جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

يېتىمغا ئىگە بولۇش بىلەن ئۇنى بالىچىلاپ بېقىۋىلىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

ئامېرىكىغا كەلگەن كوسۇفالىق مۇساپىرلاردىن كۆپ سوئال كەلدى، يىتىم بالىلارنى ئۇ يەردە خرىستىئان جەمئىيەتلىرى تەربىيىلەيدىكەن، بەزى قېرىنداشلىرىمىز يىتىم بالىلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇ بالىلاردىن بىر قانچىنى ئۆيلىرىگە ئىلىپ كېلىپ بىرگە ياشاشنى خالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردىكى ئۆلىمالاردىن بىرى: بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن، ئىسلامدا بالا بېقىۋېلىش توغرا بولمايدۇ دەپ كىشىلەرنى يىتىملارغا ئىگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەيدۇ، ئىسلام دىنى يىتىم بالىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتمەستىن بالىچىلاپ بېقىۋېلىشقا يول قويامدۇ؟. كېپىللىككە ئېلىنغان يىتىم بالا، كېپىللىككە ئالغۇچى ئۈچۈن كىچىك بالىغا ئوخشاش بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يېتىمنى بالىچىلاپ بېقىۋېلىش بىلەن يېتىمغا ئىگە بولۇشنىڭ ئارىسىدا پەرق بولىدۇ.

   1-يېتىمنى بالىچىلاپ بېقىۋېلىش بولسا: بىر كىشى يىتىم بالىلاردىن بىرىنى ئىلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن تۆرەلگەن بالىلارغا ئوخشاش كۆرۈپ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىدۇ، ئۇ كىشىگە بېقىۋالغان بالىنىڭ مەھرەملىرى ھالال بولمايدۇ، بېقىۋالغان كىشىنىڭ ئوغوللىرى بېقىۋالغان بالىنىڭ قېرىنداشلىرى بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىزلىرى ئۇ بالىنىڭ ھەمشىلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھامما ۋە خالىلىرىمۇ شۇنداق بولىدۇ. دەسلەپكى جاھىلىيەتنىڭ ئىشلىرى شۇنداق بولغان ئىدى، بۇ ئاتالغۇ بەزى ساھابىلاردىمۇ بولغان، مىقداد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئەمىر بولسىمۇ ئەمما ئۇ كىشى ئىبنى ئەسۋەد دەپ بېقىۋالغان كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

    بۇ ئادەت ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگىدە ئاللاھ تائالا چەكلىگەنگە قەدەر داۋاملاشقان، بۇ توغرىدا زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەلىكى مەشھۇر بولۇپ، ئۇ زەيد ئىبنى مۇھەممەد دەپ چاقىرىلاتتى، زەينەپ بىنت جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن توي قىلغان، كېيىن تالاق قىلىۋەتكەن.

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىددىتى توشقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زەيد ئىبنى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: سەن زەينەپنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مېنىڭ سۆز قىلغانلىقىمنى ئېيتقىندېدى. زەيد ئىبنى ھارىسە كەلگەندە زەينەپ خېمىر يۇغۇرۋاتقان ئىدى، زەيد: ئى زەينەپ! خوشخەۋەر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساڭا سۆز قىلىپ مېنى ساڭا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى دېدى، زەينەپ: مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ بۇيرۇقى كەلگۈچە ھېچ ئىش قىلمايمەن دېدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ مەسچىتكە مېڭىشقا تەمشەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:  وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّـهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّـهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّـهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّـهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَاهُ ۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيْدٌ مِّنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّـهِ مَفْعُولًا  تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا سەن، ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن! دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئۇنى (يەنى زەينەبنى) قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ.» [ئەھزاب سۈرىسى 37-ئايەت. مۇسلىم رىۋايىتى 1428-ھەدىس].

    2-ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بالا بېقىۋىلىشنى چەكلىدى، چۈنكى ئۇنىڭدا نەسەپنى زايە قىلىۋېتىش بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بىزنى نەسەپنى ساقلاشقا بۇيرىغان.

    ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ھەر قانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ دادىسى بولمىغان بىر كىشىنى بىلىپ تۇرۇپ دادام دەيدىكەن ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ، كىمكى نەسبى تۇتاشمايدىغان بىر قەۋمگە ئۆزىنى نىسبەت بېرىدىكەن، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن. [بۇخارى 3317-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 61-ھەدىس].

    كاپىر بولىدۇ دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى دىندىن چىقىپ كەتكەن بولمايدۇ بەلكى كاپىرنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسنى ھارام قىلىش ۋە ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلىش بولىدۇ.

    يېتىمنى بېقىۋالغان كىشىنىڭ قىزىنىڭ بېقىۋالغان يىتىم بالىغا ھارام بولىشىدا ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان توغرا ئىشنى ھارام قىلىش بولىدۇ، بېقىۋالغان كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مىراسىنى بېقىۋالغان يىتىم بالىغا ھالال قىلىپ بېرىش بولىدۇ، بۇمۇ ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلىش بولىدۇ، چۈنكى مىراس دېگەن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئەۋلادلارنىڭ ھەققىدۇر.

    بەزى ۋاقىتتا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئەۋلادلىرى بىلەن بېقىۋالغان بالىسىنىڭ ئارىسىدا ئۆچلۈك، دۈشمەنلىك پەيدا بولىدۇ.

    چۈنكى يېتىمنى بېقىۋالغۇچى ئەۋلادلىرىنىڭ بەزى ھەق-ھوقۇقلىرىنى زايە قىلىۋىتىدۇ، بۇ ھەقلەرنى قانۇنسىزلىق بىلەن بېقىۋالغان يىتىم بالا ئىلىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا قارار چېقىرىپ، بىلىپ تۇرۇپ بېقىۋالغان يېتىمغا ھەقلىق بولمىغان نەرسىلەرنى بېرىۋىتىدۇ.

     ئەمما يېتىمغا ئىگە بولۇپ تەربىلەپ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش بولسا ئىسلام دىنى كىشىلەرنى رىغەتلەندۈرگەن ياخشى ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېتىمغا ئىگە بولغان كىشى يېتىمنى ئۆيىدە تەربىلەيدۇ، ئۇنى ئۆزىگە نىسبەت بەرمەيدۇ، ئۇنىڭغا يېتىمنى بېقىۋالغان كىشىگە ئوخشاش ھالال بولغان نەرسىلەرنى چەكلىمەيدۇ ياكى چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ھالال قىلمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالادىن يىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئېسىل كىشى بولىدۇ، بۇ كىشىنى يېتىمنى بېقىۋالغان كىشىگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ چۈنكى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا زور پەرىق بار. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۗ وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْيَتَامَىٰ ۖ قُلْ إِصْلَاحٌ لَّهُمْ خَيْرٌ ۖ وَإِن تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ ۚ وَاللَّـهُ يَعْلَمُ الْمُفْسِدَ مِنَ الْمُصْلِحِ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّـهُ لَأَعْنَتَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، (تەربىيەلەش، ماللىرىنى كۆپەيتىپ) ئۇلارنى تۈزەش ياخشىدۇر، ئۇلار بىلەن (ئۇلارغا پايدىلىق بولغان رەۋىشتە) ئارىلىشىپ ياشىساڭلار بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ (دىنىي) قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى (قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى.ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 220-ئايەت].

    ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېتىمغا ئىگە بولۇشنى ئۆزى بىلەن جەننەتتە ھەمراھ بولۇشنىڭ سەۋەبى قىلدى.

    سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يېتىمغا ئىگە بولغان كىشى جەننەتتە مەن بىلەن مۇنداق يېقىن بولىدۇ دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى يېقىن قىلىپ كۆرسەتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 4998-ھەدىس].

    لېكىن دىققەت قىلىش زۆرۇر بولغان بىر ئىش: ئاشۇ يىتىملار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلارنى يېتىمغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ ئاياللىرى ۋە قىزلىرىدىن ئايرىۋېتىش كېرەك، بىر تەرەپنى تۈزەپ يەنە بىر تەرەپنى بۇزۇش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بۇنىمۇ بىلىۋېلىش كېرەككى، كىپىللىكتىكى بالا قىز بولسا، بالاغەتكە يىتىشتىن ئىلگىرى باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغۇدەك چىرايلىق بولسا، بۇ قىزغا ئىگە بولغان كىشى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بۇ قىز بىلەن چەكلەنگەن ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشىدىن كۈزىتىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولۇپ بۇ ئىش كېيىن تۈزۈتىش قېيىن بولغان بىر بۇزۇقچىلىققا سەۋەپ بولىدۇ.

    ئاندىن بىز قېرىنداشلىرىمىزنى يىتىم بالىلارغا ئىگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىمىز، بۇنداق پەزىلەتلىك ئىشلارنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، يىتىم-مىسكىنلەرگە كۆيۈنىدىغان بىر خىسلەت ئاتا قىلىنغان كىشىلەرلا قىلالايدۇ، بولۇپمۇ كوسۇفۇ ۋە چىچەنلىك قېرىنداشلىرىمىز بۇ يولدا نۇرغۇن بېسىم ۋە ئازاپلارغا ئۇچرىغان، ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى