جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

لىندو مۇنبىرى ۋە رەقەملىك مۇنبەرگە ئوخشاش قەرز مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش مۇنبىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھۆكمى؟

سۇئال

  مېنىڭ قەرز مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش مۇنبىرى توغرىسىدا سوئاللىرىم بار، ئۇ مۇنبەرلەرنىڭ بەزىسى لىندو مۇنبىرى ۋە رەقەملىك مۇنبەرگە ئوخشاش، بەھرەيندىكى (سرب) شەرئى مەنبەنىڭ قارىشىغا ئاساسەن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەھكاملىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇ شەرئى مەنبەدە: دوكتۇر مۇزەينىي، شەلھۇب، قۇرىي قاتارلىق ئالىملار بار، مېنىڭ سوئالىم: بەھرەيندىكى (سرب ) شەرئى مەنبە شەرىئەت پرىنسىپى جەھەتتىن تايىنىشقا بولىدىغان مەنبەمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   لىندۇ مۇنبىرىگە ئالاقىدار بولغان ئورۇندىن خەۋەر تاپتۇق، ئۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمايمىز، لېكىن سوئالدا كەلگەن ئىككى ئىشنى تۇتىمىز:

1-مۇنبەر شېركەتنىڭ ئۈستىدىكى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش تالونىنى سېتىۋالىدۇ، تور بەتتە بۇنىڭ تەپسىلاتى كەلمىگەن، ئەسلىدە قەرزنى سېتىۋېلىش ھارامدۇر.

2-مۇنبەر تاۋارنى سېتىۋېلىشقا پاي سالغۇچىدىن ۋەكىل بولىدۇ، ئاندىن ئۇنى شىركەتكە مەلۇم مۇددەتكىچە تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىپ ساتىدۇ، ئاندىن شېركەتنىڭ پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە بىر تىجارەتچىگە سېتىش ئۈچۈن شىركەتتىن ۋەكىل بولىدۇ.

     بۇ شەكىلدە تەرتىپلەش ھارام، ھەقىقەتەن خەلقئارا ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ۋە ئىسلام ئالىمى ئىتتىپاقىغا تەۋە پىقھى مەجمۇئەسىدىن بۇ شەكىلدىكى تىجارەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا قارار چىقىرىلغان.

    مۇشۇنداق ئومۇمى ھۆكۈم بولسىمۇ بىزنىڭ لىندۇ مۇنبىرى بىلەن رەقەملىك مۇنبەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا كەسكىن ھۆكۈم قىلىشىمىز مۇمكىن بولمايدۇ.

بەھرەيندىكى (سرب) شەرئى مەنبەنىڭ ئۆلچىمىگە قاراپ چىقمىدۇق، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بەزى شەرئى ئورۇنلار  باشقا شەرئى ئورۇنلار ھارام دېگەن ئىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ، بىر-بىرىگە تەرتىپلەنگەن قەرز، ئارىلىشىپ كەتكەن پاي چېكى، كېچىكتۈرگەندە جەرىمانە ئېلىشنى شەرت قىلىش، قەرزنى ئۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بەزى مەنبەلەر ھارام دېگەننى دۇرۇس دەيدۇ.

    ئەگەر مۇنبەرلەرنىڭ قەرز يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ تەپسىلى شەكلىنى بىزگە بايان قىلىڭ.

    دۇرۇس بولغان ئىشلاردىن: مۇنبەرنىڭ مالنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شىركىتىگە نېسى سېتىشىدۇر، ئاندىن شىركەت پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ مالنى ئۆزى ساتىدۇ، بۇ شەكىلدە تەرتىپلەش دۇرۇس بولىدۇ.

ياكى شىركەت مالنى سېتىۋالمايدۇ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن مۇنبەرگە تالوننى ئىلىپ كېلىدۇ، بەلكى مۇنبەر بىلەن پايدىنى تەڭ بۆلۈشۈش كېلىشىمى قىلىدۇ، مۇنبەر مالنى ئۆزى ئۈچۈن توغرا يول بىلەن سېتىۋالىدۇ، ئاندىن شىركەتكە مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشكە ساتىدۇ. 

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى