پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىنسانلار يەر تەۋرەش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىشقا قادىر بولالايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولامدۇ؟

347736

تارقاتقان ۋاقىت : 08-05-2023

كۆرگۈچىلەر : 527

سۇئال

    ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بولۇپمۇ تور سەھىپىلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان سوئاللاردىن: ھازىرقى تەرەققىياتتا ئىنسانلاردا توسۇنامى ۋە يەرتەۋرەش ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتى بار دېگەندەك سۆزلەر بار، تور بەتلەردىكى بۇنداق سۆزلەرگە ئېشىنىش ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلماننىڭ بەزى ئىنسانلار بەزى تەجرىبىلەر ئارقىلىق يەرتەۋرەش ھادىسىسى دېگەندەك ئىشلارنى پەيدا قىلالىشى مۇمكىن دەپ ئېتىقاد قىلىشىدىن ئىبارەت مۇشۇ پىكىرلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇشۇ كائىناتنى ئۆزى بەلگىلىگەن پرىنسىپ بويۇنچە ماڭىدىغان قىلدى. كائ‍ىنات بۇ بەلگىلىمىنىڭ دائىرىسىدىن چېقىپ كەتمەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى مۇشۇ پرىنسىپنى تەتقىقات قىلىشقا ۋە بەزىسىنى بىلىش ۋە پايدىلىنىشقا مۇيەسسەر قىلدى، خۇددى ئاللاھ تائالا ئۆزى شىپالىق ئاتا قىلغۇچى بولسىمۇ، لېكىن شىپا تېپىشنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلغىنىغا ئوخشاش.

   جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق كېسەللىكنىڭ شىپاسى-داۋاسى بولىدۇ، كېسەلگە ئۆزىنىڭ داۋاسى ياكى دورىسى يەتسە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەل شىپا تاپىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2204-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەزى بەندىلىرىنى بەزى سەۋەبلەرگە باشلاپ قويدى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا ھەرقانداق كېسەللىكنى نازىل قىلسا ئۇنىڭ شىپاسىنى -دورىسىنىمۇ بىرگە نازىل قىلىدۇ، ئۇنى بىلگەنلەر بىلىدۇ، بىلمىگەنلەر بىلمەيدۇ». [ئىمام ئەھمەد"ئەل مۇسنەد" 6-توم 50-بەت].

   دوختۇر كېسەلنىڭ شىپاسىنى تېپىپ چىقىدۇ، ھەقىقەتەن دوختۇرنىڭ تېپىپ چېقىشى ئاللاھنىڭ خالىشى، ئىرادىسى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، دوختۇر ۋە تېبابەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بولغان مەخلۇقتۇر.بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: «ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر» [سۈرە ساپپات 96-ئايەت].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: [ئايەتتىكى "ما" تۈپ سۆز بولغاندا، ئايەتنىڭ مەنىسى:" سىلەرنى ۋە سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى ئاللاھ ياراتتى" دېگەن بولىدۇ، ئەگەر "ما" نى ئۇلاش قوشۇمچىسى قىلساق، بۇنىڭ مەنىسى: "ئاللاھ تائالا سىلەرنى ۋە سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ياراتتى" دېگەن بولىدۇ.

   ھەر ئىككى سۆز بىر-بىرىنى لازىم تۇتىدۇ، بىرىنچى مەنا ئوچۇق،  ئىمام بۇخارى "بەندىلەرنىڭ ئىشلىرى" ناملىق ئەسىرىدە ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە ياسىغۇچى ۋە ئۇلار ياسىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ ياسىدى». [تەپسىر ئىبنى كەسىر 7-توم 26-بەت].

   شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەزى خەلقىنى ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشكە مۇيەسسەر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زېمىندا ماڭىدىغان تۈرلۈك قاتناش قوراللىرى، ھاۋادا ئۇچىدىغان ئايروپىلان قاتارلىقلار دېڭىزدا يۈرىدىغان پاراخوتقا ئوخشاش  قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ياساش دەرىجىسىگە يەتتى. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى، ئىلمى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ياسىغان ئەسلىھەلىرى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان مەخلۇقاتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالْخَيْلَ وَالْبِغَالَ وَالْحَمِيرَ لِتَرْكَبُوهَا وَزِينَةً وَيَخْلُقُ مَا لَا تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ.» [سۈرە نەھل 8-ئايەت].

    تەپسىرشۇناس ئالىم شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا: «ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ» دېگەن ئايەتتە، ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا خىتاب قىلىنغۇچىلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ياراتقانلىقىنى ۋە يارىتىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى، ئۆزى ياراتقان نەرسىنى ئېنىق قىلمىدى، ئۇنى ئۇلانما سۆز بىلەن ئىپادىلىدى، ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئوچۇق بايان قىلمىدى، لېكىن تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرى ئاتا قىلغانلىق توغرىسىدىكى قەرىنە ئۇنى زىكىر قىلدى، بۇ ھەرقانداق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئ‍اللاھ تەرەپتىن ئاتا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بۇ ئايەت نازىل بولغاندا مەلۇم بولمىغان" ئايروپىلان، پويىز ۋە ماشىنا" قاتارلىق تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرىنى ئاتا قىلغانلىقىغا شاھىت بولىدۇ". ["ئەزۋائۇل بايان" 3-توم 265-266-بەتلەر].

   بۇ يەردە ئاللاھ تائالا يەرتەۋرەش ۋە بوران-چاپقۇن قاتارلىق ئىشلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشنى ئاسان قىلىپ بەرگەن خاس كىشىلەر بار دېگەننى پىكىر قىلىش، بەلكى ئۇلار دېگەن ئىشلارنىڭ ئالامەتلىرى ئاشكارا بولغاندا ئۇلارغا ئىشىنىش، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىنى كۇپىرغا ئىلىپ بارمايدۇ، ئەگەر بۇنداق ئويلىغان كىشى: ئاشۇ خاس كىشىلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئۇلار ئاللاھنىڭ خالىشىسىز تەقدىرىسىز ھېچ ئىش قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، پۈتۈن كائىنات يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدا، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تەبىئىي ئىشلار ئۈچۈن سەۋەپ بولىدۇ، ئۇلارغا ئۇ ئىشنىڭ سەۋەبلىرى ئاشكارا بولغان ياكى ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئاشكارا بولغان، ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئىلمى، ئىرادىسى ۋە يارىتىشى بىلەن بولىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلسا بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ مَنْ بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ، سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ فَأَنَّى تُسْحَرُونَ تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)، ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟.» [مۇئ‍مىنۇن سۈرىسى 88-89-ئايەتلەر].

   بۇ ئىشلارنى بەك قورقۇنۇچلۇق قىلىۋېتىش ۋە بەك ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ. مۇشۇ ھادىسىلەردىن بىلگەن ياكى نەقىل قىلغان نەرسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى: ئىلمى مەقسەت ئۈچۈن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈچۈن يەرتەۋرەش ھادىسىسى بىر ئورۇندا بولمايدۇ، بەلكى زېمىننىڭ ئېچىدىكى پارتلاشتىن پەيدا بولىدۇ، زېمىننىڭ مۇشۇنداق تەۋرىنىش ۋە سىلكىنىشى ئارقىسىدا يەرتەۋرەش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىق تەرەپتىنمۇ ئۇنىڭ ئىشى پەرقلىق بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى