پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رەجەپ ئېيىدا ئۆمرە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

رەجەپ ئېيىدا ئۆمرە قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە مەلۇم پەزىلىتى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: بىزنىڭ بىلىشىمىزچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رەجەپ ئېيىدا ئۆمرە قىلىش ياكى ئۆمرە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىك توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. پەقەت رامىزان ۋە ھەج ئايلىرىدا يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججە ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رەجەپ ئېيىدا ئۆمرە قىلغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. بەلكى بۇ توغرىدا سۆزلەنگەن ھەدىسنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىنكار قىلىپ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەجەپ ئېيىدا پەقەت ئۆمرە قىلىپ باقمىدى،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى1776-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1255-ھەدىس].

ئىككىنچى: دىندا پەيدا بولغان بىدئەتنىڭ جۈملىسىدىن: بەزى كىشىلەرنىڭ رەجەپ ئېيىنى ئۆمرە قىلىشقا خاسلاشتۇرىۋالىدۇ. مۇسۇلمان ئۈچۈن شەرىئەت يولغا قويمىغان بىر ئىشنى مەلۇم زاماندا ئادا قىلىشقا خاس قىلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ شاگىرتى ئىبنى ئەتتار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ماڭا مەككە ئەھلىنىڭ رەجەپ ئېيىدا كۆپ ئۆمرە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى يۇقىرى قىلسۇن، ئەسلىدە بۇنداق قىلىشنىڭ ھېچ ئاساسى يوق، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «رامىزان ئېيىدا قىلغان ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ،» دېيىلگەن. رەجەپ ئېيىدا ئۆمرە قىلىشنىڭ ھېچ ئاساسى يوق".

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى 6-توم 131-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "رەجەپ ئېيىنىڭ بەزى كۈنلىرىنى ئۆمرە قىلىش ياكى بەزى مۇقەددەس ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىشقا خاس قىلىۋېلىش بولسا ئاساسسىز بىر ئىشتۇر. ئىمام ئەبۇ شامە رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: "بىدئەت ۋە يېڭى پەيدا بولغان ئىشلار" ناملىق ئەسىرىدە، شەرىئەت خاس قىلمىغان مەلۇم ۋاقىتلارنى ئىبادەتكە خاس قىلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مەزكۇر مەلۇم ۋاقىتنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىن ھېچ پەرقى يوقتۇر. پەقەت شەرىئەت مەلۇم بىر ئىبادەتنى قىلىشقا خاسلاشتۇرغان ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا ياكى بارلىق ياخشى ئەمەللەر بۇ ۋاقىتتا باشقا ۋاقىتتا قىلىنغان ئەمەللەردىن پەزىلەتتە ئارتۇق بولىدۇ دەپ بېكىتىلگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار رەجەپ ئېيىنى كۆپ ئۆمرە قىلىشقا خاسلاشتۇرىۋىلىشنى ئىنكار قىلدى".

ئەگەر ئىنسان رەجەپ ئېيىدا ئۆمرە قىلىش باشقا ۋاقىتتا ئۆمرە قىلغاندىن ئارتۇق بولىدۇ دېگەننى ئويلىماستىن، ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىدىغان ۋاقتى رەجەپ ئېيىغا توغرا كىلىپ قالغان بولسا، بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوقتۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى