سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجدە دۇئا قىلغان ئورۇنلىرى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجدە دۇئا ئۈچۈن تۇرغان ئورۇنلىرى قايسىلار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بىزگە ئاشكارا بولۇشچە سوئالدا مەقسەت قىلىنغان ئورۇنلار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجدە دۇئا قىلىش ئۈچۈن تۇرغان ئورۇنلار بولىشى مۇمكىن، ئالىم-ئۆلىمالار بۇ ئورۇنلارنى ئالتە ئورۇن دەپ زىكىر قىلدى.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجدە دۇئا ئۈچۈن تۇرغان ئورۇنلىرى ئالتە ئورۇننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

   بىرىنچى ئورۇن: ساپا. ئىككىنچى ئورۇن: مەرۋە. ئۈچىنچى ئورۇن: ئەرەپە. تۆتىنچى ئورۇن: مۇزدەلىپە. بەشىنچى ئورۇن: كېچىك شەيتانغا تاش ئاتقاندا. ئالتىنچى ئورۇن: ئوتتۇرانچى شەيتانغا تاش ئاتقاندا". ["زادىل مىئاد"2-توم 287-288-بەت].

   بۇ ئورۇنلارنىڭ تەپسىلاتى:

1-ساپا-مەرۋىدە دۇئا قىلىش: ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلىدۇ، ھەدىستە بايان قىلىنغان زىكىرلەرنى ئۈچ قېتىم تەكرار ئېيتىدۇ ۋە بۇ جەرياندا دۇئا قىلىدۇ.

   شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۈچ قېتىم دۇئادا قولىنى كۆتەرگەنگە ئوخشاش قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ ۋە ھەدىستە كەلگەن دۇئالاردىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر، ئاللاھ يەككىدۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، مۇلكىيەت ۋە بارلىق مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ۋەدىسىنى ئىجرا قىلدى، بەندىسىگە ياردەم بەردى، توپلاشقان قوشۇننى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى" دېگەن بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئۆزى ياقتۇرغان دۇئالارنى قىلىدۇ، يۇقىرىدىكى زىكىرنى ئىككىنچى قېتىم قايتا تەكرارلايدۇ ئاندىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان دۇئالارنى قىلىدۇ، ئاندىن يۇقىرىدىكى زىكىرلەرنى ئۈچىنچى قېتىم تەكرارلايدۇ، مەرۋە تەرەپكە يۈزلىنىپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ"7-توم 268-بەت].

   دۇئا سەئىينىڭ باشلىنىشىدا بولىدۇ ئاخىرىدا بولمايدۇ، چۈنكى سەئيى تۈگىگەندە مەرۋىدە قىلىدىغان دۇئا يوق.

   شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ساپا-مەرۋىدە قىلىنىدىغان دۇئا سەئيىنىڭ باشلىنىشىدا بولىدۇ، ئاخىرلاشقاندا بولمايدۇ، مەرۋىدە قىلىنىدىغان دۇئا يوق، چۈنكى مەرۋە دېگەن سەئىينىڭ ئاخىرلاشقان ئورنى، تەكبىر تاۋاپنىڭ باشلىنىشىدا بولغانغا ئوخشاش دۇئامۇ سەئىينىڭ باشلىنىشىدا بولىدۇ.

   سوئال سورىغۇچىغا: مەرۋىدە سەئيىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن كېتىدۇ، تاۋاپتىن بىكار بولغاندىن كېيىن ھەجەر ئەسۋەد يېنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈش، سېلاش ياكى ئىشارەت قىلىشقا ھاجەت قالمايدۇ، بىزنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىللەتلىرىمىز بىزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلدى دەپ ئىتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئېتىراز بىلدۈرمەسلىكى ئۈچۈندۇر". ["شەرھىل مۇمتىئ" 7-توم 352-بەت].

2-ئەرەپات كۈنى قىلىنىدىغان دۇئا كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ، ھاجىلار بۇ كۈندە دۇئانى كۆپ قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەرەپات كۈنىدە قىلىنىدىغان دۇئالارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقان: يالغۇز ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھى مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر» [تىرمىزى رىۋايىتى 3585-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

3-ھاجىلار ئۈچۈن مۇز تەلىبىدە بامدات نامىزىدىن كېيىن تولۇق يورۇق چۈشكىچە قىبلىگە يۈزلىنىپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش سۈننەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِنْدَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ﴾‏ تەرجىمىسى: «مەشئەرىل ھەرەمنىڭ يېنىدا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 198-ئايەت]. 

4- بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يەنى كېچىك ۋە ئوتتۇرانچى شەيتانغا تاش ئاتقاندىن كېيىن دۇئا قىلىش، بۇ دۇئا تەشرىق كۈنلىرىدە بولىدۇ، ئەمما چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقاندىن كېيىن قۇربان ھېيت كۈنىدىمۇ ۋە كېيىنكى كۈنلەردىمۇ دۇئا قىلىش يولغا قويۇلمىغان.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى