سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار توغرىسىدا

سۇئال

ھامىلدار ئاياللارنىڭ رامزاندا روزا تۇتماسلىقى ياخشىمۇ ياكى جاپا -مۇشەققەت بولسىمۇ چىداپ روزا تۇتقىنى ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
بىرىنچى: رامىزان روزىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى ھەققىدە ئازراق پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى ئاللاھنىڭ رامىزان روزىسىنى ئەڭ ئاسانلىق تەرىقىسىدە يولغا قويغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، ئىبادەت ئىشلىرىدا ئاسان يولنى تۇتۇشنى ئاللاھ ياقتۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان روزىسى ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇش سەۋەبى بىلەن جاپا -مۇشەققەت زىيادە بولۇپ سالامەتلىكىگە ئالاھىدە تەسىر يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ، شۇ جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە جاپا-مۇشەققەت چېكىپ روزا تۇتقان مۇساپىرلار ھەققىدە : سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىشلاردىن ئەمەس-دېدى بۇخارى (1946)، مۇسلىم(1115). يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ جاپا -مۇشەققەت چېكىپ روزىغا داۋام قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلار ئاسىيلاردۇر-دېدى .مۇسلىم(1114).
ئىمام نەۋەۋىي:بۇ ھۆكۈم روزا تۇتۇش سەۋەپتىن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن دەپ قارايدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلسە گۇناھ بولمىغان ھالەتتە ئۇ ئىشنىڭ ئاسانراقىنى تاللايتتى، ئەگەر گۇناھ بولۇپ قالسا ئۇ ئىشتىن بەك يىراق بولىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. بۇخارى(3560)، مۇسلىم(23 27).
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ:" ئەگەر ھارام ياكى مەكرۇھلۇق دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئىشنىڭ ئاسان ۋە يەڭگىل بولغىنىنى قىلىش ياخشى كۆرىلىدۇ".
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىپ گۇناھ - مەسىيەت قىلغان كىشىلەرنى ياقتۇرمىغاندەك، دىندا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلارغا ئەمەل قىلغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
بۇ ئىبادەت مۇسۇلمانغا نىسبەتەن قانچە ئاسان بولسا شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە شۇنچە يېقىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئىككىنچى: ئالىملار، بىمارلار ئۈچۈن روزا تۇتۇش مۇشەققەت بولسا ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشى ئەۋزەل دەپ قارايدۇ، بەلكى ئىمام قۇرتۇبىي:" ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشى ياخشى، پەقەت بىلىمسىز جاھىل كىشىلەر روزا تۇتىدۇ دېدى.(2 276).
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇغنىيدا (4404):"بىمارلار ئۈچۈن روزا تۇتۇش مۇشەققەت بولسا ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى مەكرۇھ "(ياخشى ئەمەس) دېدى.
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھى مۇمتىئ دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنىڭ 6-تومنىڭ 352-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "بىز بۇنىڭدىن، روزا تۇتۇش مۇشەققەت بولسىمۇ ئىپتار قىلىشتىن باش تارتىپ تىرىشچانلىق قىلىپ روزا تۇتۇپ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بىمارلار ۋە كېسەللەرنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلدۇق، ئۇلار بولسا:" ئاللاھ تائالا: سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار دىسە، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى - ئېھسانىنى ۋە رۇخسىتىنى قوبۇل قىلماي ئۆز نەپسىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن خاتالاشقان كىشىلەردىن ئىبارەت".
بالا ئېمىتىدىغان ئاياللارمۇ ھامىلدار ئاياللارغا ئوخشاش بولۇپ روزا تۇتۇش مۇشەققەت بولسا ئۇلارنىڭمۇ ئىپتار قىلىۋېتىشى ئەۋزەل، بەلكى بەزەن ئالىملار، ئەگەر روزا تۇتۇش سەۋەپتىن تۆرەلمىگە ياكى ئېمىتىۋاتقان بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدىكەن ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى ھارام( توغرا ئەمەس) دېگەن.
ئىمام جەسساس"ئەھكامۇل قۇرئان" نىڭ 1-توم 252-بىتىدە مۇنداق دېگەن:" بالا ئېمىتىدىغان ۋە ھامىلدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى ئۆزىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بۇنداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشى ياخشى، روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى ئۆزىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشى توغرا ئەمەس، روزا تۇتۇشى كېرەك".
يەنە (1307- بەتتە) مۇنداق دېگەن:" بالا ئېمىتىدىغان،ھامىلدار ئاياللار ۋە بىمارلار ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئۆزىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشى ئەۋزەل، چۈنكى روزا تۇتۇش سەۋەبى بىلەن مۇشەققەت چېكىش ۋە سالامەتلىكنىڭ ياخشى بولماسلىقىمۇ قىيىنچىلىقنىڭ بىر تۈرى، ئاللاھ بەندىلەرگە قىيىنچىلىق بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ، شۇنداقلا بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلسە گۇناھ بولمىغان ھالەتتە ئۇ ئىشنىڭ ئاسانراقىنى تاللايتتى دېگەن ھەدىسنىڭ روھىغىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ.
ئىبنى مۇپلىھ " ئەلپۇرۇئۇ" ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-توم 35-بىتىدە مۇنداق دېگەن:" بالا ئېمىتىدىغان ۋە ھامىلدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى ئۆزىنىڭ ياكى بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى مەكرۇھ (ياخشى ئەمەس) بولىدۇ .....".
ئىبنى ئەقىل: "بالا ئېمىتىدىغان ۋە ھامىلدار ئاياللار تۆرەلمىگە ياكى ئېمىتىۋاتقان بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرىسە ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى توغرا ئەمەس، بەلكى كاپارەت بېرىدۇ، ئەنسىرىمىسە ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشى توغرا ئەمەس، بەلكى روزا تۇتىدۇ" دەپ قارايدۇ.
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ: " ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىغا ئائىت سوئاللارنىڭ جاۋابى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ171-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ:" بالا ئېمىتىدىغان ۋە ھامىلدار ئاياللار روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمىدە بىمارلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارغا روزا تۇتۇش مۇشەققەت بولغاندا ئىپتار قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان".
توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىلەر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى