چارشەنبە 22 شەۋۋال 1445 - 1 ماي 2024
Uygur

سەكراتقا چۈشكەن كىشىگە تەلقىن قىلدۇرۇش كۇپايە قىلامدۇ ياكى تەۋبە قىلىشنى ئەسلىتىش زۆرۈر بولامدۇ؟

سۇئال

   سەكراتقا چۈشكەن كىشىگە كۇپىردىن، شېرىكتىن، رىيادىن تۆۋە قىلىشىنى دېيىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىمىزمۇ؟، ھەقىقەتەن مەن نۇرغۇن كىشىلەردىن چوڭ-كېچىك شېرىك، بىدئەت، كۇپىر قاتارلىق ئىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقىنى كۆردۈم، سەكراتقا چۈشكەندە، كىشىلەر ئۇنىڭغا پەقەت شاھادەت كەلىمىسىنى دەيدۇ، ھېچ بىر كىشى مەن يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىشلاردىن تەۋبە قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، مۇشۇ ھالەت ئۈچۈن قۇرئان-ھەدىستىن بولغان توغرا كۆرسەتمە قايسى؟. چۈشەنچە بېرىلىشىنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سەكراتقا چۈشكەن كىشىنىڭ دۇنيادىن كېتىدىغان ۋاقىتتىكى ئاخىرقى سۆزى "لائىلاھە ئىللەللاھۇ بولسۇن ئۈچۈن ئۇ كىشىگە شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىش سۈننەت بولىدۇ.

    ئەبۇ سەئىد ئەل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەكراتقا چۈشكەن كىشىلەرگە شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىڭلار» [مۇسلىم رىۋايىتى 916-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەكراتقا چۈشكەن كىشىلەرگە شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىڭلار، چۈنكى ھەر قانداق كىشىنىڭ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتىكى ئاخىرىقى سۆزى لائىلاھە ئىللەللاھۇ بولسا، گەرچە جەننەتكە كېرىشتىن بۇرۇن بەزى ئىشلارغا ئۇچرىسىمۇ ئاخىر بىر كۈنى جەننەتكە كېرىدۇ» [ئىبنى ھىببان رىۋايىتى 3004-ھەدىس. شۇئەيىب ئەرناۋۇت"ئىبنى ھىبباننىڭ تەھقىقىدە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن"].

    شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزى سەكراتقا چۈشكەن كىشىنى خاتالىقلىرىدىن تەۋبە قىلىشتىن بىھاجەت قىلمايدۇ، ئەگەر خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلمىسا، ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولىدۇ، يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېيىش بىلەن تۇرۇقلۇق دوزاخقا كېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كېسەلنى، سەكراتقا چۈشكەن كىشىنى تەۋبە قىلىشقا دەۋەت قىلىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيىتى بار ھالەتتە بولسا ئۇنى ئەسلىتىش ئارقىلىق مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان بۇزۇقچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ سۆزلەر ئۇ كىشىگە ئېغىر كەلمەيدۇ ۋە ئاچچىقىنى كەلتۈرمەيدۇ، بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرقى ئەھۋالىمۇ بولمايدۇ، بولۇپمۇ جان ھەلقۇمغا كەلگەندە، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئۈركۈش ئەمەس بەلكى بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇنداق ھالەتتە ئۈمىدلىنىش كۈچلۈك بولىشى كېرەك. ئۇ كىشىنى مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا سۆيۈنىدىغان، ئالەملەرنىڭ رەببىگە يۈزلىنىشكە رىغبەتلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدىغان قىلىش كېرەك.  

    پەقىھ ئالىملار كېسەلنى يوقلىغاندا ئۇنىڭغا تەۋبىنى ئەسلىتىش، سەكراتقا چۈشكەن كىشىگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەن كەلىمىنى تەلقىن قىلىش كېرەكلىكىنى زىكىر قىلىدۇ، چۈنكى سەكراتقا چۈشكەندە جىق ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ۋاقىت يەتمەيدۇ، تەۋبىنى ئەسلىتىش كېسەل ۋاقتىدا يوقلاپ كىرگەندە ھاسىل بولغان.

    "ئەڭ قىسقا قىسقارتىلما" 132-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشنىڭ يوللىرى: ئۆلۈمنى كۆپ زىكىر قىلىش، بىدئەتچى بولمىغان مۇسۇلمان بىمارلارنى يوقلاش، ئۇلارغا تەۋبىنى ۋە ۋەسىيەتنى ئەسلىتىش، ئۇنىڭغا ماقۇل كەلسە، تەكرارلاش سۈننەت بولىدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ گېلىغا سۇ تېمىتىش ياكى سۇ ئىچۈرۈش، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنى تەكرار تەلقىن قىلدۇرۇش، بۇ ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر باشقا سۆزنى قىلىپ قالسا، مۇلايىملىق بىلەن قايتىدىن تەلقىن قىلدۇرۇش كېرەك.

    "شەرھى كەشپۇل مۇخەددەرات"1-توم 218-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كېسەلگە تەۋبىنى ئەسلىتىش سۈننەت بولىدۇ، چۈنكى ھەر بىر كىشىگە ھەر ۋاقىتتا، ھەر گۇناھدىن تەۋبە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، ئەمما كېسەل باشقىلاردىنمۇ بەكرەك تەۋبىگە ئېھتىياجلىق، كېسەلگە ۋەسىيەتنى ئەسلىتىش، زۇلۇمدىن ھالال بولۇشنى ئەسلىتىش، گەرچە كېسىلى ئاددى بولسىمۇ بۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش سۈننەت بولىدۇ، يېنىدا بىر كىشى تۇرسىمۇ بولىدۇ، كېسەلنى بىئارام قىلىپ قويماسلىق، ۋە بەزى ئىشلىرىنى قىلىشتىن چەكلەپ قويماسلىق ئۈچۈن يېنىدا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق كېرەك.

    كېسەلنىڭ يېنىغا ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلگەندە، كېسەلنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئۇنىڭغا بەك كۆيۈنىدىغان، تەقۋادار تۇغقانلىرى ئەتىراپىدا چۆرىدەپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشى، ئۇنىڭغا سۇ ياكى ئىچىملىك بېرىشى كېرەك، سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن پەيدا بولغان ھارارەتنى ئۆچۈرۈش، شاھادەت كەلىمىسىنى دېيىشى ئاسان بولىشى ئۈچۈن ئىككى لېۋىنى پاختا بىلەن نەم قىلىشى سۈننەت بولىدۇ، كېسەلگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنى بىر قېتىم تەلقىن قىلىش سۈننەت، ئۈچ قېتىمدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك، ئۈچ قېتىمدىن كېيىن باشقا سۆزلەرنى قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرقى سۆزىنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەن سۆز بولىشى ئۈچۈن مېھرىبانلىق بىلەن يەنە قايتىدىن تەلقىن قىلدۇرۇش كېرەك، چۈنكى مېھرىبانلىق-مۇلايىملىق ھەممە ئىشتا تەلەپ قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ بۇنداق ھالەتتە ئىنتايىن زۆرۈر".

    ۋاقىت بولسا، ھۇشى جايىدا بولۇپ ئىمكانىيەت بولسا، تەۋبىنى ئەسلىتىش كېرەك بولۇپ، ئۇ كىشى  شېرىك، بىدئەت ۋە چوڭ گۇناھلار بىلەن تونۇشلۇق بولسا شۇنداق قىلىش كېرەك.

    ئەگەر ۋاقىت يەتمىسە ئۇ كىشى سەكراتتا بولسا، شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلدۇرۇش  كۇپايە قىلىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى