -ئايەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنىڭ رەببىدۇر، ئىگىسىدۇر، ئاللاھ تائالا ھەر بىر نەرسىنى ئەڭ يۈكسەك ھېكمەت بىلەن ياراتقۇچىدۇر، چەكسىز نېمەت ئاتا قىلغۇچىدۇر ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي رەھمەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، مەخلۇقاتلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە قەھىرلىك بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى چەكسىز ئىلمى، كامالى قۇدرىتى، ئومۇمى رەھمىتى ۋە يۈكسەك ھېكمىتىدىندۇر” .  [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  8 -توم  79-بەت].

بەلكىم پەرزەنتلىك بولالماسلىق ياكى يامغۇرنىڭ چۈشۈشىنىڭ كېچىكىشى ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن بەزى بىر دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان بولىشى مۇمكىن.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “رازىلىققا زىت كېلىدىغان ئىشلاردىن:  ئاللاھنى رازى قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ بۇنى بىلمەستىن ئاللاھقا بەك ئىلتىجا قىلىش، كونتۇرۇللۇق قىلىش ۋە تاللاش قاتارلىقلاردۇر. بۇ خۇددى بىر كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرۇپ  ئاللاھقا بەك يالۋۇرغان، ئاللاھ ئۇنى سورىغان نەرسىسىدىن بىھاجەت قىلغان ياكى ھاجىتىنى ئادا قىلغان كىشىگە ئوخشاشتۇر، بۇ رازىلىققا زىت كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ئىشتا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ھەقىقى ئىشەنچتە بولمىغان”. [ “مەدارىجۇس سالىكىين”  3 -توم 2033 -بەت].

ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەقىللىق كىشى سەۋىرچان بولۇپ غەرەز-مەقسەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن خەۋەر تېپىشى، ئەگەر دۇئا قىلسا، بىر نەرسە سورىسا، غەرەز-مەقسىتىنى تولۇق سورىشى، سەمىمى دۇئا بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى كېرەك. ئاللاھ سورىغان نەرسىسىنى ئاتا قىلسا، شۈكۈر ئېيتىش، ئەگەر مەقسىتى ھاسىل بولمىسا بەك يېپىشىپ تەلەپ قىلىشى لايىق بولمايدۇ، چۈنكى دۇنيا دېگەن غەرەز-مەقسەتلەرگە يېتىدىغان ئورۇن ئەمەس، ئۆزىگە شۇنداق دېيىشى لازىم: وَعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ تەرجىمىسى: «سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر» [سۈرە بەقەرە 216 -ئايەت.]

“سەيىدىل خاتىر” 625-626-بەتلەرگە قارالسۇن.

مۇسۇلماننىڭ دۇئاسىنىڭ ھەممىسى ياخشىدۇر، ئەگەر سورىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسى دۇنيادا بېرىلمىسە، بەلكىم ئۇ كىشىدىن ئۆزى بىلمەيدىغان بىرەر يامانلىق قايتۇرۇلغاندۇر، ياكى ئۇ كىشىگە قىيامەتتە بېرىلىدىغان بىرەر ياخشىلىق ساقلانغاندۇر، بۇنىڭغا كۆرە ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىشى كېرەك.

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زېمىندا ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھ تائالاغا گۇناھ-مەسىيەت بولمايدىغان ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزمەيدىغان شەكىلدە دۇئا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن شۇنىڭ ئوخشىشىدا بىر يامانلىقنى يوق قىلىدۇ، دېگەن ئېدى، ساھابىلاردىن بىرى:  ئۇنداق بولسا بىز دۇئانى كۆپ قىلىمىز دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا كۆپ ئاتا قىلغۇچىدۇر» دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى3573 -ھەدىس. بۇ ھەدىس ھەسەن، سەھىھ، غەرىب دېدى].

ئەبى سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھ تائالاغا گۇناھ-مەسىيەت بولمايدىغان ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزمەيدىغان شەكىلدە دۇئا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى ئاتا قىلىدۇ:  ياكى ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى تىزدىن ئىجابەت قىلىدۇ يەنى دۇنيادا ئىجابەت قىلىدۇ، ياكى بۇنىڭ ساۋابىنى ئاخىرەتكە ساقلاپ قويىدۇ، ياكى ئۇ كىشىدىن بۇنىڭغا ئوخشىغان بىر يامانلىقنى يوق قىلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلار: بىز كۆپ دۇئا قىلىمىز دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام : ئاللاھ تائالا كۆپ ئاتا قىلغۇچىدۇر» دېدى. [ئىمام ئەھمەد  “ئەلمۇسنەد”  17 -توم 213 -بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى ھەسەن، سەھىھ دەپ “تەرغىپ ۋە تەرھىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” 2 -توم 278 -بەتتە كەلتۈرگەن].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 229456 – ۋە 5113 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى