شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

كاپالەتكە ھەق ئىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرسىدا

97268

تارقاتقان ۋاقىت : 04-10-2022

كۆرگۈچىلەر : 733

سۇئال

    بىر كىشى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش كېلىشىمى ئارقىلىق ماشىنا سېتىۋالماقچى بولۇپ مەندىن بۇ ئىشقا كېپىل بولۇشنى تەلەپ قىلدى، مەن بۇنى رەت قىلدىم، ئۇ كىشى ماڭا: ئەگەر كەپىل بولۇپ بەرسىڭىز ئىككى مىڭ رىيال بېرىمەن دېدى، مەن پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ پۇلنى ئېلىپ كېپىل بولدۇم، كېپىللىك ئۈچۈن ئالغان مۇشۇ پۇل ماڭا ھالال بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    كاپالەت ۋە كېپىللىككە ھەق ئېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى كاپالەت كېلىشىمىدىن جازانە كېلىشىمگە ئۆزگىرىدۇ . بۇنىڭ تەپسىلاتى:

   كېپىل دېگەن، كاپالەتكە ئېلىنغان كىشى قەرزنى ئادا قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ ئورنىدا قەرزنى تۆلەيدۇ، كېپىل قەرزنى ئادا قىلغان ۋاقىتتا بۇ كاپالەتكە ئېلىنغۇچى ئۈچۈن قەرز بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئۇنى تۆلىشى كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭغا ئىككى تەرەپ كېلىشكەن كىپىللىكنىڭ بەدىلىگە ئېلىنىدىغان مال قېتىلغاندا بۇ قەرزنى زىيادە قىلىشتىن ئىبارەت بولغان جازانىنىڭ ئۆزى بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 6 -توم 441 - بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر كېپىللىك تەلەپ قىلغۇچى: ماڭا كېپىل بولغىن ساڭا مىڭ رىيال بېرىمەن دېگەن بولسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى كېپىل بولغان كىشىگە كاپالەتكە ئالغان كىشىنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، قەرزنى ئادا قىلسا، بۇ كاپالەتكە ئېلىنغان كىشىنىڭ زىممىسىدە قەرز بولىدۇ، ئۇ كىشىدىن قەرز بىلەن بىرگە كېپىللىك ھەققىنى ئالسا، بۇ قەرز مەنپەئەت ئۈچۈن بولغان بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ".

     ئىبنى جەرىر تەبەرىي رەھىمەھۇللاھ " ئىختىلاپۇل پۇقەھائۇ" ناملىق ئەسەرنىڭ 9-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى قەرزگە كېپىل بولسا، بۇنىڭ بەدىلىگە كاپالەتكە ئېلىنغۇچى كېپىلگە ھەق بەرسە، بۇ شەكىلدە كېپىللىك قىلىش توغرا بولمايدۇ".

    "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ كېپىللىك خېتى توغرىسىدىكى قارارىدا" مۇنداق كەلگەن:

    بىرىنچى: كېپىللىك خېتى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشنىڭ تۈرلۈك بولىشى بىلەن ئىككى تۈرلۈك ئىشتىن خالى بولمايدۇ: ياكى يېپىق بولىدۇ ياكى ئوچۇق بولىدۇ، ئەگەر ئوچۇق بولسا ئۇ: كېپىل بولغۇچىغا باشقىلارنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى قېتىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقىقەتتە يەنى ئىسلام پىقھىسىدا "زىمان ياكى كاپالەت دەپ ئاتالغىنىدۇر.

ئەگەر كاپالەت خېتى يېپىق بولسا -يەنى ئوچۇق بولمىسا-كېپىللىك خېتىنى تەلەپ قىلغۇچى بىلەن ئۇ خەتنىڭ مەنبىيىنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە ئۇ ۋاكالەت ئالاقىسىدۇر، ۋاكالەت دېگەن كاپالەتكە ئېلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولغان كاپالەت ئالاقىسىنىڭ داۋاملاشماقلىقى بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەق ئالسىمۇ بولىدۇ ياكى ھەق ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

    ئىككىنچى: كېپىللىك دېگەن باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە ياخشىلىق قىلىش مەقسەت قىلىنىدىغان خالىس كېلىشىم بولۇپ، پىقھى ئالىملىرى بەدەل ئېلىپ كېپىل بولۇشنى توغرا ئەمەس دەپ قارار قىلدى، چۈنكى كېپىل   ئۆزى كاپالەتكە ئالغان كىشىنىڭ ئورنىدا قەرز ئادا قىلغاندا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ قەرز، قەرز بەرگەنلىك سەۋەبىدىن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان قەرزگە ئوخشاپ قالىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە چەكلەنگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن ئالىملار تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى:

    بىرىنچى: كېپىللىك خېتى مەسىلىسىدە، كاپالەت جەريانىدا ئۇچراشقان ئىشلارغا ھەق ئىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئادەتتە كېپىللىك ۋاقتى ۋە كېپىللىك پۇلىسىغا رىئايە قىلىنىدۇ، كاپالەت ئوچۇق شەكىلدە بولسۇن ياكى يېپىق شەكىلدە بولسۇن ئوخشاشلا ھەق ئىلىش توغرا بولمايدۇ.

     ئىككىنچى: ھەر ئىككى تۈردىكى كېپىللىك خېتىنى چىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئىدارە چىقىملىرىنى ئېلىش توغرا بولىدۇ، بۇنىڭدىمۇ ئادەتتە ئېلىنىدىغان ھەقتىن ئارتۇق ئالماسلىققا رىئايە قىلىش كېرەك. ئومۇمى ياكى جۈزئى ۋاكالەتنى تەقدىم قىلغاندا، ۋاكالەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلىدىغان ئىشلاردا تەلەپ قىلىنىدىغان ۋاكالەت خېتىنى چىقىرىش ئۈچۈن كېتىدىغان چېقىملارنى بېكىتىشكە رېئايە قىلىش توغرا بولىدۇ.

 "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى قارارى" 25-بەت. شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ بۇ مالنى ئېلىشىڭىز ھالال بولمايدۇ، ئالغان مالنى ئۆز ئېگىسىگە قايتۇرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى