سەيشەنبە 7 رەجەب 1446 - 7 يانۋار 2025
Uygur

ئىت بېقىش، ئۇنى سىلاش ۋە سۆيۈش توغرىسىدا

سۇئال

ئىت بېقىش نىجىس ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن مۇسۇلمان كىشى ئىتنى ئۆي ئەتراپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن باقسا، ئۇنى قورۇنىڭ كەينىدە بىر يەردە قويسا، ئىت ئۆزىنى ئۆزى قانداقمۇ پاكىزلايدۇ؟، ئۆزىنى پاكىزلايدىغان توپا ياكى لايدەك بىر نەرسە تاپالمىسا قانداق قىلىدۇ؟، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇسۇلمان ئۆزىنى تازىلايدىغان باشقا نەرسە بارمۇ؟، بەزى ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئىتىنى ھەمراھ قىلىپ يۈگرەيدۇ، ئۇنىڭ باش-كۆزلىرىنى سىلاپ سۆيۈپ قويىدۇ..؟.

قىسقىچە جاۋاپ

ئېت بېقىش ئوۋچىلىق ئۈچۈن بولسۇن ياكى زىرائەت ياكى چارۋىلار ئۈچۈن بولسۇن توغرا بولمايدۇ، ئۆي ئەتراپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن بولسا، ئۆي شەھەر سىرتىدا بولسا، باشقا مۇھاپىزەت قىلىش ئەسلىھەلىرى بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ، مۇسۇلماننىڭ كاپىرلارنى دوراپ ئىت بىلەن بىرگە يۈگۈرۈپ، ئۇنى سىلاپ، سۆيۈشى توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش نۇرغۇن كېسەللەرگە سەۋەپ بولىدۇ.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىت بېقىشنىڭ ھۆكمى:

بىزنىڭ پاك شەرىئىتىمىز مۇسۇلمانغا ئىت بېقىشنى ھارام قىلدى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان كىشىنىڭ جازاسى بولسا ھەر كۈنى ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقىدىن بىر قىيرات ياكى ئىككى قىيرات مىقداردا كېمىيىدۇ، بۇنىڭدىن ئوۋچىلىق، چارۋىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە زىرائەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن كۆندۈرگەن ئىتلار ئىستىسنا قىلىنىدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق ياكى زىرائەتنى مۇھاپىزەت قىلىشتىن باشقا نىيەت بىلەن ئىت باقىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھەر كۈنى بىر قىيراتتىن كېمىيىدۇ». [مۇسلىم رىۋايتى1575-ھەدىس].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى چارۋىچىلىق ياكى ئوۋچىلىقتىن باشقا ئىش ئۈچۈن ئىت باقىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئەمىلىدىن ھەر كۈنى ئىككى قىيرات كېمىيىپ كېتىدۇ]. بۇخارى رىۋايىتى 5163 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1574-ھەدىس].

ئۆي ئەتراپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىت باقسا بولامدۇ؟.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن باشقا، ئۆي ئەتراپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىت بېقىش توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراش بار، كۈچلۈك قاراشتا، ھەدىستىن چۈشىنىلگەن ھاجەت دېگەن سەۋەپكە ئەمەل قىلىپ يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىتقا قىياس قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 10 -توم 236 -بەت.]

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  بۇنىڭغا ئاساسەن: شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۆيلەر بولسا ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىت بېقىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئىت بېقىش ھارامدۇر. يەنى توغرا بولمايدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئەمىلىدىن ھەر كۈنى بىر قىيرات ياكى ئىككى قىيراتتىن كېمىيىدۇ، ئۇلار بۇ ھالەتتە ئىتنى قوغلىۋېتىشى ۋە باقماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۆي شەھەر سىرتىدا بولۇپ ئەتراپىدا باشقا ئۆي بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆي ئەتراپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىت باقسا توغرا بولىدۇ، ئائىلىدىكىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىت بېقىش چارۋىلارنى ۋە زىرائەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىت بېقىشتىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر”. [“ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  4 -توم 246 -بەت].

بىر قىيرات ۋە ئىككى قىيرات دەپ كەلگەن رىۋايەتلەرنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر قانچە قاراشلار بار:

ھاپىز ئەينى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” ئىتتىن ئىككى تۈرلۈك بولىشى بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن بەكرەك ئەزىيەت يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

بەزىلەر:  شەھەر ئىچىدە بولسا ئىككى قىيرات، شەھەر سىرتىدا بولسا بىر قىيرات بولىدۇ دەيدۇ.

بەزىلەر:  بۇ ئىككى قېتىم سۆزلەنگەن ھەدىس بولۇپ، دەسلەپتە بىر قىيرات دېگەن كېيىن بەكرەك تەكىتلەپ ئىككى قىيرات دەپ سۆزلىگەن دەيدۇ. [ئۇمدەتۇل قارى 12 -توم 158 -بەت. ]

ئىت نىجىسمۇ؟.

سوئال سورىغۇچىنىڭ:  ئىت بېقىش نىجىس ئىشلاردىن ھېساپلىنامدۇ؟ دېگەن سۆزى ئومۇمەن توغرا ئەمەس، چۈنكى نىجاسەت دېگەن ئىتنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى قاچىدىن سۇ ئېچكەن ۋاقتىدىكى شالىدا بولىدۇ، ئىتنى تۇتقان ياكى ئىت سۈركەلگەن كىشىگە ئۆزىنى توپا ياكى سۇ دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن پاكىزلىشى كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر ئىت بىر قاچىدىن سۇ ئېچىپ قويغان بولسا، ئۇ قاچىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، قاچىدىكى سۇنى تۆكۈۋېتىپ، قاچىنى يەتتە قېتىم سۇ بىلەن، سەككىزىنچى قېتىمدا توپا بىلەن يۇيۇش كېرەك، ئەگەر ئۇنى ئىت سۇ ئىچىدىغان قاچا قىلغان بولسا ئۇنى پاكىزلاش كېرەك بولمايدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويغان بولسا ئۇنى پاكىزلاش ئۈچۈن يەتتە قېتىم يۇسۇن، دەسلەپتە توپا بىلەن يۇسۇن». مۇسلىم رىۋايىتى 279 -ھەدىس].

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: « قاچىنى ئىت يالاپ قويغان بولسا، ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار، سەككىزىنچى قېتىمدا توپا بىلەن يۇيۇڭلار»، دەپ كەلگەن280 -ھەدىس .

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” ئىت مەسىلىسىدە ئالىملار تالاش-تارتىش قىلىپ ئۈچ تۈرلۈك قاراشتا بولدى: بىرى:  ئىت پاك ھەتتا شالىمۇ پاك دەيدۇ، بۇ مالىكى مەزھەپ قارىشى.

يەنە بىرى:  ئىت نىجىس ھەتتا تۈكلىرىمۇ نىجىس دەيدۇ، بۇ شاپىئى مەزھەپ قارىشىدۇر.

ئۈچىنچىسى:  تۈكى پاكىز، شالى نىجىس دەيدۇ، بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپىنىڭ مەزھىبى ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدۇر.

بۇ ئەڭ سەھىھ بولغان قاراشلاردۇر، ئەگەر ئىنساننىڭ بەدىنىگە ياكى كىيىمىگە ئىتنىڭ تەرى يۇقۇپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن نىجىس بولمايدۇ. [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  21 -توم 530 -بەت. ]

يەنە بىر ئورۇندا مۇنداق دېگەن: ” ئەسلىدە ئوچۇق نەرسىلەر پاكىز بولۇپ، دەلىل بولماي تۇرۇپ بىر نەرسىنى ھارام ۋە نىجىس دېيىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎﴿وَقَدْ فَصَّلَ لَكُمْ مَا حَرَّمَ عَلَيْكُمْ إِلاَّ مَا اضْطُّرِرْتُم إِلَيْهِ‎﴾‏ تەرجىمىسى: «زۆرۈرىيەت بولمىغىچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا…» [سۈرە ئەنئام 119 -بەت. ]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ﴿وَمَا كَانَ اللهُ لِيُضِلَّ قَوْماً بَعْدَ إِذْ هَدَاهُم حَتَّى يُبَيِّنَ لَهُم مَا يَتَّقُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ». [سۈرە تەۋبە 115 -ئايەت].

ئىش شۇنداق بولىدىكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويغان بولسا ئۇنى پاكىزلاش ئۈچۈن يەتتە قېتىم يۇسۇن، دەسلەپتە توپا بىلەن يۇسۇن».

يەنە بىر ھەدىستە: «ئىت يالاپ قويغان بولسا» دەپ كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىتنىڭ يالاپ قويغانلىقى زىكىر قىلىنغان، باشقا ئەزالىرى زىكىر قىلىنمىغان، باشقا ئەزالىرىنىڭ نىجىسلىقى قىياس بىلەن بولىدۇ.

يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە زىرائەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىت بېقىشقا رۇخسەت قىلغان، ئىت باققان كىشىگە چوقۇم ئىتنىڭ تەرلىرى يۇقىدۇ، ئېشەك بىلەن خىچىرنىڭ تەرلىرى يۇققاندەك، بۇ ھالەتتە ئىتنىڭ تۈكلىرىنى نىجىس دېيىش بۇ ئۇممەتتىن كۆتۈرۈلگەن قىيىنچىلىقىنى پەيدا قىلىدۇ”. [ “پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  21 -توم 217 – 219 -بەت.]

ئېھتىياتەن: ھۆل قولى بىلەن ئىتنى تۇتقان بولسا ياكى ئىتنىڭ ئۈستى ھۆل بولسا، قولىنى يەتتە قېتىم يۇيىدۇ، ئەۋۋىلىنى توپا بىلەن يۇيىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىت سىلاپ قولىنى نەم بولمىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن قولى نىجىس بولمايدۇ، ئەگەر قولى ھۆل ياكى نەم بولغان بولسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە قولى نىجىس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قولىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، ئەۋۋىلىنى توپا بىلەن يۇيىدۇ”. [“ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى:  11 -توم 246 -بەت].

ئىتنىڭ نىجاسىتىنى قانداق پاكىزلايدۇ؟.

ئىتنىڭ نىجاسىتىنى پاكىزلاشقا كەلسەك، بۇنىڭ جاۋابى 41090 –  46314 -نومۇرلۇق پەتىۋالارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

ئىتنىڭ نىجاسىتىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش ئەۋۋىلىنى توپا بىلەن يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، توپا بولىدىكەن ئۇنى ئىشلىتىش ۋاجىپ ئۇنىڭ غەيرىنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما توپا تاپالمىغاندا ئۇنىڭ غەيرىدىكى پاكىزلاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

ئىتنى سۆيۈش توغرا بولامدۇ؟.

يۇقىرىدا سورالغان ئىتنى سۆيۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ نۇرغۇن كېسەللەرگە سەۋەپ بولىدۇ، ئىنسانغا يېتىدىغان كېسەللەر ئىنساننىڭ ئىتنى سۆيۈشى، ئىت يالاپ قويغان قاچىنى پاكىزلىماستىن بىر نەرسە ئېچىشى قاتارلىق شەرىئەتكە زىت ئىشلارنى قىلىشى ئارقىلىق بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن:  باكتىرىيە كېسەللىكى، بۇ ئىنساننىڭ ۋە ھايۋاننىڭ نەپەس ئېلىش سېستېمىسىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە بولىدىغان كېسەل بولۇپ، خاس شارائىت ئاستىدا بۇ مىكرۇپلار كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن:  سۇ خالتىسى كېسىلى، بۇ قاپچۇق ئۆرلەيدىغان ئىنسان ۋە ھايۋاننىڭ ئىچكى ئەزاسىغا يېتىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ جىگەر ۋە ئۆپكىدە بولىدۇ، شۇنىڭدەك قورساق بوشلۇقى ۋە باشقا ئەزالاردىمۇ بولىدۇ.

بۇ كېسەللىك تومۇردا قۇرۇت پەيدا بولۇشقا سەۋەپ بولىدۇ، بۇ كېچىك قۇرۇتنىڭ ئۇزۇنلىقى 2-9 مىللىغىچە بولىدۇ، بۇ ئۈچ پارچىدىن، باشتىن ۋە گەردەندىن شەكىللىنىدۇ، باشتا تۆت دانە شورىغۇچى  بولىدۇ. بۇ قۇرۇت خۇددى ئىتتەك، مۇشۇكتەك، تۈلكىدەك ۋە بۆرىدەك ئۈچەيدە ياشايدۇ.

بۇ كېسەل ئىنسانغا ئىتنى تەربىيىلەشكە بەك بېرىلىپ كەتكەندە، ئىتنى سۆيگەندە ياكى ئىتنىڭ قاچىسىدا سۇ ئىچكەندە يۆتكىلىدۇ.

بۇ توغرىدا دوكتۇر ئەلى ئىسمائىل ئۇبەيد سىناپىنىڭ” كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلاردىن ئىنسانغا يۇقىدىغان كېسەللىكلەر”ناملىق كىتابىغا قارالسۇن.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى : ئوۋ ئىتى، چارۋىلارنى ۋە زىرائەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئىتتىن باشقا ئىتلارنى بېقىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر تۇرالغۇسى شەھەر سىرتىدا بولۇپ قالسا، باشقا مۇھاپىزەت قىلىش يوللىرى بولمىسا ئۆي ئەتراپىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانغا ئىت باقسا بولىدۇ، لېكىن مۇسۇلماننىڭ كاپىرنى دوراپ ئىت بىلەن بىرگە يۈگۈرۈپ، ئىتنىڭ ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى سىلاپ ھەتتا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدىغان شۆلگەي ئېقىۋاتقان ئىتنى سۆيۈشى قەتئى توغرا بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن، بۇ مۇكەممەل پاك شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىنى تۈزەش ئۈچۈن كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى بىلمەيدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى