جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىددەت ئىچىدە نىكاھلىنىپ، بىر قانچە يىلدىن كېيىن بۇنىڭ خاتالىقىنى بىلگەن ئايالنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

376584

تارقاتقان ۋاقىت : 04-12-2021

كۆرگۈچىلەر : 794

سۇئال

چوڭ ھەمشىرەم ئون ئالتە ياشتا توي قىلغان، ئاندىن ئون يەتتە ياشتا تالاق قىلىنغان، شۇ ۋاقىتتا ئىددەت تۇتماستىن يەنە بىر كىشىگە ياتلىق بولغان، بىز ئۇ ۋاقىتتا ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق، ھازىر ھەمشىرەم ئوتتۇز ياشقا كىردى، قىزلىرى بار، لېكىن ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدى، بۇنىڭ كاپارىتى بارمۇ؟، نېمە قىلىشى كېرەك؟. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى بىز ئۇ ۋاقىتتا ئىددەت دېگەن سۆزنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: توي قىلىپ بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى.

    ئەر توي قىلىپ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ئايالنى تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايالغا ئىددەت تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا توي قىلسا، ئىككىنچى نىكاھمۇ توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا نَكَحْتُمُ الْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَمَسُّوهُنَّ فَمَا لَكُمْ عَلَيْهِنَّ مِنْ عِدَّةٍ تَعْتَدُّونَهَا فَمَتِّعُوهُنَّ وَسَرِّحُوهُنَّ سَرَاحًا جَمِيلً  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۆمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۈتماسلىقى كېرەك، ئۇلارغا ئاز ـ تولا نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار.»[سۈرە ئەھزاب 49-ئايەت].

    ئىككىنچى: توي قىلىپ ئېرى بىلەن بىرگە بولغاندىن كېيىن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى.

    ئەر ئايالنى توي قىلىپ بىرگە بولغاندىن كېيىن تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايالغا ئۈچ قېتىم ھەيز كۆرگۈچە ئىددەت تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ. ئاندىن ئىددىتى توشقاندا خالىسا توي قىلسا توغرا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ ثَلَاثَةَ قُرُوءٍ  تەرجىمىسى: «تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

    پىقھى ئالىملىرى "قۇرۇ" دېگەن سۆز ھەيزنى بىلدۈرەمدۇ ياكى پاكىزلىقنىمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى، كۈچلۈك قاراشتا ئۇ ھەيزنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدۇر". ["ئەلمۇغنى" 11-توم 199-بەت].

    سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، ئايال ئىددىتى تۈگەشتىن بۇرۇن ياتلىق بولغان بولسا، بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى نىكاھ بولمايدۇ، بەلكى باتىل بولىدۇ. ئۇ ئايال ئىككىنچى ئېرىدىن تىزدىن ئايرىلىشى كېرەك، چۈنكى نىكاھ توغرا بولمىغاندىن كىيىن ئۇ كىشى مەزكۇر ئايالنىڭ ئېرى ھېسابلانمايدۇ. ئۇ ئايال دەسلەپكى ئېرىدىن بولغان ئىددەتنى تولۇقلىشى كېرەك بولىدۇ. ئاندىن ئىككىنچى ئەرنىڭ ئىددىتىنى تۇتىدۇ ئاندىن خالىغان كىشى بىلەن توي قىلسا بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددەت ئىچىدە نىكاھلىنىشى توغرا بولمايدۇ، قايسى ئىددەتتىن بولسا ئوخشاش بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَا تَعْزِمُوا عُقْدَةَ النِّكَاحِ حَتَّى يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ  تەرجىمىسى: «ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار» [سۈرە بەقەرە 235-ئايەت].

    ئەگەر ئىددەت ئىچىدە توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ-باتىل بولىدۇ-. ["ئەلمۇغنى"11-توم 237-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئىددەت ئىچىدە توي قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇ ئايال ئېرىدىن ئايرىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش كېرەك. ئايال ئايرىلسا ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسى ئايرىۋېتىلسە، ئۇ ئايالغا تۈنجى ئېرىنىڭ ئىددىتىنى تولۇقلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەرنىڭ ھەققى ئىلگىرىدۇر، ئۇ ئايال توغرا نىكاھ بىلەن ئەر-ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە ئىددەت تۇتىشى ۋاجىپ بولىدۇ. تۈنجى ئەرنىڭ ئىددىتىنى تاماملىغاندا، ئىككىنچى ئەرگە ئىددەت تۇتىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئىككى ئىددەتنى بىر-بىرىگە كېرىشتۈرىۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ ئىككى كىشىنىڭ ئىددىتى. مانا بۇ ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى.

    ئاندىن كېيىن بۇ سۆزنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: مانا بۇ خەلىپىلەردىن بۇلغان ئىككى پېشىۋانىڭ سۆزى بولۇپ، ساھابىلاردىن ھېچ بىرى بۇ سۆزگە خىلاپلىق قىلمىغان، چۈنكى بۇ ئىككى ئىددەت ئادەملەرنىڭ ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر-بىرىگە كېرىشتۈرمەسلىك كېرەك. ["ئەلمۇغنى"11-توم 239-بەت].

    ئەگەر ئىددەتتىن كېيىن ئۇ ئايالنى ئىككىنچى قېتىملىق ئېرى نىكاھىغا ئالماقچى بولسا، بىرىنچى ئېرىنىڭ ئىددىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئېرىنىڭ ئىددىتىنى تۇتىشى كېرەك بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

    توغرا قاراشتا: بىرىنچى ئېرىنىڭ ئىددىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئېرىنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ بەلكى ئىككىنچى ئېرى بىلەن توي قىلىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى قارىشىدا مۇنداق دېگەن: "ئۇ ئايال بىرىنچى ئېرىنىڭ ئىددىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئېرى بىلەن توي قىلسا بولىدۇ، ئىككىنچى ئىددىتى ئۇ ئايالنى توي قىلىشتىن چەكلەپ قويمايدۇ، چۈنكى ئىددەت دېگەن نەسەپنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئەرنىڭ سۈيىنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، ئىككىنچى ئىددەتتە نەسەپ توي قىلغان ئېرىگە قېتىلىدۇ، بۇ خۇددى ئايال ئېرىگە مال بېرىپ ئايرىلىپ ئاندىن ئىددەت ئىچىدە ئېرى بىلەن يەنە كېلىشىپ قالغانغا ئوخشايدۇ، بۇ ئەڭ گۈزەل مۇۋاپىقلاشتۇرۇش تۇر...". "ئەل مۇغنى"8-توم 100-بەت.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۈچلۈك بولغان قائىدىلەردىن: ئايال بىرىنچى ئېرىنىڭ ئىددىتىنى تولۇقلاپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، كەچۈرۈم سورىغان بولسا ئىككىنچى ئېرى بىلەن توي قىلسا توغرا بولىدۇ، بۇنىڭغا ئىددەت تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ"13-توم 383-بەت].

    بۇ نىكاھ ئايالنىڭ ۋەلىيسى، ئىككى گۇۋاھچى ۋە يېڭىدىن تويلۇق مېھرى بىلەن بولىشى كېرەك.

    جاۋاپنىڭ خۇلاسىسى: ئۇ ئايال ئىككىنچى ئېرىدىن دەرھال ئايرىلىدۇ، بىرىنچى ئېرىگە ئىددەت تۇتىدۇ، ئىددەت تامام بولغاندىن كېيىن خالىسا ئىككىنچى ئېرى بىلەن توي قىلىدۇ، بۇ نىكاھ ئايالنىڭ ۋەلىيسى، ئىككى گۇۋاھچى ۋە يېڭىدىن تويلۇق مېھرى بىلەن بولىشى كېرەك.

    ئەگەر ئايال ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشلارنى ئىددەت تۇتۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن قىلغان بولسا، بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەن ئىددەت تۇتۇشتىن باشقا بىر ئىش يوق، شەرئى نىكاھ قىلىشتىن بۇرۇن ئىلىم ئەھلىدىن سورىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھدىن كەچۈرۈم سورىسۇن، كاپارەت ۋە باشقا ئىشلار كېرەك بولمايدۇ.

      ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى