پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

دورىگەرلىك خىزمىتىنى تاشلاپ، قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش بىلەن بولۇۋاتىمەن

97231

تارقاتقان ۋاقىت : 26-09-2014

كۆرگۈچىلەر : 3347

سۇئال

مەن خىزمەت جەريانىدا ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئايلىق ئىش ھەققى يۇقىرى، ئىجتىمائىي ئورنى ياخشى بولغان دورىگەرلىك خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، شەرئى ئىلىم ۋە قىرائەتكە دائىر بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە يۈزلەندىم. ھازىر مەلۇم بىر قۇرئان كۇرسىدا ئاز ئايلىق مۇئاش بىلەن مۇئەللىمە بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، مەن بۇ خىزمىتىمدىن بەك خۇرسەن. شۇنداقتىمۇ ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا تاپا-تەنە قىلىشىپ، مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دېيىشىدۇ. بۇ ئىشقا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىشىنىڭ ئەر- ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىۋى ھاياتى ۋە ئەخلاقىغا سەلبىي تەسىر بولىدىغانلىقى تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك ئىشلار ئارقىلىق روشەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:

1-ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەرىئەتتە چەكلەنگەن قاراش ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۆمىن ئەر-ئاياللارنى بىر-بىرىگە تىكىلىپ قاراشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّـهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ . وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا تەرجىمىسى: مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نا مەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. [سۈرە نۇر 30-31-ئايەت].

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە تۇيۇقسىز قاراپ قىلىشى توغرىسىدا سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كۆزۈمنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا بۇيرىدى.[ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 2159- ھەدىس].

2- خىزمەت جەريانىدا بەزىدە بىر-بىرىگە سۈركىلىش، ئۆز-ئارا كۆرۈشۈش قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ. بو توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆزىگە ھالال بولمايدىغان بىر ئايالنىڭ بەدىنىنى تۇتقىنىدىن، ئۇنىڭ بېشىغا تۆمۈردىن ياسالغان يىڭنە كىرگىنى ياخشىراقتۇر. [بۇ ھەدىسنى تەبرانى مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 5045-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

3- بەزى ۋاقىتتا يات ئەر بىلەن يات ئايال خىزمەت مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك خالى جايدا بىرگە تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن. بو توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: يات ئەر، يات بىر ئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن، ئەگەر يالغۇز قالسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ.[تىرمىزى رىۋايىتى2165-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىدە كەلتۈرگەن].

يەنە بىر ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، مەھرەمسىز يات بىر ئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن، ئەگەر يالغۇز قالسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. ھاكىم سەھىھ دېگەن. ئىمام زەھەبى بۇ قاراشقا مۇۋاپىق كەلگەن. شەيخ ئەلبانى"غايەتۇل مۇرام" ناملىق ئەسىرى180-ھەدىستە سەھىھ دەپ بايان قىلغان].

4- ئەر-ئايال خىزمەتداشلار بىر ئورۇندا ئۇزۇن مۇددەت ئارىلىشىپ خىزمەت قىلسا، بىربىرىگە مەپتۇن بولۇش ياكى سېغىنىش قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلارغا ئىلىپ بارىدىغان ئامىللار بارلىققا كېلىدۇ.

5- يات ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە؛ ئائىلە بۇزۇلۇش ۋە ۋەيران بولۇش كېلىپ چىقىدۇ. كۆپچىلىك ئەرلەرنىڭ قەلبى خىزمەتداش ئاياللارغا مەپتۇن بولۇش سەۋەبلىك ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، تۇرمۇشىنىڭ ۋەيران بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭدەك، نۇرغۇن ئاياللارمۇ شۇ سەۋەپلىك ئائىلىسىگە سەل قاراپ يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بەلكى بەزى ئەر-ئاياللار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان تالاق مەسىلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا باشقا يات ئەر-ئاياللار بىلەن چەكلەنگەن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. مانا بۇ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يات ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنى يېتەكچىلىك ئورنىغا كۆتۈرگەنلىكنىڭ مەھسۇلىدۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئىسلام شەرىئىتى ئىجتىمائىي بۇزۇقچىلىققا ئىلىپ بارىدىغان ئارىلىشىشنى چەكلىدى. (يات ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىل-پاكىتلار 1200-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىنغان).

سىز ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىزمەتتىن ۋاز كەچكەن بولسىڭىز، بۇ ئىشنى ياخشى قىلدىڭىز. ئۆزىڭىزگە پەرز بولغان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپسىز، شۇنداقلا، بۇ ئىشىڭىز ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت، ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىر ئىشتىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق يەنە بىر نەرسىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ. بۇ تولۇقلاش پەقەت ماددى تولۇقلاش بولماستىن، بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىش، بەخت-سائادەت، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە مەنىۋىي راھەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ھەممىسىئىلاھى تولۇقلاشتىن ئىبارەتتۇر.

قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بولسا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلاردۇر. [بۇخارى رىۋايىتى5027-ھەدىس]. يەنە بىر ھەدىستە: قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەردۇر. [بۇخارى رىۋايىتى].

مۇسۇلمان قىز-خانىملىرى ئۆزلىرىگە توغرا شەكىلدە قۇرئان ئۆگىتىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى قۇرئان كەرىمنى ياد ئىلىشىدا ياردەمچە بولىدىغانئىخلاسمەن ئۇستازلارغا بەك ئېھتىياجلىق. ئەگەر سىز يەنە ئەرلەر بىلەن ئارىلاشماي خىزمەت قىلىدىغان دورىگەرلىك خىزمىتى تاپسىڭىز، ئۆز كەسپىڭىزگە مۇناسىپ ھالەتتە خىزمىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش ئىشلىرىغىمۇ ياردەملەشسىڭىز بولىدۇ.

بەخت-سائادەت يۈز ئابرۇي، يۇقىرى مەرتىۋە ياكى نام قازىنىش بىلەن بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش، ھەقىقى تەقۋادارلاردىن بولۇش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.سىز ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغىنىغا رازى بولىدىكەنسىز، باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماڭ. )چۈنكى ئىنسانلارنىڭ گەپلىرى تۈگىمەيدۇ(.جانابى ئاللاھدىن سىزنىڭ تەقۋادارلىقىڭىز ۋە توغرا يولىڭىزنى مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى