سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى

سۇئال

مەن ئاللاھ ھەققىدە ھەقىقىي ئىشىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پەزىلەتلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم ۋە ئوقۇدۇم . ئەمدى سىلەر ماڭا ئاللاھ ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار . ئۇنىڭدا ، مىنىڭ ھەقىقىي ئىشىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمغا ھەمدە پەيغەمبىرىمىز( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يولىغا مۇخالىپ ئىش قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشىمغا ياردىمى بولۇپ قالار .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئاللاھقا ئىشىنىش دىگەنلىك – ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى ، پەرۋەردىگارلىقى ، ئىلاھلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە قەتئىي ئىشىنىش .
ئاللاھقا ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كىمكى ئۇلارغا ئىشەنسە ، ئۇ ھەقىقى ئىشەنگۈچى(مۇئىمىن) .
بىرىنچى : ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقىغا ئىشىنىش
ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن شەرئىي دەلىلەرنى دىمىسەكمۇ ، ئەقىل ۋە تۇغما تەبىئەت ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
1- تۇغما تەبىئەتنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقىنى كۆرسىتىشى : ھەر بىر مەخلۇقات ھىچ بىر ئالدىنئالا تەپەككۇرسىز ياكى ئۆگىتىلمەستىن ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ھەققىدە تۇغما ئىشىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان . ھەمدە بۇ تۇغما تەبىئەتتىن ئازدۇرۇش تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىدىن باشقا ھىچكىم چىقىپ كىتەلمەيدۇ . شۇڭلاشقا پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : ھەر قانداق پەرزەنت فىترەت(تەبىئەت، يەنى ئىسلام) ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ . بىراق ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى بىر يەھۇدىي، ياكى خىرىستىئان ۋە ياكى بىر مەجۇسىي قىلىدۇ . [ بۇخارىي(1358)، مۇسلىم(2658) نەقىل قىلغان ]
2- ئەقىلنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقىنى كۆرسىتىشى : بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ بۇرۇن ،ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بىر ياراتقۇچىسى بولۇشى كىرەك . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزى بارلىققا كەلتۈرىشى ، ياكى ئۆزىچە بارلىققا كىلىشى مۇمكىن ئەمەس .
ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزى بارلىققا كەلتۈرىشى مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى بىر نەرسە ئۆزىنى ئۆزى يارىتالمايدۇ . چۈنكى ئۇ بارلىققا كىلىشتىن ئىلگىرى يوق ئىدى ، شۇڭا ئۇ قانداقسىگە ياراتقۇچى بولالايدۇ ؟ !
ھەمدە ئۆزىچە بارلىققا كىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەرقانداق يۈزبەرگەن نەرسىنىڭ يۈز بەرگۈزگۈچىسى بولىدۇ . ۋە بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ ئاجايىپ ، مۇكەممەل ئۇسلۇپتا يارىتىلىشى ، ھەربىر يارىتىلغان نەرسىنىڭ باشقا نەرسىلەرگە ئۆزئارا ماس بولۇشى ، ھەمدە سەۋەپ ۋە نەتىجە ئوتتۇرسىدىكى زىچ باغلىنىش ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەمنىڭ تاسادىپىي ، ئۆزىچە بارلىققا كىلەلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ . چۈنكى تاسادىپىي يۈز بەرگەن نەرسە دەل ، مۇكەممەل ھالەتتە يۈز بەرمەيدۇ . شۇڭا ئۇ قانداقسىگە دەل ، تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدۇ ؟ !
ئەگەر بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى يارىتىشى ياكى تاسادىپىي بارلىققا كىلىشى مۇمكىن بولمىسا ، ئۇنداقتا جەزمەن ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بار ، ئۇ بولسىمۇ بارلىق دۇنيانىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ .
ئاللاھ بۇ ئەقىلى دەلىلنى ۋە كەسكىن ئىسپاتلارنى تۇر سۇرىسىدە تىلغا ئالدى ، ئۇ مۇنداق دىدى: ياكع ظذلار ياراتقذحعسعز يارعتعلغانمذ؟ ياكع ظذلار ظأزلعرع ياراتقذحعمذ؟ [ تۇر(تاغ) : 35 ]
يەنى ئۇلار بىر ياراتقۇچىسىز يارىتىلمىغان ، ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزى ياراتمىغان بولسا ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى جەزمەنكى تەرىپلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغلانغۇچى ئاللاھ . شۇڭلاشقا جۇبەير بىن مۇتئېم ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)نىڭ تۇر سۈرىسىنى ئوقۇغىنىغا قۇلاق سىلىپ ، مۇنۇ: ياكع ظذلار ياراتقذحعسعز يارعتعلغانمذ؟ ياكع ظذلار ظأزلعرع ياراتقذحعمذ؟[35] ياكع ظذلار ظاسمانلارنع ؤة زئمعننع ياراتقانمذ؟ بةلكع ظذلار (اللةنعث بعرلعكعضة) ظعشةنمةيدذ[36] . ظذلارنعث يئنعدا صةرؤةردعضارعنعث خةزعنعلعرع بارمذ؟ ياكع ظذلار (كاظعناتنع) بويسذندذرغذحعمذ؟
[ تۇر ( تاغ ): 35-37 ] ئايەتلەرگە كەلگەندە ،( ئۇ چاغدا جۇبەيىر تېخى مۇشرىك ئىدى.) ئۇ مۇنداق دىگەن : " يۈرۈكۈم ئۇچۇپ چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى . ئاشۇ بولسا ئىماننىڭ قەلبىمگە تۇنجى كىرگەن ۋاقتى ئىدى ." [ بۇخارىي بىر نەچچە ئورۇندا نەقىل قىلغان ]
ئۇنى تىخىمۇ ئوچۇقلاش ئۈچۈن بىر مىسال كەلتۈرەيلى :
ئەگەر بىر كىشى سىزگە بىر گۈزەل ئوردا بارلىقىنى ، ئۇنىڭ باغلار بىلەن ئورالغانلىقىنى ، باغلاردا ئۆستەڭلەرنىڭ ئىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى ، ئوردىنىڭ بىساتلار ۋە كىرىسلولار بىلەن تولغانلىقىنى ، زىبۇ-زىننەت ۋە ھەشەمەتنىڭ بارلىق تۈرى بىلەن بىزەلگەنلىكىنى ، ھەمدە بۇ ئوردا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەر ئۆزلىرىنى ئۆزى بارلىققا كەلتۈرگەن ياكى ئۇ ھىچبىر قۇرغۇچىسىز تاسادىپىي مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن دىسە ، سىز شۇ ھامان ئۇنى ئىنكار قىلىسىز ھەمدە ئۇنى يالغان ۋە بۇ بىر ئەخمىقانە سۆز دەپ قارايسىز . ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا ، يېرى، ئاسمىنى ۋە يۇلتۇز-پىلانىتلىرى بىلەن كۆز يەتكۈسىز بۇ كائىنات ، ئەقىلنى لال قىلىدىغان ، ئاجايىپ ، پۇختا نىزاملىق بۇ كائىنات ئۆزىنى ئۆزى بارلىققا كەلتۈرىشى ياكى ھىچبىر ياراتقۇچىسىز تاسادىپىي بارلىققا كىلىشى مۇمكىنمۇ ؟ !
بىر سەھرادا ياشايدىغان كۆچمەن ئەرەپ بۇ ئەقلى دەلىلنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئۇسلۇبى بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن . ئۇنىڭدىن: " پەرۋەردىگارىڭنى قانداق بىلدىڭ ؟ " دەپ سورالغاندا، ئۇ : " ئەگەر سەن تۆگە مايىقىنى كۆرسەڭ ، بىر تۆگىنىڭ بۇ يولدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلىسەن . ۋە ئەگەر سەن بىر ئاياق ئىزىنى كۆرسەڭ ، بىر ئادەمنىڭ بۇ يولدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلىسەن . شۇڭا بۇ يۇلتۇزلۇق ئاسمان ، تاغ يوللىرى بار زىمىن ، ئىگىز دولقۇنلۇق دىڭىزلارنىڭ ھەممىسى ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ، كۆرۈپ تۇرغۇچى زاتنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتمەمدۇ ؟ !!" دەپ جاۋاپ بەرگەن .
ئىككىنچى : ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقى ھەققىدە ئىشىنىش
يەنى ، ئۇنىڭ شىرىكى يوق ۋە ياردەمچىسى يوق بىردىنبىر پەرۋەردىگارلىقى ھەققىدە ئىشىنىش .
پەرۋەردىگار : يارىتىش ، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ، تىزگىنلەش كۈچى بار زات دىگەنلىك بولۇپ ، ئاللاھتىن بۆلەك ياراتقۇچى ، ئاللاھتىن بۆلەك ھۆكۈمران ، ئاللاھتىن بۆلەك ئىشلارنى تىزگىنلىگۈچى يوق . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : جەزمەنكى ، يارىتىش ۋە ئەمىر-پەرمان قىلىش ئۇنىڭ ئىلكىدە . [ ئەئېراف(ئىگىزلىك): 45]
« ظئيتقعنكع،سعلةرضة ظاسماندعن (يامغذر ياغدذرذص)زئمعندعن(ضعيا ظىندىرىص)كعم رعزعق بئرعدذ؟ سعلةرنعث ظاثلاش ؤة كأرىش قابعلعيعتعثلارنع كعم باشقذرعدذ؟ تعرعك شةيظعلةرنع ظألىك شةيظعلةردعن كعم صةيدا قعلعدذ؟ظألىك شةيظعلةرنع, تعرعك شةيظعلةردعن كعم صةيدا قعلعدذ؟ (خالايعقنعث)ظعشلعرعنع كعم ظعدارة قعلعدذ؟ظذلار(بذلارغا جاؤابةن): اللهدةيدذ. ظئيتقعنكع،(الله دعن غةيرعيضة حوقذنذش بعلةن الله نعث ظازابعدعن) قورقمامسعلةر؟ [ يۇنۇس: 31 ]
اللة ظاسماندعن زئمعنغعحة بولغان (مةخلذقاتعنعث) ظعشلعرعنع ظعدارة قعلعص تذرعدذ،ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ . [ سەجدە: 5 ]
ظةنة شذ اللة سعلةرنعث صةرؤةردعضارعثلاردذر، صادعشاهلعق ظذنعثغا خاستذر، اللةنع قويذص حوقذنذؤاتقان بذتلعرعثلار قعلحعلعك نةرسعضة ظعضة ظةمةس .
[ فاتىر(ياراتقۇچى): 13 ]
فاتىھە سۇرىسىدىكى قىيامەت كۈنىنىڭ خوجايىنىدۇر [مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ ] ھەققىدە مۇلاھىزە قىلسىڭىز ، ئۇنىڭ يەنە بىر تونۇلغان ئوقۇلۇشى : [مَلِكِ يَوْمِ الدِّينِ] ( قىيامەت كۈنىنىڭ پادىشاھىدۇر ) بولۇپ ، ئەگەر بۇ ئىككى ئوقۇلۇش بىرلەشتۈرۈلسە ، ئاجايىپ بىر مەنە ھاسىل بولىدۇ . چۈنكى پادىشاھ خوجايىنغا قارىغاندا ھۆكۈمرانلىق ۋە كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ .ئەگەر ئاللاھنىڭ ھەم پادىشاھ ھەم خوجايىنلىقى جەملەنسە ، ئۇنداقتا ئىش مۇكەممەل بولىدۇ ، يەنى ھەم ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ھەم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
ئۈچۈنچى : ئۇنىڭ ئىلاھلىقىغا ئىشىنىش
يەنى ، ئۇنىڭ شىرىكى يوق ھەقىقىي ئىلاھ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىشىنىش .
[ئىلاھ ] سۆزىنىڭ مەنىسى ، سۆيۈلگۈچى . يەنى ، سۆيۈش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن ئىباەدت قىلىنغۇچى . ھەمدە بۇ [ لا ئىلاھە ئىللەللاھ ] نىڭ مەنىسى ، يەنى ، ئاللاھتىن بۆلەك ھەقىقى ئىبادەت قىلىنغۇچى يوق . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : سعلةرنعث ظعلاهعثلار بعر ظعلاهتذر،ظذنعثدعن باشقا هئح مةبذد(بةرهةق) يوقتذر؛ظذ ناهايعتع شةصقةتلعكتذر،ناهايعتع مئهرعباندذر . [بەقەرە( ئىنەك): 163 ]
الله ظادالةتنع بةرصا قعلغان هالدا ضذؤاهلعق بةردعكع،ظذنعثدعن باشقا هئح مةبذد (بةرهةق) يوقتذر.صةرعشتعلةرمذ،ظعلعم ظةهلعلرعمذ شذنداق ضذؤاهلعق بةردع:ظذنعثدعن باشقا هئح مةبذد (بةرهةق)يوقتذر،ظذ غالعبتذر،هئكمةت بعلةن ظعش قعلغذحعدذر . [ئال ئىمران(ئىمران ئائىلىسى): 18]
ھەرقانداق ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىلاھلىقى باتىل(يالغان) . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : بذ (قذدرةت) شذنعث ظىحىندذركع، اللة هةقتذر، (مذشرعكلارنعث) اللةنع قويذص ظعبادةت قعلعدعغان نةرسعلعرع (يةنع بذتلعرع) باتعلدذر، اللة (هةممة نةرسعدعن) ظىستىندذر، بىيىكتذر .
[ ھەج : 62 ]
ئۇلارنىڭ ئىلاھ(تەڭرى) دەپ ئاتىلىشى ئۇلارغا ئىلاھلىق ھوقۇقىنى بەرمەيدۇ . ئاللاھ [لات ، ئۇززا ، مانات] ھەققىدە مۇنداق دىگەن : بذ بذتلار صةقةت سعلةر ؤة ظاتا-بوؤاثلار ظاتعؤالغان قذرذق ناملاردعنلا ظعبارةت، اللة بذنع ظعسصاتلايدعغان هئح بعر دةلعل-صاكعت حىشىرضعنع يوق . [ نەجىم(يۇلتۇز): 23 ]
ئاللاھ خەۋەر قىلدىكى ، يۇسۇف پەيغەمبەر ئىككى گۇندىپايغا مۇنداق دىگەن : تارقاق كأص مةبذدلار ياخشعمذ؟ياكع قذدرةتلعك بعر الله ياخشعمذ؟.سعلةرنعث الله نع قويذص ظعبادةت قعلعؤاتقعنعثلار صةقةت سعلةر ظأزةثلار ؤة ظاتا ـ بوؤاثلار ظاتعؤالغان(بذتلارنعث ؤة غةيرعينعث)ناملعرعدعنلا ظعبارةت،الله (ظذلارنعث الله نعث شئرعكع بولذشع توغرعسعدا)هئحقانداق دةلعل حىشىرضعنع يوق .
[ يۇسۇف: 40 ]
ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئەمەس ، ھەمدە پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىنىدۇ . ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ بۇ ھوقۇقىدىن ئۈلۈشى يوق ، مەيلى ئۇ ئۇنىڭغا يىقىن پەرىشتە بولسۇن ، ياكى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولسۇن . شۇڭلاشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ چاقىرقى ، ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ بىرىنچىسىدىن ئاخىرقىسىغىچە بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دىيىشكە چاقىرىش بولغان . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : بىز سىنىڭدىن ئىلگىرى ھەر قانداق بىر ئەلچى ئەۋەتسەكلا ، ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلدۇقكى : مىنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق ، شۇڭا ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار . [ ئەنبىيا( پەيغەمبەرلەر) : 35 ]
« بعز هةقعقةتةن هةر بعر ظىممةتكة: اللةغا ظعبادةت قعلعثلار، شةيتاندعن (يةنع شةيتانغا، بذتلارغا، كاهعنلارغا ظوخشاش هةرقانداق مةبذدقا ظعبادةت قعلعشتعن) يعراق بولذثلار دةص صةيغةمبةر ظةؤةتتذق .» [ نەھىل( ھەسەلھەرىسى) : 36 ]
بىراق مۇشرىكلار بۇنى رەت قىلدى . ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارنى تۇتتى . ئۇلار ئاللاھ بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئىبادەت قىلىدۇ . ئۇلاردىن ياردەم سورايدۇ ۋە قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .
تۆتىنچى : ئۇنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدە ئىشىنىش
يەنى ، ئاللاھ كىتابىدا ، ياكى ئەلچىسىنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) سۈننىتىدە ئۆزىگە مۇقەررەرلەشتۈرگەن ئىسىملار ۋە سۈپەتلەرنى ئۇنىڭغا لايىق رەۋىشتە ، بۇرمىلىماستىن ، مەنىسىنى ئىنكار قىلماستىن ياكى قانداقلىقىنى سورىماستىن ياكى ئۇنى مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشاتماستىن مۇقەررەرلەشتۈرۈش .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : الله نعث ضىزةل ظعسعملعرع بار،الله نع شذ (ضىزةل ظعسعملعرع) بعلةن ظاتاثلار،الله نعث ظعسعملعرعنع كةلسة-كةلمةس قوللعنعدعغانلارنع تةرك ظئتعثلار،ظذلار(ظاخعرةتتة) قعلمعشلعرعنعث جازاسعنع تارتعدذ .
[ ئەئېراف(ئىگىزلىك): 180 ]
بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ مۇقەررەرلىكىگە دەلىل . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھنىڭدۇر . ئاللاھ غالىپ ، ۋە دانادۇر . [ رۇم(رىم) : 27 ]
بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ مۇكەممەل سۈپەتلىرىنىڭ مۇقەررەرلىكىگە دەلىل ، چۈنكى ، ئايەتتىكى مەسەلۇل ئەئېلا نىڭ مەنىسى : ئەڭ مۇكەممەل سۈپەت . بۇ ئىككى ئايەت ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملار ۋە يۈكسەك سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئومۇمى ھالدا مۇقەررەرلەشتۈرىدۇ . لىكىن ئۇنىڭ تەپسىلاتى كىتاب ۋە سۈننەتتە كۆپ . بۇ ساھە ، يەنى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ساھەسى بولسا ئۇممەت ئارىسىدا ئىختىلاپ ۋە مۇنازىرە ئەڭ كۆپ شەكىللەنگەن ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇممەت ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدە ھەر خىل مەزھەپلەرگە بۆلۈندى .
بىزنىڭ بۇ ئىختىلاپقا قارىتا مەيدانىمىز بولسا ئاللاھ مۇنۇ سۆزىدە بۇيرىغان نەرسە : قعلعثلار،ظةضةر سعلةر بعر شةيظعدة ظعختعلاص قعلعشعص قالساثلار،بذ توغرعدا الله غا ؤة صةيغةمبةرضة مذراجعظةت قعلعثلار،ظةضةر سعلةر الله غا ؤة ظاخعرةت كىنعضة (هةقعقعي)ظعشعنعدعغان بولساثلار . [ نىسا(ئاياللار) : 59 ]
بىز بۇ تالاش-تارتىشلارنى ساھابىلەر ۋە تابىئېيىنلاردىن ئىبارەت توغرا يولدىكى پىشقەدەملەرنىڭ بۇ ئايەت ۋە ھەدىيسلەرگە قارىتا چۈشەنچىسىدىن توغىرسىنى ئىزدىگەن ھالدا ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئەلچىسىنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىمىز . چۈنكى ئۇلار ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نىمە دىمەكچىلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) نىمە دىمەكچىلىكىنى بۇ ئۇممەت ئىچىدە ئەڭ بىلگۈچىلەر . ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد پەيغەمبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەمراھلىرىنى سۈپەتلەپ راست ئېيىتقانىدى : " كىمكى بىر يولغا ئەگەشمەكچى بولسا ، ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشسۇن . چۈنكى ھايات كىشىنىڭ (خاتالىققا) قىزىقتۇرلىشىدىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ . بۇ مۇ ھەممەدنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەمراھلىرى بولسا بۇ ئۇممەتنىڭ ئىچىدە قەلبى ئەڭ پاك ، بىلىمى ئەڭ چوڭقۇر ، ئىددىيسى مۇرەككەپلىكتىن ئەڭ خالىي كىشىلەر بولۇپ ، ئاللاھ ئۇلارنى دىنىنى بەرپا قىلىشقا ، ۋە پەيغەمبىرىگە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەمرا بولۇشقا تاللىغان خەلق . شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تونۇڭلار ، ئۇلارنىڭ يوليورۇقلىرىنى چىڭ تۇتۇڭلار . چۈنكى ئۇلار توغرا يوليورۇققا ئەگىشىپ ماڭغانىدى . "
بۇ مەسىلىدە پىشقەدەملەرنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتكۈچى ھەرقانداق كىشى- خاتالاشقۇچى ، ئازغۇن، مۇئىمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىسىغا ئەگەشكۈچى ھەمدە ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدە تىلغا ئىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشقا ھەقلىق بولغۇچى : كعمكع ظأزعضة توغرا يول ظئنعق بولغاندعن كئيعن، صةيغةمبةرضة مذخالعصةتحعلعك قعلعدعكةن،مأمعنلةرنعث يولعدعن غةيرعيضة ظةضعشعدعكةن،ظذنع ظأز يولعغا قويذص بئرعمعز، ظذنع (ظاخعرةتتة)جةهةننةمضة كعرضىزعمعز, جةهةننةم نئمعدئضةن يامان جاي! [ نىسا (ئاياللار): 115 ]
ھەمدە ئاللاھ توغرىغا يىتەكلىنىشكە ، ئىشىنىشنىڭ(ئىيماننىڭ) پەيغەمبەر ھەمراھلىرى ئىشەنگەن نەرسىگە ئوخشاش بولۇشنى شەرىت قىلدى : ئەگەر ئۇلار سىلەر ئىشەنگەندەك ئىشەنسە ، ئاندىن ئۇلار توغرىغا يىتەكلەنگەن بولىدۇ . [ بەقەرە(ئىنەك): 137 ]
شۇڭا پىشقەدەملەرنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتكۈچى ۋە يىراقلاشقۇچى ھەر قانداق كىشى پىشقەدەملەرنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان مىقداردا توغرىغا يىتەكلىنىشنى يوقاتقان بولىدۇ .
مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ، بۇھەقتە ئاللاھ ئۆزىگە مۇقەررەرلەشتۈرگەن ياكى ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنىڭغا مۇقەررەرلەشتۈرگەن ئىسىملارۋە سۈپەتلەرنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش ، قۇرئان ۋە سۈننەت تېكىستلىرىنىڭ ئاشكارا مەنىسىنى ئىلىش ، ھەمدە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەمراھلىرى ئىشەنگەندەك ئىشىنىش ۋاجىپ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن. چۈنكى ئۇلار بۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئالىم كىشىلىرى .
لىكىن بىلىشىمىز كىرەككى ، بۇنىڭدا ساقلىنىشقا تىگىشلىك تۆت نەرسە بار بولۇپ ، كىمكى ئۇلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدە ئىشىنىشنى ئۇ ۋاقىپ قىلغاندەك ئىشقا ئاشۇرمىغان بولىدۇ . كىمكى بۇ تۆت ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىدىن ساقلانمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدىكى ئىمانى توغرا ئەمەس . ئۇلار بولسا : تەھرىيف( بۇرمىلاش)، تەئېتىيل( رەت قىلىش ) ، تەمسىيل( ئوخشىتىش) ، تەكيىيف( قانداقلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش) .
شۇڭلاشقا بىز ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدىكى ئىماننىڭ مەنىسى بولسا [ئاللاھ كىتابىدا ، ياكى ئەلچىسىنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) سۈننىتىدە ئۆزىگە مۇقەررەرلەشتۈرگەن ئىسىملار ۋە سۈپەتلەرنى ئۇنىڭغا لايىق رەۋىشتە ، بۇرمىلىماستىن ، مەنىسىنى ئىنكار قىلماستىن ياكى قانداقلىقىنى سورىماستىن ياكى ئۇنى مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشاتماستىن مۇقەررەرلەشتۈرۈش .] دىدۇق .
تۆۋەندە بىز ساقلىنىشقا تىگىشلىك بۇ تۆت نەرسىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز :
1- تەھرىيف( بۇرمىلاش)
ئۇنىڭ مەنىسى : قۇرئان ۋە سۈننەت تېكىستلىرىنىڭ مەنىسىنى ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىش . يەنى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك سۈپەتلىرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مەقسەت قىلمىغان باشقا بىر مەنەگە ئۆزگەرتىش .
ئۇنىڭ مىسالى :
ئاللاھنىڭ قولى بارلىقىدىن ئىبارەت سۈپىتى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ نۇرغۇن تېكىستلىرىدە كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ مەنىسىنى نىئېمەت ياكى كۈچ-قۇدرەت دەپ بۇرمىلاش .
2- تەئېتىيل( رەت قىلىش ) :
ئۇنىڭ مەنىسى : گۈزەل ئىسىملار ياكى يۈكسەك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى رەت قىلىپ ، ئاللاھ بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ئىگە ئەمەس دىيىش .
قۇرئان ياكى سۈننەتتە ئىسپاتلانغان ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ياكى سۈپەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى رەت قىلغۇچى كىشى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدە توغرا ئىشەنگەن بولمايدۇ .
3- تەمسىيل (ئوخشىتىش) :
بۇنىڭ مەنىسى : ئالاھنىڭ سۈپىتىنى مەخلۇقنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىتىپ ، ئاللاھنىڭ قولى مەخلۇقنىڭ قولىغا ئوخشاش ، ياكى ئاللاھ مەخلۇق ئاڭلىغانغا ئوخشاش ئاڭلايدۇ ، ياكى ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسان ئورۇندۇققا قارارلانغىنىغا ئوخشاش ئەرىشكە قارارلاندى ... دىيىش،ۋە باشقىلار .
شۈبھىسىزكى ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۇنىڭ مەخلۇقاتىنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشىتىش خاتا ۋە باتىل . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ھىچ نەرسە ئۇنىڭغائوخشىمايدۇ . ھەمدە ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچى . [ شۇرا(كىڭىشىش) : 11 ]
4- تەكيىيف( قانداقلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش) :
بۇنىڭ مەنىسى : بۇ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ماھىيتىنى ۋە قانداقلىقىنى بەلگىلەش بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق ، ئىنسان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ياكى بىرەر سۆزنى ئوتتۇرغا قويۇشقا ئۇرۇنىدۇ .
بۇ قەتئىي مەنىسىز( باتىل) . ئىنساننىڭ ئۇنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئۇلار ئاللاھنىڭ بىلىمىدىن ھىچنىمىنى ئۇقمايدۇ . [ تاھا: 110 ]
كىمكى بۇ تۆت نەرسىنى مۇكەممەللەشتۈرسە ، ئاندىن ئۇلۇغ ئاللاھ ھەققىدە توغرا ئىشەنگەن بولىدۇ .
ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئىماندا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستىدە جىنىمىزنى ئىلىشىنى سورايمىز .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ ئىيمان ئاساسلىرىنىڭ شەرھى رىسالىسىغا قاراڭ .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى