پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنىڭ دەلىلى

سۇئال

مەن ئايالىم بىلەن ئەرەب تىلى دەرىسىگە قاتنىشىۋاتقان، سىنىپتا ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشى توغرا بولمايتتى، ئارىلىشىش دېگەن قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟ دەلىلى نېمە؟، يەنە بىر ئىش: سىنىپتا ئون ئوقۇغۇچى بار، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى قىزلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇسۇلمان بولمىغانلارمۇ بار، مەن ئايالىم بىلەن بىرگە بېرىپ دەرىسكە قاتناشسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەر-ئاياللارنىڭ بىر جايغا توپلىشىشى، بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ تۇرۇشى، ئاياللار سورۇنىغا ئەرلەرنىڭ ۋە ئەرلەر سورۇنىغا ئاياللارنىڭ كىرىشى، ئاياللارنىڭ شۇنداق جايلاردا ھىجاپسىز يۈرىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئاشۇنىڭ ھەممىسى پىتنىنىڭ سەۋەپلىرى، چەكلەنگەن ناچار قىلمىشلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان ۋە نەپسى شەھۋىتىنى قوزغايدىغان ئىشلاردۇر.

ئەر-ئاياللارنىڭ بىر جايدا ئارىلىشىپ يۈرۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قۇرئان-ھەدىستە دەلىللەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ، ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ تەرجىمىسى: سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ. [سۈرە ئەھزاب 53-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدىكى ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنى ئاياللارنىڭ يېنىغا كېرىشتىن چەكلىگەندەك، ئۇلارغا قاراشتىنمۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلەندى، ئەگەر سىلەرنىڭ ئۇلاردىن سورايدىغان بىرەر ھاجىتىڭلار بولسا ئۇلارغا قارىماستىن ھاجىتىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراپ ئىلىڭلار.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنى چەكلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ھەتتا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئورۇن مەسچىتتىمۇ شۇنداق قىلدى، ئاياللارنىڭ سېپىنى ئەرلەرنىڭ سىپىدىن ئايرىدى، ئەرلەرنى سالامدىن كېيىن ئاياللار چېقىپ كېتىپ بولغۇچە ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرىدى، ئاياللار ئۈچۈن مەسچىتكە ئايرىم ئىشىك ئاچقۇزدى، بۇنىڭ دەلىللىرى: ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدىن سالام بەرگەن ۋاقتىدا، سالام ئاخىرلىشىش بىلەن ئاياللار ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورنىدا بىر ئاز ئولتۇراتتى، ئىبنى شىھاب مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ قارىشىمچە(ئاللاھ بىلگۈچىدۇر) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سالامدىن كېيىن دەرھال تۇرماستىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئولتۇرغان، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ چېقىپ كېتىشىنى كۈتۈپ شۇنداق قىلغان. [بۇخارى رىۋايىتى 793-ھەدىس].

ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 876- نۇمۇرلۇق ھەدىستە، ناماز توغرىسىدا: "نامازدىن كېيىن ئەرلەردىن بۇرۇن ئاياللارنىڭ چېقىپ كېتىشى توغرىسىدا" دەپ ئۇنۋان قويغان.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بۇ ئېشىكنى ئاياللار ئۈچۈن قويۇپ قويساق ناپىئ مۇنداقدەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ئىشىكتىن مەسچىتكە كىرمىگەن. [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى484-ھەدىس].

ئەبۇ ھۈجەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەرلەرنىڭ سىپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپنىڭ ئەۋۋىلىدۇر، ياخشى بولمىغىنى سەپنىڭ ئاخىرىدۇر، ئاياللارنىڭ سىپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپنىڭ ئاخىرىدۇر، ياخشى بولمىغىنى سەپنىڭ ئەۋۋىلىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى664-ھەدىس].

مانا بۇ شەرىئەتنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ تۇرىشىنى چەكلەشتىكى ئەڭ چوڭ دەلىلىدۇر، ئەر كىشى ئاياللارنىڭ سىپىدىن قانچە يىراق بولسا شۈنچە ياخشى بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئاياللارمۇ ئەرلەرنىڭ سىپىدىن قانچە يىراق بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

زېمىندىكى ئەڭ پاكىزە ئىبادەت ئورنى بولغان مەسچىتتە مۇشۇنداق تەرتىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە مەسچىتتىن باشقا جايلاردىمۇ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن يىراق تۇرۇشى لازىم بولىدۇ.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: يولدا ئەرلەر-ئاياللار ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا: چەتكە ئۆتۈڭلار، سىلەرنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىدىن مېڭىشىڭلار توغرا ئەمەس، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىن مېڭىڭلار دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاياللارنىڭ يول ماڭغاندا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا يېقىن ماڭاتتى ھەتتا بەك يېقىن ماڭغانلىقتىن كىيىملىرى تامغا سۈركىشىپ كېتەتتى. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرى دېگەن بۆلۈمدە كەلتۈرۈپ: "يولدا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ مېڭىشى" دېگەن تېمىدا كەلتۈرگەن.

بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئەر-ئاياللارنىڭ بازارلاردا، دوختۇرخانىلاردا، مەكتەپلەردە ۋە باشقا كۆپ ئورۇنلاردا ئارىلىشىپ يۈرىشى ھازىرقى دەۋرىدە كۆپ جايلاردا ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. لېكىن بىز:

بىرىنچى: بۇنى تاللىمايمىز ۋە بۇنىڭغا رازى بولمايمىز، بولۇپمۇ دىنى ۋەز-نەسىھەت سورۇنلىرى، ۋە ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ ئىدارە-ئورگان يىغىنلىرىدا بۇنداق بولىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز.

ئىككىنچى: مۇمكىن بولغان مەنپەئەتنى روياپقا چىقىرىش بىلەن بىرگە ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىش كېرەك، ئەر-ئاياللارنىڭ ئولتۇرىدىغان ئورنىنى ئايرىم-ئايرىم قىلىش، كېرىدىغان ئىشىكلىرىنى ئايرىش، ئاۋاز يەتكۈزىدىغان ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش، ئاياللارغا ئاياللار تەلىم بېرىش دەرىجىسىگە يېتىشكە ئالدىراش قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى: ئۆزىمىزنى تىزگىنلەش، كۆزىمىزنى بۇراش قاتارلىق قادىر بولالىغان ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا تىرىشىمىز.

تۆۋەندە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىلىشىشتىن چەكلەش توغرىسىدا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

بىز: سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارچە شەرىئەتتە ئەر-ئايارللارنىڭ ئارىلىشىپ تۇرۇشىنىڭ ھۆكمى قانداق؟ دېگەن سوئالنى قويغىنىمىزدا چىققان نەتىجە مۇنداق:

76%كىشىلەر ئومۇمى جەھەتتىن ئارىلىشىش توغرا ئەمەس دەپ جاۋاپ بەردى.

12%كىشى ئارىلىشىش دۇرۇس لېكىن ئارىلىشىش دىن، ئەخلاق ۋە ئۆرپ-ئادەت پرىنسىپى بويىچە بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى.

12% كىشى بىلمەيمىز دەپ جاۋاپ بەردى.

سىلەر قايسى تۈرنى تاللايسىلەر؟.

ئەگەر سىلەرگە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ تۇرىدىغان ئورۇندا خىزمەت قىلىش بىلەن ئارىلاشماي تۇرىدىغان ئورۇندا خىزمەت قىلىشتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلسە، سىلەرنى قايسىسىنى تاللايسىلەر؟.

بۇ سوئالنىڭ نەتىجىسى پىرسەنلەشتۈرگەندە مۇنداق بولدى:

67% كىشى ئەر-ئاياللار ئارىلاشمىغان ئورۇننى تاللىدى.

9% كىشى ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشنى ياخشى دەپ قارىدى.

15% كىشى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىگە قايسى ئورۇن مۇناسىپ بولسا شۇ ئورۇن خىزمەت قىلىشنى ھېچ قانداق چەكلىمە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىلەر ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشى سەۋەبى بىلەن بەزى كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا دۇچ كەلگەنمۇ؟.

بۇ پىروگىراممىغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ئورۇنلارنى تەڭلىكتە قالغان ۋە كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان ئورۇنلار دەپ زىكىر قىلدى:

بىرسى مۇنداق دەيدۇ: مەن خىزمەت كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئىشخانىغا كىردىم، ھىجاپلىنىدىغان خىزمەتدىشىمدىن بىرى خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا ھىجابىنى ئىچىۋېتىپ ئولتۇرۇپتىكەن، مېنىڭ كىرىشىم ئۇلارغا تاسادىپىيلىق تۇيۇلدى، بۇ ئىشتىن مەن بەك تەڭلىكتە قالدىم.

بىرى مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ تەجرىبىخانىسىدا تەجرىبە قىلىشىم بەلگىلەنگەن بولۇپ، مەن ئۇ كۈندە تەجرىبىگە قاتنىشالمىدىم، باشقا كۈنى تەجرىبە قىلىشقا باردىم، مەن ئۇ ۋاقىتتا ئايال ئوقۇتقۇچى، تەجرىبىخانىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ۋە يەنە بىر توپ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا يالغۇز قالدىم، مەن بەك ئوڭايسىزلاندىم، ھەرىكىتىم چەكلەندى، مەن بۇنى مېنىڭ ھەرىكىتىمنى كۈزۈتۈپ، ماڭا نەزىرىنى ئاغدۇرىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆزىدىن ھېس قىلدىم.

بىرسى مۇنداق دەيدۇ: مەن تارتمىدىن ئاياللار قوللىنىدىغان قەغەزنى ئېلىشقا تەمشەلگەن ئىدىم، تۇيۇقسىز بىر خىزمەتدىشىم كەينىمدە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئايرىم تارتمىسىدىن كېرەكلىك نەرسىسىنى ئېلىشقا باشلىدى، خىزمەتدىشىم مېنىڭ تەمتىرەپ قالغانلىقىمنى مۇلاھىزە قىلىپ مېنى تەمتىرەشتىن يىراق قىلىش ئۈچۈن تىزدىن ئىشخانىدىن چېقىپ كەتتى.

بىرسى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۈچۈن مۇنداق بىر ئىش يۈزبەردى، بىر كۈنى ئۇنۋېرسىتتىكى بىر قىزچاق كىشىلەر زىچ ئۆتىدىغان يولنىڭ ئۆتەشمىسىدە مەن بىلەن ئۈسۈشۈپ كەتتى، ئۇ قىزچاق لېكسىيە ئاڭلاش ئۈچۈن بەك تىز مېڭىپتىكەن، مەن بىلەن ئۈسۈشۈپ ئۆزىنى توختىتالماي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقۇتۇپ مېنىڭ ئىككى بىلىكىمگە ئېسىلىپ قالدى، گوياكى مەن ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرغاندەك بىر ھالەت شەكىللىنىپ قالدى، ئويلاپ بېقىڭلار، قىزىقچى ياشلارنىڭ ئالدىدا مەن بىلەن بۇ قىزچاق قانچىلىك تەڭلىكتە قالدۇق؟.

بىرسى مۇنداق دەيدۇ: ئۇنۋېرسىتىتنىڭ پەشتىقىدا بىر قىز ساۋاقدىشىم يىقىلىپ چۈشتى، كىيىملىرى ئۇيالغۇدەك دەرىجىدە ئېچىلىپ قالدى، پەشتاقتىن دومىلاپ دۈم بولۇپ قىلىپ ئورنىدىن تۇرالمىدى، ئۇنىڭغا يېقىن جايدا تۇرغان ياشلاردىن بىرى ئۇنىڭ ئوچۇق جايلىرىنى يېپىپ ئورنىدىن تۇرىشىغا ياردەم بەردى.

بىرسى مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر شىركەتتە ئىشلەيمەن، بەزى ئارخىپلارنى بېرىش ئۈچۈن باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم، ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتسام، باشلىق مېنى قايتىدىن چاقىردى، مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىسام، ئۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۈتتۈم، ئۇ مەندىن باشقا بىر ئارخىپنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇنىڭ دۇدۇقلاپ سۆزلىشىدىن ھەيران قالدىم، مەن ئارخىپنى رەتلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ خىزمەت شىرەسىنىڭ سول تەرىپىگە ئۆتتۇم، ئۇ ماڭا سۆز قىلىۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۇقالمىدىم پەقەت ماڭا كىيىمىمگە ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ مەينەت بولۇپ قالغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىنسان سەمىمىيلىك بىلەن يەر يۈتۈپ كېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلسا يەر يۈتۈپ كەتكەن بولسا كاشكى!، مەن شۇ ۋاقىتتا يەر يېرىلىپ مېنى يۇتۇپ كەتكەن بولسىكەن دەپ دۇئا قىلدىم!.

ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ قۇربانى...ئەمەلىي ۋەقەلىك.

مۇھەممەدنىڭ ئانىسى قىرىق ياشلاردىن ئاشقان يېتىلگەن ئايال بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يولدىشىم بىلەن يېپىق ھاياتتا ياشىدىم، ئارىمىزدا ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىش ۋە ئېچىكىش يوق ئىدى، ئېرىمنىڭ شەخسىيىتى ئۆز غۇرۇرىغا رازى بولىدىغانئايالچىلىكمۇ كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ تەبىئىتى مېنى ئائىلىگە خاس بولغان ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان قىلىپ قويدى.

ئېرىم ئۆزىنىڭ خىزمەتدىشى ۋە كەسىپدىشىنىڭ ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىتاتتى، كۆپ ۋاقىتلار كەسىپدىشى بىلەن ئۆيىمىزدىن ئايرىپ ياسىۋالغان ئىشخانىسىدا سۆھبەت ئىلىپ باراتتى، بۇ ئىش بىر قانچە يىل داۋاملاشتى، بىر قېتىم ئۇ كىشى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ ئائىلىنى زىيارەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلە ئارىسىدا زىيارەتلەر تەكرارلاندى، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئېرىم بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى باھانە قىلىشى بىلەن ئائىلە زىيارىتى ۋە شەخسى زىيارەتلەرنىڭ قانچىلىك تەكرارلانغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلالمايمىز، ھەتتا ئۇ كىشى كۆپ ۋاقىتلاردا يالغۇز كېلىپ مەن ۋە يولدىشىم بىلەن ئۇزۇن-ئۇزۇن سۆھبەتلىشەتتى، ئېرىمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى چەكسىز ئىدى، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ كىشىنى يېقىندىن تونۇدۇم، ئۇ بەك ئېسىل ھۆرمەتلىك كىشى ئىدى، مەن شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمدە بۇ كىشىگە بولغان چەكسىز مايىللىق تۇيغۇسىنى ۋە ئۇ كىشىنىڭمۇ ماڭا شۇ تۇيغۇنى ئالماشتۇرىۋاتقانلىقىنى چەكسىز ھېس قىلدىم.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلار باشقىچە داۋاملاشتى، شۇ ۋاقتىدا مەن ئۇ كىشىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مەن خىيال قىلغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، نېمە ئۈچۈن بۇ ئىش ھازىر ۋە نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن بولىدۇ؟، ھەر قېتىمدا بۇ كىشى مېنىڭ نەزىرىمدە مەرتىۋىلىك، ئېرىم بولسا ئېتىبارسىز كۆرۈنەتتى، گۇياكى مەن ئۇ كىشىنىڭ شەخسىيىتىدىكى گۈزەللىكنى ۋە ئېرىمنىڭ شەخسىيىتىدىكى رەزىللىكنى كۆرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغاندەك ھېس قىلاتتىم.

مەن بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئارىسىدىكى ئىش كېچە-كۈندۈز مېنى ئاۋارە قىلىدىغان كۆڭۈلنىڭ خىيالىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى، مەنمۇ ۋە ئۇ كىشىمۇ كۆڭلىمىزدىكى سۆيگۈنى ئاشكارا قىلالمايتتۇق، شۇنداق بولسىمۇ مېنىڭ يولدىشىم بىلەن بولغان تۇرمۇش ھاياتىم ئاخىرلاشتى، ئۇ پەقەت مەن ئۈچۈن ياقتۇرمايدىغان، لىڭشىپ قالغان، ئاجىز بىر ئىنساننىڭ سىمۋولى ئىدى. مېنىڭ ئېرىمغا بولغان ئۆچلۈكۈمنىڭ قانداق قىلىپ بۇ قەدەر ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، نەچچە يىلدىن بىرى ئائىلىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى ئۆزۈم يالغۇز قانداق ئۈستۈمگە ئالغانلىقىمنى ئۆزۈمدىن سوراپ باقىمەن، ئۇنىڭغا ھايات يۆلىنىشى دەپ جاۋاپ كېلىدۇ، ئىش مەن يولدۇشۇمدىن تالاق تەلەپ قىلىدىغان دەرىجىدە يامانلاشتى، شۇنداق بولۇپ ئېرىم مېنىڭ تەلىپىمگە ئاساسەن مېنى تالاق قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئېتىبارسىز بىر كىشىگە ئايلاندى.

ئىشنىڭ ھەممىسى شۇ، ئېرىم مېنى تالاق قىلىپ، بالىلىرىم يىتىم بولۇپ، ئائىلەم ۋەيران بولغاندىن كېيىن ھىلىقى كىشىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمۇ ناچارلاشتى، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىمۇ يولدىشىنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىنى بىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى خاراپ قىلدى، ئۇ ئايالنىڭ كۈنلىكى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ھەتتا بىر كېچىسى سائەت ئىككى يىرىم بىلەن مېنىڭ ئۆيۈمگە بېسىپ كېلىپ، مېنى تۈرلۈك ئاھانەتلەر بىلەن ھاقارەتلەپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ، يىغلاپ ئۆينى بېشىغا كەيدى، ھەقىقەتەن ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىمۇ ۋەيران بولۇشقا يېقىنلاشقان ئىدى.

مەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، بىزنىڭ ئىلگىرىكى گۈزەل ئولتۇرىشىمىز ھاياتىمىزدىن بىزگە مۇناسىپ بولمىغان بىر ۋاقىتتا بىر-بىرىمىزنى تونۇش پۇرسىتى ئاتا قىلدى.

مېنىڭ ئائىلەم ۋەيران بولغاندەك ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىسىمۇ ۋەيران بولدى، مەن ھەممە نەرسىنى زىيان تارتتىم، مەن ھازىر شۇنى بىلدىمكى، مەن بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى ئارىمىزدا بىر-بىرىمىزنى يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىجابى قەدەم بېسىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن، مەن ھازىر يوقالغان ئارزۇ، خىيالى بەخت-سائادەتنى تىپىشتا ئۆتكەن ۋاقىتلىرىمدىن بەكرەك ئۈمىتسىزلىنىۋاتىمەن.

ئۇممۇ ئەھمەد بىزگە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: يولدۇشۇمنىڭ توي قىلغان بىر توپ دوستلىرى بولۇپ، بىز ئارىمىزدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ، ئولتۇرىمىز دەپ ھەر ھەپتىدە بىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە توپلىشپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەندۇق.

كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام مەن بۇ مۇھىتقا كۆنەلمىدىم، كەچلىك تاماق بىلەن بىرگە تاتلىق-تۈرۈم، تۈرلۈك مېۋە سۈيى، ئۇنىڭدىن سىرت كۆپ ۋاقىتلاردىن ئەدەپ-ئەخلاق دائىرىسىدىن چەتنەپ كەتكەن يۇمۇرلۇق سۆزلەر سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن كۈلكە سادالىرى ئۆي ئىچىدىن چاڭ چېقىرىۋىتەتتى.

دوستلۇق نامى بىلەن ھايا كۆتۈرلۈپ، تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاياللارنىڭ قاقاھلاپ كۈلۈشلىرى، پالانىخان بىلەن پالانىنىڭ ئايالىنىڭ ئارىسىدىكى يوشۇرۇن پىچىرلىشىشلار، بولۇپمۇ خىجىل بولماستىن ئاياللارغا خاس بولغان جىنسى تۇرمۇشقا ئالاقىدار بولغان ئېغىر چاقچاقلار ئاياللارنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى قوزغىۋىتەتتى، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى بەك زوق بىلەن ئاڭلىنىدىغان يېقىملىق سۆز ھېسابلىناتتى.

گەرچە مەن مۇشۇنداق ئىشتا ئۇلارغا ئارىلىشىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن كۆڭلۈم مېنىئاشۇ ناچار مۇھىت ۋە پاسكىنىلىق ئاشكارا بولغان كۈن كەلگىچە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى. تېلېفۇن جىرىڭلىدى، مەن تۇرۇپكىدىن ئولتۇرۇشتىكى دوستلارنىڭ بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنىڭغا چېرايلىق رەت قايتۇرۇپ ئېرىمنىڭ ئۆيدە يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇ ماڭا ئېرىمنىڭ ئۆيدە يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى پەقەت مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تېلېفۇن قىلغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ماڭا يوشۇرۇن ئۇچرۇشۇپ تۇرۇش تەكلىپىنى قويغاندا، قاتتىق غەزىپىم قوزغالدى ۋە ئۇنىڭغا سەت-قوپال سۆزلەرنى قىلدىم، لېكىن ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: مېنىڭ سۆزۈمگە ئۇنىمىغانلىقىنىڭ بەدىلىگە، ئېرىڭ بىلەن قاچانغىچە بىرگە بولىسەن قېنى!، مېنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىمنى كۈتكىن دېدى. بۇ سۆز مېنى چۆچىتىۋەتتى، شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم، كۆڭلۈمدە، بۇ كىشى مېنىڭ ئائىلەمنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ ئويلىدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئېرىمنىڭ يولىدا شەك -شۈبھە پەيدا قىلىش يولى ئارقىلىق ئۇتۇق قازاندى.

قىسقا مۇددەت ئىچىدە چوڭ مۇسىبەت يۈز بەردى، مەن يەنە بىر قېتىم يولدىشىمنىڭ ماڭا خىيانەت قىلغانلىقىنى سەزدىم، بۇ ماڭا نىسبەتەن ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى بولۇپ قالدى، مەن يولدىشىمغا يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ: بۇنداق غەيرە ئالاقە قىلالايدىغان ئادەم يالغۇز سىز ئەمەس، ماڭىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپلەر قويۇلغان دەپ ھىلىقى دوستىنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ توك سوقۇۋەتكەندەك چۆچۈپ كەتتى، مەن ئۇنىڭغا: سىز مېنىڭ ئاشۇ ئايال بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى قوبۇل قىلىشىمنى خالىسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئاشۇنىڭ ئورنىدا بولسۇن دېدىم. بۇ ئېرىمغا ئۇرۇلغان بىر كاچات بولۇپ، ئۇ مېنىڭ تەبىئىتىمنى تەۋرىتىۋەتتى، ئېرىم مېنىڭ مۇنداق قىلمايدىغانلىقىمنى بىلەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ئىشنى بىزنىڭ ھاياتىمىزغا كەلگەن بالا-مۇسىبەت ۋە تىنچ تۇرمۇشىمىزنى بۇزىدىغان بۇلغانغان ھاۋا دەپ ھېس قىلدى.

مەن كۆپ ئازار يېدىم ھەتتا ئېرىم ماڭا ئېتىراپ قىلغان ھىلىقى يولدىن چىققان ئايال بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزدى. شۇنداق ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى، لېكىن كىم ماڭا مېنىڭ ئاشۇ ئىلگىركى ئېرىمنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىدۇ؟ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۇنىڭغا بولغان ئىززەت، ھۆرمەت، پەخىرلىنىشنى كىم قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىدۇ؟، مېنىڭ قەلبىمدە ئاشۇ سېسىق ھاۋادا كۆيۈپ كەتكەن قانلىق جاراھەت ساقلىنىپ قالدى، بۇ ئاشۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىت پاك بولمىسىمۇ، پاك دەپ ئاتىۋالغان كېچىلىك ئولتۇرۇشنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ھەممىدىن غالىپ بولغان ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تەلەپ قىلىشنىڭ شاھىتى بولۇپ قالدى.

ئابدۇل پەتتاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن چوڭ شېركەتنىڭ بىرىدە رەھبەرلىك خىزمىتىنى قىلاتتىم، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بىر خىزمەتدىشىم مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى، مېنى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئەمەس بەلكى خىزمەتكە بولغان ئاكتىپلىقى، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەقىل-پاراسىتى جەلىپ قىلىۋالدى، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇ تولۇق ئورىنىدىغان خىزمەتتىن باشقىغا باقمايدىغان ئېسىل بىر ئىنسان ئىدى، ئۇنىڭغا بولغان جەلپكارلىق ياخشى كۆرۈشكە ئايلاندى، مەن توي قىلغان بولۇپ ئاللاھدىن قورقىمەن، بىرەر پەرز ئەمەللەرنىمۇ ئۈزۈپ قويماي تولۇق ئادا قىلىمەن، مەن توسالغۇسىز ئۆزۈمنىڭ تۇيغۇلىرىمنى ئۇنىڭغا ئاشكارا قىلدىم، ئۇمۇ توي قىلغان پەرزەنتلىرى بار ئايال بولۇپ، ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ياكى خىزمەتداشلىق ياكى ياقتۇرۇپ قىلىش دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىمنى توغرا دەپ قارىمايتتى، بەزى ۋاقىتتا كۆڭلۈمگە ئۇنى ئېرى تالاق قىلىۋەتكەن بولسا مەن ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولغان بولسام دېگەندەك بولمىغۇر خىياللار كېلەتتى.

مەن ئۆزۈمنىڭ رەھبەرلىك سالاھىيىتىم بىلەن خىزمەتتە ئۇنىڭغا بېسىم قىلىپ دەرىجىسىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇندۇم، بۇمۇ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىشنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىناتتى. ئۇ، بۇ بېسىملارنى ھېچ قانداق ئاچچىقلىنىش ياكى رەت قىلىش ياكى بىرەر ئىشقا باغلىماستىن قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى، ئۇ توختىماي خىزمەت قىلاتتى، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلاتتى، ئۇ ئاشۇنى ياخشى بىلەتتى، ئۇ مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى رەت قىلغانسېرى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىشىم زىيادە بولۇپ كېتىۋاتاتتى.

مەن ئاسانلىقچە ئاياللارغا مەپتۇن بولمايتتىم، چۈنكى مەن ئاللاھدىن قورقىمەن، مەن ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا خىزمەت دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيتتىم، لېكىن بۇ ئايال مېنى بالاغا تىقتى، مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن؟.

ئون توققۇز ياشلاردىكى بىر قىزچاق بىزگە بۇ ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى: ئۇ ۋاقىتتا كېچىك قىز ئىدىم، ئائىلىدە دوستلار توپلاشقان ئاشۇ كېچىدىكى ئولتۇرۇشتا پاك كىشىلەرنى كۆزۈم بىلەن كۈزۈتۈپ تۇراتتىم، ئېسىمدە قىلىشچە ئۇ ۋاقىتتا ئۆيدە دادامدىن باشقا ئەر كىشىنى كۆرمىگەن ئىدىم، مەن دادامنىڭ ھەر بىر ھەرىكەتلىرىنى، ئۇنىڭ ئۆيدىكى ئاياللارغا بېقىپ قاراشلىرى، ئۇلارنىڭ يوتا-پاچاقلىرى ۋە كۆكسىلىرىگە تويماي كۆز سېلىشلىرىنى كۈزىتىۋاتاتتىم، بەزىلىرىنىڭ كۆزىگە، بەزىلىرىنىڭ چېچىغا، بەزىلىرىنىڭ تولغان بىقىنلىرىغا قارايتتى، ئانام بىچارە مۇشۇ ئولتۇرۇشقا ئاشۇ ئاياللارنى دەۋەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئاددى ئائىلە ئايالى ئىدى.

سورۇندىكى ئاياللاردىن بىرى دادامنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى، ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى بىلەن دادام تەرەپكە سۈرۈلۈپ يېقىنلىشىۋاتاتتى، ئانام بىچارە ئاشخانىدا مېھمانلار ئۈچۈن تاماق تەييارلاۋاتقان بولغاچقا مەن بۇ ھەرىكەتلەرنى تولۇق كۈزۈتۈپ تۇردۇم.

بۇ كېچىلىك ئولتۇرۇشلار تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالدى، مەن يىشىمنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئارىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە ئورانغان بولساممۇ لېكىن ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم.

ئېسىمدە قىلىشچە شۇ ۋاقىتتا ئانام مەنىۋى تەرەپتىن بەك ماغدۇرسىزلىنىپ ھەتتا ئائىلىدە دادامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قالدى، مەن چوڭلارنىڭ مېنىڭ ئەتراپىمدا كۇسۇلداپ قىلىشقان (خىيانەت قىلدى، ياتاق ئۆيىدە، ئۇلارنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپتۇ، پاسكىنا، شەرمەندە...) دېگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالاتتىم، بۇنى چوڭلار چۈشىنەتتى، مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەيتتىم.

چوڭ بولدۇم، ئۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم، بارلىق ئەرلەرنى ئۆچ كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىيانەتچى دەپ قارىدىم، ئانام بولسا ئىنسانلىقى ئاياغ-ئاستى قىلىنغان بىر ئايال، بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھىلىقى ئايالنى ئەرلەرنى تىزدىن ئۆزىگە قارىتىۋالىدىغان ئايال دەپ ئەيىبلەيتتى، ئۇ ئايال دادامنىمۇ ئۆزىگە قارىتىۋالدى، دادام ئۇ سىرتتا ھازىرغىچە ئاياللارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداشتىن ئىبارەت بولغان ئېسىل تەبىئىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، مەن ھازىر ئون توققۇز ياشقا كىردىم، مەن نۇرغۇن ياشلارنى بىلىمەن، يۇقىرى چەكتىكى لەززەتنى ھېس قىلىمەن، مەن ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىۋاتىمەن، چۈنكى ئۇلار دادامنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىكى كىشىلەر، ئۇلارنى ئالدايمەن، ئۇلارنى بىر تال مويۇمغىمۇ تەككۈزمەستىن ئالدايمەن، ئۇلار جامائەت سورۇنلىرى، بازارلاردا مېنىڭ مەقسەتلىك ئىما-ئىشارەتلىرىم ۋە نازلىق ھەرىكەتلىرىم سەۋەبىدىن ماڭا ئەگىشىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا مېنىڭ تېلېفۇنۇم سايراپ توختىمايدۇ، مەن ھاۋا ئانىمىزنىڭ جىنسىدىن بولغان ئانام ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ كېتىمەن، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمچە بوغۇلۇپ، ئۈمىتسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىق ھېس قىلىمەن، ھاياتىم دادامنىڭ نامى بىلەن بولغان چوڭ قارا بۇلۇتلارنىڭ سايىسىدا ئۆتىدۇ.

بىر قىز ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: مەن خىزمىتىمنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەرلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويۇشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ھەقىقەتتە بۇ ئىش يۈز بەردى، دەسلەپتە ئەرلەردىن يۈزۈمگە چۈمبەل تاقاپ ھىجاپلاندىم، لېكىن بەزى ھەمشىرىلىرىم ماڭا نىقاپنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بەكرەك ئۆزىگە تارتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىككى كۆزۈمنىڭ ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى، مۇمكىن بولسا نىقاپلانماي ھىجاپلىنىشىمنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى، مەن نىقاپ كەيمىسە ياخشى بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ يۈزۈمدىن نىقاپنى ئېلىۋەتتىم، ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك كۈلكە-چاقچاق سۆزلىرىگە ئارىلاشماسلىقىم بىلەن ئۆزۈمنى خۇددى ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆز قارىشىدا يىگانە تۇرىدىغان بۇ ئايالدىن ھەزەر قىلاتتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدىغان، چوڭچى ئايال بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى، بىلىشىمچە مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق چوڭچى ئەمەس ئىدىم، مەن ئۆزۈمگە بېسىم قىلىپ، ئۆزۈمنى خىزمەتداشلىرىم ياقتۇرمايدىغان بىر ئورۇندا قويماسلىقنى قارار قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەت ۋە سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلدىم، ھەممەيلەن مېنى سۆز قابىلىيىتى يۇقىرى، باشقىلارنى قايىل قىلارلىقى كۈچلۈك، سۆزىنىڭ تەسىرى بار دەپ تەرىپلەشتى، مەن كەسكىن سۆز قىلساممۇ لېكىن سۆزۈم بەزى خىزمەتداشلىرىمنى جەلىپ قىلىۋاپتۇ، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي باشلىقىمىزنىڭ چىرايىدىن تەمتىرەش، سارغىيىش ۋە سۆزۈمدىن ھوزۇرلىنىشتىن ئىبارەت بەزى ئۆزگىرىشلەرنى تاپتىم، مېنى سۆھبەتكە ئەكىرىش ئۈچۈن قەستەن سۆزنى باشلاپ قوياتتى، مەن ئۇنىڭ كۆزىدىن ئۆچمەنلىكنى كۆرەتتىم، بۇنى ئىنكار قىلمايتتىم، مەنمۇ كۆڭلۈمدە مۇشۇ كىشىنىڭ پىكرىگە كىرىپ قالغان ئىدىم، مەن ئەر كىشىنىڭ ھىجاپلىق ئاياللارنىڭ تۇزىقىغا ئاسانلا چۈشۈپ كېتىشىدىن بەك ھەيران قالىدىغان تۇرسام، يۈزىنى ئېچىۋەتكەن، ناچار ئىشلارغا چاقىرىدغان ئاياللارنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ كېتىشىگە گەپ كەتمەيدۇ. شۇنداق مەن ئۇ كىشى توغرىسىدا غەيرى خىياللاردا بولۇپ باقمىدىم، شۇنداقتىمۇ باشتىن ئاخىر كۆڭلۈمدە بۇ توغرىدا پىكىر پەيدا بولدى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مېنىڭ ئالى جاناپلىقىم بۇ يوچۇن كىشىنىڭ كۆڭۈل خوشى ۋە ھەتتا مەنىۋى تەرەپتىن كۆڭۈل ئاچىدىغان قونچىقى بولۇشنى رەت قىلدىم، ھەرقانداق شارائىتتا مېنى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇزخىزمەت قىلىدىغان بارلىق يوللارنى ئۈزۈپ تاشلىدىم، ئاخىرىدا مەن تۆۋەندىكى پايدىلارغا ئېرىشىش بىلەن بۇ تۇيۇق يولدىن چىقتىم:

1-ھەرقانداق ئورۇندا بولسۇن، ئەر-ئاياللار رەت قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئەمما ئىككى جىنسنىڭ ئارىسىدىكى جەلىپ قىلىش يۈز بېرىدۇ، بۇ جەلىپ قېلىش دەسلەپتە يوللۇق باشلىنىدۇ ئاخىرى يولسىزلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

2-گەرچە ئىنسان ھەرقانچە ئۆزىنى ساقلىسىمۇ، ئۇ كىشى شەيتاننىڭ توزاقلىرىدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ.

3-ئىنسان ئۆزىنى تۇتۇپ، باشقا جىنستىكىلەر بىلەن بەلگىلەنگەن ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن دەرىجىدە مۇئامىلە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشى يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى تۇتالمايدۇ، ئىگە بولالمايدۇ.

4-ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىم، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ بىرگە تۇرۇشىدىن ھەرگىز ياخشىلىق كەلمەيدۇ، بۇ ئۇلار ئويلىغاندەك نەتىجە بەرمەستىن بەلكى ساغلام پىكىرلەرنى يوق قىلىدۇ.

ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار بولغان بۇ ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن قانداق بولدى؟.

بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى، بىز ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنى ھەرقانچە چىرايلىق پەدەزلىساق ۋە ئاددى كۆرسەتسەكمۇ ئۇنىڭ ناچارلىقى بىزگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ زېيىنى بىزنىڭ ئائىلىلىرىمىزنى ۋەيران قىلىدۇ، ساغلام تەبىئەت ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئورۇنلاردىكى ساغلام مۇھىت دېگەن قاراشنى قوبۇل قىلمايدۇ، ساغلام تەبىئەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، 76% كىشىلەر ئەر-ئاياللار ئارىلاشمىغان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشنى تاللىدى، ئۇلار ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشى شەرىئەتتىمۇ توغرا بولمايدۇ دەيدۇ، ئەمما بىز نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئېسىل كىشىلەر بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى تاللايدىغان كىشىگە قارىساق، ئۇلار 12% نى تەشكىل قىلىدىكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشى دىنى پرىنسىپ، ئۆرپ-ئادەت، ئەدەپ-ئەخلاق، كۆڭۈل، تولۇق ئورۇنۇش، ئىپپەتلىك بولۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە رىئايە قىلغان دائىرىدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشى مۇشۇ گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىنى ساقلىغان ھالەتتە بولىدۇ.

ئۇلاردىن سوراپ باقايلى: بىز بۈ گۈنكى كۈندە ئۇنىۋېرسىتىتلاردا، بازارلاردا، خىزمەت ئورۇنلىرىدا، ئائىلە يىغىلىشلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي سورۇنلاردا كۆرۈۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشى بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەن ئالاھىدىلىككە مۇۋاپىق كېلەمدۇ؟ ياكى مۇشۇ ئورۇنلار كىيىم-كىچەك، سۆز-ھەرىكەت ۋە تەسەررۇپاتلاردا ئارىلىشىش دائىرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتىمۇ؟، بۇ ئورۇنلاردا ئەدەپ-ئەخلاق، ھايا، ئىپپەت بولمىغان شەكلىك ئالاقىلەرگە تولغان پىتنە-پاسات، يىرىم-يالىڭاچلىقنى كۆرۈۋاتىمىز، ھازىرقى ھالەتتە دەيمىزكى، ئارىلىشىشنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە پاكىزە مۇھىتتا ئارىلىشىشنى كۈچلاندۇرىغان كىشىلەرمۇ رازى بولمايدۇ.

شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ئارىلىشىش دېگەن ئىجتىمائىي تەبىئەت ئۈچۈن مۇنبەت زېمىندىكى ھەممىگە يېپىشىدىغان ئىللىق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرى قاتارلىق ھەريەردە بولۇپ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كېتىدۇ، ھېچ كىشى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئارىلىشىش ئىكەنلىكىنى تۇيمايدۇ، ھەقىقەتتە ئارىلىشىش بولسا ئۈنسىز پىتنىنىڭ بېشىدۇر، ئۇنىڭ سايىسىدا قىلىپ ئۆزگىرىدۇ، شەھۋەت قوزغىلىدۇ، خىيانەت مەيدانغا كېلىدۇ، ساغلام قەلب ۋە ئىناق ئائىلىلەر ۋەيران بولىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن سالامەتلىك، تىنچلىق ۋە ئەھۋالىمىزنىڭ ياخشى بولىشىنى سورايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد