سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بىر قانچە كىشى تەڭ بىر نەرسە سورىغان بولسا، سەدىقىنى قايسىسىغا بېرىش ياخشى بولىدۇ؟

سۇئال

بىرىمىزدىن بىر قانچە كىشى تەڭ بىر نەرسە سورىغان بولسا، ھەممىسى دېگۈدەك مېيىپ كىشىلەردىن بولسا، سەدىقىنى ئۇلاردىن قايسىسىغا بېرىش ياخشى بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىش، پەقىر-مىسكىن، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىش بولسا، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ۋە ئىتائەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرّاً وَعَلاَنِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ  تەرجىمىسى: ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير - ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ بەقەرە سۈرىسى 274-ئايەت.

    كەمبەغەل كىشى بەك ئېھتىياجلىق بولغاندا قېلىنغان سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا بولىدۇ، چۈنكى شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىدىمۇ كىشىلەرنىڭ ئەيىپىنى يېپىپ، ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كۆپلەپ سەدىقە قىلىشتۇر.

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەڭ ياخشى ئىشلار مۆمىنلەرنى خۇرسەن قىلىشتۇر، يالىڭاچقا كېيىم بېرىش، ئاچقا يېمەك بېرىش، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشتۇر. [تەبرانىي ئەل ئەۋسەت 5-توم 202-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا 2090-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاكاتنى زاكات بېرىشكە تىگىشلىك بولغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەردىن قايسىسىغا بەرسە بەك ياخشى بولىدۇ؟دېيىلسە، بىز دەيمىزكى: ئەڭ ياخشىسى ئۇلاردىن قايسىسىنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك بولسا، شۇنىڭغا بېرىش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قايسىسى بەك ئېھتىياجلىق بولسا، شۇلارغا بېرىش كېرەك، كۆپ ۋاقىتلاردا، پەقىر-مىسكىنلەر بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا زاكات ئېلىشقا تىگىشلىك بولغانلارنى بايان قىلغاندىمۇ ئالدى بىلەن شۇلاردىن باشلاپ مۇنداق دېگەن:  إِنَّمَا ٱلصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَآءِ وَٱلْمَسَاكِينِ وَٱلْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَٱلْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِى ٱلرِّقَابِ وَٱلْغاٰرِمِينَ وَفِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱبْنِ ٱلسَّبِيلِ فَرِيضَةً مِّنَ ٱللَّهِ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ  تەرجىمىسى: زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت].

   [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى 18-توم 251-سوئال].

    "پىقھى توپلاملىرى"23-توم 303-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "زاكاتقا ھەقلىق بولىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بەلكى بەزىسى بەزىسىدىن پەرقلىق بولىدۇ، مالىكى مەزھەب ئۆلىمالىرى: زاكات بەرگۈچى  زاكات بېرىدىغان ۋاقىتتا زاكاتقا بەك ئېھتىياجى بولغانلارنى  تېپىپ بېرىشى ۋە باشقىلاردىن كۆرە ئۇلارغا كۆپرەك بېرىشى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

     كەمبەغەل ياكى بىر نەرسە سورىغۇچى كېسەللىك ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئىشلەشكە قادىر بولالمايدىغان بولسا، سەدىقىنى ئۇلارغا بېرىش تەكىتلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لِلْفُقَرَاء الَّذِينَ أُحصِرُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ لاَ يَسْتَطِيعُونَ ضَرْباً فِي الأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاء مِنَ التَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُم بِسِيمَاهُمْ لاَ يَسْأَلُونَ النَّاسَ إِلْحَافاً وَمَا تُنفِقُواْ مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللّهَ بِهِ عَلِيمٌ  تەرجىمىسى: ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير - ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر. [سۈرە بەقەرە 273-ئايەت].

    سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ ئايەت توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ جاراھەتلەنگەن كىشىلەر بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار پالەچ بولۇپ قالغان، ئۇلار ئۈچۈنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىدىن بىر كىشىلىك ھەق قېلىندى". [دۇررىل مەنسۇر 2-توم 89-بەت].

    بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: زاكات-سەدىقىلەردىكى ئەڭ ياخشى ئۆلچەم ئېھتىياج ۋە كەمبەغەللىكتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە زاكاتقا ھەقلىق بولغانلاردىن قايسىسىنىڭ بەك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا، زاكاتنى شۇنىڭغا بەرسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

ئەگەر سىز بەرمەكچى بولغان مال ئىككى كىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا يېتەرلىك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مالنى ئىككىگە ئايرىپ ئىككىسىگە بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما مال ئاز بولۇپ پەقەت بىر كىشىنىڭ ئېھتىياجىغا يېتەرلىك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا بەرسىڭىز ئوخشاش بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ئاداۋەت پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەدىقىنى بەرگەندە باشقىسىغا بىلدۈرمەستىن بېرىش ياخشى بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئىنسان مېلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىغاندا، ئايرىدىغان مال ئىككى يۈز كوي ئەتىراپىدا بولسا، بۇنى ئېھتىياجلىق بولغان بىر ئائىلىگە بەرسە ياخشى بولامدۇ ياكى بىر قانچە ئائىلىگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر زاكات بېرىدىغان مال ئاز بولىدىكەن، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئېھتىياجلىق بولغان بىر ئائىلىگە بېرىش كېرەك، چۈنكى ئاز مالنى بىر قانچە ئائىلىگە تەقسىم قىلىش بىلەن ئاز مالدىن پايدىلىنىش يەنىمۇ ئاز بولىدۇ". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى 14-توم 316-بەت].

   ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى