سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

تاق كېچىلەردە ئېتىكاپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

رامىزان ئېيىنىڭ تاق كېچىلىرىدە ئېتىكاپ قىلسام توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى مەن يېڭىدىن توي قىلغان بولۇپ، ئون كۈن تولۇق ئېتىكاپ قىلسام ئايالىم ئۆيدە يالغۇز قالىدۇ؟، مەن ئايرىم ئۆي تۇتقان ئىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەڭ ياخشى ئېتىكاپ قىلغۇچى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە تولۇق ئېتىكاپ قىلىشى كېرەك، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپتۇرغانغا قەدەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 2025-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1171-ھەدىس].

    ئەگەر بەزى كېچە ياكى كۈندۈزدە ئېتىكاپ قىلسىمۇ بولىدۇ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۆزىگە بىر كېچە ئېتىكاپ قىلىشنى نەزىر قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قىلغان نەزىرسىگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرىغان". [بۇخارى رىۋايىتى 2042-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1656-ھەدىس.

    يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا ئىتىكاپنى بىر كېچە قىلسىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   38037- نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىدا ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق ئىكەنلىكى بايان قىلىش بىلەن بۇ توغرىدا شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسىنىمۇ نەقىل قىلىنغان.

    مۇسۇلمان كىشى بۇ ئون كۈندە ئىبادەتكە بەك تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك، كۈچىنىڭ يېتىشچە ئىبادەتكە  بېرىلىشى كېرەك.

  ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى