پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

بەزى ۋاقىتتا نامازغا سۇسلۇق قېلىدۇ، بۇنىڭ چارىسى نېمە؟

سۇئال

مەن ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئىشىنىدىغان بىر مۇسۇلمان ياش، لېكىن بەزى ۋاقىتتا نامازغا سۇسلۇق قىلىمەن، مېنى نامازغا سۇسلۇق قىلدۇرمايدىغان بىر يول تېپىشنى خالايمەن، مەن شۇنداق قىلىشنى بىلسەممۇ لېكىن شەيتاننىڭ ھىلە-مىكرى بەك كۈچلۈكتۇر؟. بۇ ھەقتە يول كۆرسۈتۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابىغا. نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ۋە ئىككى شاھادەت كەلىمىسىدىن كىيىنكى ئىسلامنىڭ ئەڭ كاتتا ئاساسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشىدىن نامازنى ئادا قىلىشقا سۇسلۇق قىلىش ياكى نامازنى تەرك قىلىش تەسەۋۋۇرقىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا، كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا پەقەت مۇشۇ كاتتا شۇئارنى ئادا قىلىش ۋە مۇھاپىزەت قىلىشتىن باشقا نەرسە تېپىلمايدۇ.

    بەندىنىڭ ئىمانى زىيادە بولغانسىرى ئاللاھ پەرز قىلغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى زىيادە بولىدۇ، بۇمۇ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى نامازنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان يولنى تۆۋەندىكىچە ئىخچاملاشتۇرىمىز:

   بىرىنچى: نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكى، ئىسلامدا كاتتا ئاساس ئىكەنلىكىگە چىن دىلىدىن ئىشىنىش كېرەك. نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ (يەنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋە ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشى بويىچە ئىسلامدىن چىقىپ كاپىر بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان بىلەن كۇپۇر ۋە شېرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 82-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەھدە نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 2621-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى463-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1079-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلتۈرگەن].

   ئىككىنچى: نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيّاً  تەرجىمىسى: ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. [سۈرە مەريەم 59-ئايەت].

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان "غەي" دېگەن سۆزنى بۇ جەھەننەمدىكى بەك چوڭقۇر، بەك سېسىق بىر جىلغا دەپ چۈشەندۈرگەن.

  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلاتِهِمْ سَاهُونَ  تەرجىمىسى: شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر. [سۈرە مائۇن 4-5-ئايەت].

   ئۈچىنچى: نامازنى جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇش، بىرەر ۋاخ نامازغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك، ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. بۇنىڭ دەلىلى كۆپ بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەزاننى ئاڭلاپ شەرئى ئۈزۈرسىز نامازغا كەلمىگەن كىشىگە ناماز يوق. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 793-ھەدىس. دارى قۇتنى، ھاكىم سەھىھ دېگەن، شەيخ ئەلبانى ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلتۈرگەن].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، كۆزى كۆرمەيدىغان بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنى مەسچىتكە ئېلىپ بارىدىغان يۆتۈلۈگۈچى يوق، مەن ئۆيدە ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟ دەپ رۇخسەت سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ ئۆيدە ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلدى، ئۇ كىشى كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «نامازغا چاقىرىلغان ئەزاننى ئاڭلامسەن؟ دېگەن ئىدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا مەسچىتكە كەلگىن دېدى. بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن دەلىللەر بار. 40113- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   تۆتىنچى: نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ قاتارىغا كېرىشنى ئۈمىت قىلىڭ. ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش، قەلبى مەسچىتكە باغلانغان كىشى دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى660-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1031-ھەدىس].

    بەشىنچى: نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلغانغا كۆپ ئەجىر بېرىلىدىغانلىقىنى ئويلاڭ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە ۋە دۇكىنىدا ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە بەش ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، ئۇنداق بولىشى، ئۇ كىشى كامىل تاھارەت ئىلىپ، ئاندىن پەقەت نامازنىلا مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە ماڭىدۇ، بىر قەدەم ماڭسا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇ كىشىدىن بىر خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، ئەگەر ناماز ئوقۇسا ئۇ كىشى ناماز ئوقۇيدىغان جايدا بولغان مۇددەتتە پەرىشتىلەر: ئى ئاللاھ! بۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلغىن، بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغىن دەيدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغان مۇددەتتە نامازدا بولغاندەك بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى647-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 649-ھەدىس]. 

    ئوسمان ئبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: بىر كىشى ناماز ئۈچۈن كامىل تاھارەت ئالسا، ئاندىن پەرز نامازغا ماڭسا، نامازنى جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئوقۇسا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىدۇ، دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى232-ھەدىس].

   ئالتىنچى: نامازنىڭ پەزىلىتى، نامازنى زايە قىلىۋەتكەن ۋە سەل قاراپ ۋاقتىدا ئادا قىلمىغاننىڭ گۇناھى توغرسىدىكى دەلىللەرنى ئوقۇڭ، سىزگە بۇ توغرىدا: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل مۇقەددەمىنىڭ: "نېمە ئۈچۈن ناماز؟ دېگەن كىتاۋى ۋە شەيخ مۇھەممەد ھۈسەين يەئقۇبنىڭ:"نېمە ئۈچۈن ناماز ئوقۇمايسىز؟ ناملىق لېنتىسىنى تىڭشاڭ، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدا سىزگە كۆپ بىلىم بار.

   يەتتىنچى: نامازنىڭ ھەققىگە رائىيە قىلىدىغان ۋە نامازغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى دوستلارنى تاللاش كېرەك، ئۇلارنىڭ ئەكسىدىكى دوستلاردىن يىراق بولۇش كېرەك، چۈنكى دوست دوستقا ئەگىشىدۇ.

   سەككىزىنچى: ھاياتلىق باسقۇچىدىكى ھەممە تەرەپتە گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق بولۇش كېرەك، باشقىلار بىلەم بولغان ئالاقىدە بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن بولغان ئالاقىدە  شەرئى پرىنسىپلارغا رەئايە قىلىش كېرەك، چۈنكى گۇناھ-مەسىيەت كۆپ ۋاقىتتا ئىنساننى تائەت-ئىبادەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچلاندۇرۇپ قويىدۇ.

   ئاللاھ تائالادىن بىز ۋە سىزنى ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىنىڭ ۋە خاس يېقىن كىشىلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلىشىنى سورايمىز.  

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى