پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىر ئايالنىڭ ئۆمرە قىلىپ چېچىنى قىسقارتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە ئېھرامدىن چېقىپ يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىدە ئايالىم بىلەن بىرگە ئېدىم، پائالىيەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولدۇق، ئاندىن ئايالىم ئۆزىنىڭ ئېھرامدىن چىقمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە، چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش بولسا ئۆمرىنىڭ مۇھىم ئەمەللىرىدىن بولۇپ، ئۇنتۇلۇپ قالغان كىشى ئېسىگە كەلگەندە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنى قىلىشتىن ئىلگىرى بىلمەسلىكتىن ياكى ئۇنتۇلۇپ قىلىپ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ كاپارەت كەلمەيدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن، ئايالىڭىز ھازىر چېچىدىن قىسقارتسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۆمرىنىڭ ئېھرامىدىن چىققان بولىدۇ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلغانغا كاپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال جىنسى مۇناسىۋەتنى ئېھرامدىن چېقىپ بولدۇم دەپ ئېتىقاد قىلىپ قىلغان.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئۆمرە پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان ئايال توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئايال ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا-جىنسى مۇناسىۋەت بولسا ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر-ئۇ ئايالغا كاپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال بىلمەيتتى، ھەر قانداق كىشى ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرىنى بىلمەسلىكتىن ياكى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى مەجبۇرلىنىپ قىلغان بولسا ئۇ كىشىگە ھېچ كاپارەت كەلمەيدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"21-توم 351-بەت].

    بەزى ئالىملار ئۆمرە قىلىپ سەئيى قىلىپ بولۇپ چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتىن ئىلگىرى جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا پىديە كېلىدۇ، گەرچە بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن قىلغان بولسىمۇ ئوخشاش، بۇ پىديە ئىختىيارلىق بىلەن بولىدۇ، ئەزىيەتنى يوق قىلىشتىكى پىديىگە ئوخشايدۇ، بۇ پىت ۋە بۈرگە سەۋەبىدىن چېچىنى ئالدۇرىۋەتكەن كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِنْ رَأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِنْ صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ‏ تەرجىمىسى: «سىلەردىن كىمكى كېسەل(يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (چېچىنى چۈشۈرسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن» [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت].

   ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ ياكى ئالتە مىسكىنگە ھەر بىر مىسكىن ئۈچۈن بىر يېرىم كىلو مىقداردا خورمىدىن، بۇغدايدىن ۋە باشقا يېمەكلىكلەردىن بېرىدۇ ياكى بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ھەرەمنىڭ كەمبەللىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ". ["شەرھى مۇنتەھىل ئىرادات" 1-توم 556-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى