پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تۇمار ئېسىشتىن قانداق قۇتۇلىمەن؟

سۇئال

   دادامنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر كىشى دادامغا كۆز تەككەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنى قايىل قىلدى، ۋە ئۇنىڭغا بىر تال تاشنى بېرىپ: بۇنى يېنىڭىزغا سىلىپ قويسىڭىز كۆز تېگىشتىن ساقلايدۇ دېدى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن دادامغا بىر قەغەزنى بەردى، ئۇ قەغەزنىڭ ئۈستىگە ئا ب ئەين د دېگەن ھەرىپلار يېزىلغان، ئاستى تەرىپىگە ئاللاھ مۇھاپىزەت قىلسۇن دېگەن سۆز ۋە باشقا ئېنىقسىز شېپىرلار يېزىلغان ئىكەن، بىز بۇ قەغەزدىن قۇتۇلۇشنى خالايمىز، چۈنكى بۇ توغرا بولمىغان ئىش، لېكىن بىز، بىزگە زەرەر يەتمىگەن ئاساستا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى بىلەلمىدۇق، سىلىدىن  بىزگە يول كۆرسۈتۈشلىرىنى ۋە پايدىلىق نەسىھەت قىلىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك كۆز تېگىش ھەقىقەت، ئۇنىڭدىن يالغانچى، كاززابلار تۈزگەن ئېنىقسىز بولغان تۇمار، چېگىكلەر بىلەن ئەمەس بەلكى شەرىئەت كۆرسەتكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن دۇئا، زىكىرلەر بىلەن ساقلىنىش كېرەك بولىدۇ. كۆز تېگىشنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش يوللىرىنى بىلىش ئۈچۈن 20954-11359- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: كۆز تېگىش ياكى سېھىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاش ياكى باشقا چۈشىنىكسىز يازمىلارنى ئېلىپ يۈرۈش، شەرىئەتتە چەكلەنگەن تۇمار ئېسىۋېلىشنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ توغرىدا: ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر توپ كىشىلەر كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىدىن بەيئەتنى قوبۇل قىلىپ، بىر كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى، ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزدىن توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدىلا، بىر كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدىلا؟دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ بوينىغا تۇمار ئېسىلغان ئىكەن دەپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بوينىدىن تۇمارنى ئۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە :كىمكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 16781-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 492-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ئاللاھ تائالا تۇمار ئاسقان كىشىنىڭ ئىشىنى تاماملاپ بەرمىسۇن، كۆز مۇنچاق ئاسقان ئادەمنى ئاللاھ مۇھاپىزەت قىلمىسۇن، دەيدۇ. [ئىمام ئەھمەد 17440- رىۋايىتى].

    ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تۇمار دېگەن: بالايى-ئاپەتنى توسىدۇ دەپ بوينىغا ئاسىدىغان يىپقا تېزىلغان نەرسىدۇر".

   ئىمام بەغەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تۇمار دېگەن ئۆز دەۋرىدە ئەرەبلەر بالىلىرىنى كۆز تېگىشتىن ساقلايدۇ دېگەن خاتا قاراش بىلەن ئۇلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان يىپقا تىزىلغان نەرسىدۇر". [تەرىپاتۇل ئىئتىقادىيە 121-بەت].

    ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا تۇمار ئېسىش چەكلىنىدۇ، گەرچە ئۇ قۇرئان ئايەتلىرىدىن يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ توغرىدا 10543-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەمما تۈرلۈك ھەرىپلەر، چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇمارلارنى ئېسىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق، بۇنىڭ سېھىر ياكى جىنلاردىن ياردەم ئېلىنغان نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى: تۇمار ۋە سېھىرگە ئۇچرىغاندا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى: ئەگەر تۈگۈنچەكنى تاپالىسا ئۇنى يېشىۋېتىپ، پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇپ كۆيدۈرۈش ياكى باشقا ئۇسۇلدا يوق قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان بىر يەھۇدىي بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى، ئۇ بىر تۇمار چېگپ ئۇنى ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر كىشىنىڭ قۇدىقىغا تاشلىدى، شۇنىڭ سەۋەبىدىن بىر قانچە ۋاقىت شىكەستە بولدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە "ئالتە ئاي"دېيىلگەن. ئىككى پەرىشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يوقلاپ كېلىپ، بىرسى باش تەرىپىدە يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرى: بۇنىڭ نېمە كېسەل بولغانلىقىنى بىلەمسەن؟ بۇ ئۆيگە كىرگەن پالانى يەھۇدىي بىر تۇمار چىگىپ پالانى ئەنسارىنىڭ قۇدىقىغا تاشلىۋەتتى، ئەگەر بىر ئادەمنى ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ، قۇدۇقتىن چېگىلگەن تۇمارنى ئېلىۋەتسە، قۇدۇقنىڭ سۈيىنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە تاپاتتى دېدى، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا مۇئەۋۋەزەتەين سۈرىسىنى ئېلىپ چۈشۈپ: بىر يەھۇدىي ساڭا سېھر قىلدى، سېھىر قىلىنغان نەرسە پالانچىنىڭ قۇدۇقىدا دېدى". پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇنى ئەۋەتتى، ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ بېرىپ قارىسا قۇدۇقنىڭ سۈيى سارغىيىپ كېتىپتۇ، قۇدۇقتىن سېھىر قېلىنغان تۈگۈنچەكنى ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېشىشكە بۇيرىدى ۋە ئايەتنى ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتنى ئوقۇدى، تۈگۈنچەك يېشىلدى، ھەر بىر تۈگۈنچەك يېشىلسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەڭگىللەشتى ۋە ئاخىرىدا ساقايدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 6-توم 615-بەتتە كەلتۈردى. ھاكىم 4-توم 460-بەتتە، نەسائىي 2-توم 172-بەتتە، ئىمام ئەھمەد 4-توم 615-بەتتە كەلتۈرگەن].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سېھرگەرنىڭ نېمە قىلغانلىقىغا قارىلىدۇ، سېھرگەرنىڭ چاچتىن بىر نەرسە قىلغانلىقى بىلىنسە ياكى ئۇنى تاغاقتا ياكى باشقا نەرسىلەردە قىلغان بولسا، ئۇنى پالانى جايغا قويغانلىقى بىلىنسە، ئۇ نەرسىنى شۇ جايدىن ئېلىۋېتىپ كۆيدۈرۈش، بۇزۇۋېتىش كېرەك، سېھرىگەر مەقسەت قىلغان ئىشنى يوق قېلىۋېتىش كېرەك".[شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋا ۋە ماقالىلەرتوپلىمى 8-توم 144-بەت].

   دادىڭىزدىكى قەغەزدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى، ئۇ قەغەزنى يىرتىپ تاشلاپ، كۆيدۈرۈۋېتىش بىلەن بىرگە تۇمار ئاسقانلىق ۋە تۇمارغا ئالاقىدار بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى