بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.
خىزمەتچىلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئاللاھدىن قورقۇشى كېرەك، ۋەزىپىسىنى چالا قويماستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن تەلەپ قىلىنغان يول بويىچە ئادا قىلىشى لازىم، ئۇلارنىڭ خىزمەت بېجىرگىلى كەلگەنلەردىن ۋە مۇئامىلە ئىگىلىرىدىن سوغات-ھەدىيىلەرنى ئىلىشى ھالال بولمايدۇ، ھەدىيە بەرمىسە مۇئامىلىلەرنى ئادا قىلماي كېچىكتۈرۈپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، ئۇلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇلارنىڭ ئالغىنى ۋە پەرزەنتلىرىگە بەرگىنى ھارامدۇر، رىشۋەت ئالغۇچىلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغاندۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلغان». [تىرمىزى رىۋايىتى 1337-ھەدىستە سەھىھ دېگەن. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3580-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2313-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سۈنەن ئەبۇ داۋۇتتا كەلتۈرگەن].
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەردىن بىرىنىڭ مۇشۇ ئورۇندا بېجىرىشكە ئالاقىدار بولغان خىزمەتنى بېجىرگەندە مۇئامىلە ئىگىلىرىدىن ھەدىيە-سوۋغاتلارنى ئىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئەگەر بىز بۇ ئىشىكنى ئىچىۋەتسەك، ۋە خىزمەتچىنىڭ سوغات قوبۇل قىلىشىنى دۇرۇس دېسەك، ئەلۋەتتە پارىخورلۇقنىڭ ئېشىكىنى ئېچىپ بەرگەن بولىمىز، پارىخورلۇق بەك خەتەرلىك ئىش ھەم چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر خىزمەتچىلەرگە بىرەرسى خىزمەتكە ئالاقىدار ئىشقا سوغات ئىلىپ كەلسە، ئۇنى قايتۇرۇۋېتىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئىلىپ كەلگەن نەرسىنى سوغات دەپ ئەكەلسۇن ياكى سەدىقە دەپ ئەكەلسۇن، ياكى زاكات دەپ ئەكەلسۇن ھەممىسى ئوخشاش. بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر ئەھۋالى ياخشى بولسا زاكاتنى ئېلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ئىش". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى"18-توم 359-360-بەت].
خىزمەتچىلەرنىڭ پارا ئېلىشىمۇ چەكلىنىدۇ چۈنكى پارا ئىلىش ھارامدۇر، شۇنىڭدەك پارا بېرىشمۇ ھارام بولىدۇ، لىكىن مۇئامىلىنى ۋاقتىدا قىلىپ بەرمىسە ياكى مۇئامىلىنى بىكار قىلىۋېتىپ قالسا كېلىپ چىقىدىغان زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامالسىز پارا بەرگەن بولسا، بۇنىڭ جىنايىتى بەرگۈچىگە بولمايدۇ بەلكى ئالغۇچىغا بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى مۇئامىلە ساھىبى پارا بېرىش ئارقىلىق ئۆز ھەققىگە يېتىشى كېرەك.
ئىبنى ئەسىير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆز ھەققىنى ئىلىش ياكى زۇلۇمنى يوق قىلىش ئۈچۈن بەرگەن نەرسە ھارام بولغان پارىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ". ["ئەلنىھايە"2-توم 226-بەت].
خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆز ھەققىگە يېتىش ئۈچۈن ياكى ئۆزىدىن زۇلۇمنى يوق قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە بەرسە بۇ ئازاپ ۋەدە قىلىنغان پارىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ". ["مەئالىمۇس سۈنەن"5-توم 207-بەت].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پارا بەرگۈچى بۇ ئارقىلىق ئۆز ھەققىگە ئېرىشسە ياكى ئۆزىگە كىلىدىغان زۇلۇمنى دەپئى قىلسا بۇ دۇرۇس بولىدۇ، بۇ قاراش سەلەپ ئالىملىرىدىن ۋە بۈيۈك ئىماملاردىن نەقىل قىلىنغان". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"31-توم 287-بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.