جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان كېسەللەر توغرىسىدا

سۇئال

ئۆتكەن بىر قانچە يىللاردىن بىرى تۇتالماي قالغان پەرز روزىلىرىمنىڭ قازاسىنى ھازىرغىچە تۇتالمىدىم، چۈنكى مەن ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىم سەۋەبلىك روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايۋاتىمەن. قالغان روزىلىرىمنى كېيىنچە تۇتالايمەنمۇ ياكى تۇتالمايمەنمۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن، بەلكىم كېسىلىم داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئەھۋال روزا تۇتالمىغان ئىلگىرىكى كۈنلىرىمنىڭ روزىسى ۋە ھازىر كىلىدىغان رامىزاننىڭ روزىسىنى قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەرشنىڭ ساھىبى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ كېسىلىڭىزگە شىپالىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

سىز ئىشەنچىلىك دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈڭ، ئەگەر كېسىلىڭىزدىن ساقىيىپ قىلىش ئۈمىدى بولۇپ قالسا، كېسىلىڭىز ساقايغاندىن كېيىن تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتسىڭىز بولىدۇ. بۇ توغرىدائاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَتەرجىمىسى: سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئەمما كېسىلىڭىز داۋاملىشىپ ساقىيىشىدىن ئۈمىد بولمىسا، سىز ئۆتكەن يىللاردا تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنى ھېسابلاپ، ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىسىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍتەرجىمىسى: روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇقىرىدىكى ئايەتنى چۈشەندرۈپ مۇنداق دەيدۇ: روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان (يەنى روزا تۇتۇش سەۋەبلىك سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدىغان) ياشانغان بوۋاي-مومايلار ھەر بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى4505-ھەدىس].

ساقىيىشىدىن ئۈمىد بولمىغان كېسەلمۇ بۇ ھۆكۈمدە؛ ياشانغان بوۋاي-مومايلارغا ئوخشاشتۇر.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسىرى 4-توم396-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: كېسەللىكىدىن ساقىيىشى ئۈمىد بولمىغان كېسەل روزا تۇتمايدۇ، ئەمما ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان ياشانغان كىشىلەرگە ئوخشاشتۇر.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ "رامىزان سورۇنى" دېگەن رىسالىسىنىڭ 32-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "ياشانغانلىق، ساقايماس كېسەلگە گېرىپتار بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن روزا تۇتالمايدىغان كىشىلەرگە روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس. چۈنكى ئۇلار روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى:ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

لېكىن بۇنداق كىشىلەر ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى