پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاندا تاڭ يورۇمىدى دەپ ئويلاپ ئايالى بىلەن بىرگە بولغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

رامزاننىڭ كېچىسىدە ئايالىم بىلەن بىرگە بولدۇم، لىكىن تاڭ يورۇپ قالغانلىقىنى ۋە ئەزان ئوقۇلغانلىقىنى بىلمەيتتىم، مەن سائەت بەشتىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندە ئەزان ئوقۇلىدۇ دەپ بىلەتتىم، لىكىن ئەزاننىڭ بەشكە ئون بەش مىنۇت قالغاندا ئوقۇلىدىغانلىقى ئوچۇق بولدى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ماڭا كاپارەت كېلەمدۇ؟، بۇ ئىش ھەر ئىككىمىزنىڭ رىغبىتىمىز بىلەن بولغان، بىز بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ئىدۇق، ناماز ۋاختىنىڭمۇ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، بىز سەپەردىن كېلىپلا تۇيۇقسىز رامىزان كىرگەنلىكى ئىلان قىلىندى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر ئىش سىز سوئالدا بايان قىلغاندەك بولسا، ئىككىڭلارغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى تاڭ يورۇمىدى دەپ ئويلاپ ئىپتار قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئاندىن تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئايان بولسا، ئۇ كىشىگە قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسەن ئىپتار قىلىدىغان نەرسە يېمەك ياكى ئىچمەك ياكى جىنسى مۇناسىۋەت بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشتۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرىدىغان يېمەك، ئىچمەك ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق نەرسىلەرنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ تۈرلۈك شەرت بىلەن ئىنساننىڭ روزىسىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشنى ياخشى كۆرىمەن:

   1-ئۇ نەرسىلەرنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولىشى كېرەك ئەگەر بىلمىسە روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا ‏ تەرجىمىسى: «سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن، (ئاللاھ تائالا شۇنداق قىلدىم دەيدۇ)». [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمدىن خاتالاشقانلىق، ئۇنتۇلۇپ قالغانلىق ۋە مەجبۇرلانغانلىقنىڭ جازاسى كۆتۈرۋېتىلدى». نادان دېگەن خاتالاشقۇچىدۇر، ئەگەر بىلسە ئۇنداق قىلمايتتى، ئەگەر بىلمەستىن ئىپتار قىلىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلسا، ئۇنىڭغا خاتالىق بولمايدۇ، تۇتقان روزىسى تولۇق ۋە توغرا بولىدۇ، مەيلى ھۆكمىنى بىلمىسۇن ياكى ۋاقىتنى بىلمىسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق ئوخشاشتۇر.

   ھۆكۈمنى بىلمەسلىكنىڭ مىسالى: روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنى روزىنى بۇزمايدۇ دەپ ئويلاپ ئىستىمال قىلىش، شۇنىڭدەك ھىجامە قىلدۇرسا روزا بۇزۇلمايدۇ دەپ ئويلاپ ھىجامە قىلدۇرۇشقا ئوخشاش، بىز ئېيتىمىزكى! تۇتقان روزىڭىز توغرا سىزگە بىر نەرسە كەلمەيدۇ.

ۋاقىتنى بىلمەسلىكنىڭ مىسالى: تاڭ يورۇمىدى دەپ ئويلاپ بىر نەرسە يېگەن بولسا، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. 

   2-ئۇ نەرسىلەرنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقى ئېسىدە بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنتۇپ قىلىپ ئىستىمال قىلغان بولسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

   3-ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان بولۇش، ئەگەر ئىختىيارلىقىسىز بولغان بولسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 19-توم 280-بەت].

    شەيختىن يەنە: يېڭىدىن توي قىلغان كىشى كېچىنىڭ ئاخىرىدا تاڭ يورۇمىدى دەپ ئويلاپ ئايالى بىلەن بىرگە بولغان بولسا، شۇ ۋاقىتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟، ئۇ كىشىگە قانداق كاپارەت كېلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ، گۇناھمۇ بولمايدۇ ۋە كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَالآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ‏ تەرجىمىسى: ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

   ئاياللار بىلەن بىرگە بولۇش، يېيىش، ئىچىش قاتارلىق ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغانغا دەلىل يوق، بۇنىڭ ھەممىسى روزىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن، بىلمەستىن ۋە ئۇنتۇلۇپ قىلىپ بۇنىڭدىن بىرەرنى قىلىپ سالسا ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ". ["ئايلىق ئۇچرىشىش ژورنىلى"].

    مۇشۇنىڭدىن ئىككىڭلارغا ھېچ نەرسە كەلمەيدىغانلىقى ئوچۇق بولدى، ئەگەر ئىككىڭلار شۇ كۈندە روزا تۇتقان بولساڭلار سىلەرگە قازامۇ كەتمەيدۇ، كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ.

    ئەمما شۇ كۈندە روزا تۇتمىغان بولساڭلار، ۋە جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن روزا بۇزۇلدى دەپ ئويلاپ ئىپتار قىلىۋەتكەن بولساڭلار، سىلەرگە پەقەت شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسى كېلىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى