جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەر كىشىنىڭ يىپەك كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

سۇئال

    ئايالىم كارىۋاتقا يىپەك ياپقۇچ سېتىۋالماقچى، بۇنىڭ ئۈستىدە مەن ئۇخلىسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ئەرلەرنىڭ تەبىئىي يىپەك كىيىملەرنى كىيىشى توغرا بولمىغاندەك، يىپەك كۆرپىدە ئولتۇرۇشى، ئۇنىڭدا ئۇخلىشى ۋە ئۇنى يېپىنىپ يېتىشىمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرنى يىپەك كىيىملەرنى كىيىشتىن ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن» دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5837-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى «بىزنى يىپەك كۆرپىلەردە ئولتۇرۇشتىن چەكلىدى» دېگەن سۆز، يىپەكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەنلىككە ئىتىراز بىلدۈرگەنلەرگە كۈچلۈك دەلىلدۇر. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئىبنى ۋەھەب كىتابىدا سەئەد بىن ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: «چوغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇش ماڭا يىپەك كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندىن ياخشى كۆرىلىدۇ» دېگەن.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر يىپەك كۆرپىلەردە ئولتۇرۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەلۋەتتە كىيىشتىن چەكلىگەن چەكلىمە ئۇنىڭدا ئولتۇرۇش ۋە ئۇنى يېپىنىپ يېتىشنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالاتتى. بۇ لۇغەتتىكى ۋە شەرئى ئاتالغۇدىكى كىيىشنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىزنىڭ ئۇزۇن تۇرغانلىقتىن كونىراپ قارىداپ كەتكەن بورىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇردۇم» [بۇخارى رىۋايىتى380-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى658-ھەدىس]. ئەگەر ئولتۇرۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ئومۇمى لەپزە كەلمىگەن بولسىمۇ ئەلۋەتتە خاس قىياسنىڭ تەقەززاسى ئۇنىڭ ھاراملىقىنى ۋاجىپ قىلاتتى. ["ئىئلامىل مۇقىئىين" 366/2.]

    ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ "ئەل مەجمۇدا" 321/4" مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشىگە تۈرلۈك يىپەك كىيىملەرنى كىيىش، يىپەك كۆرپىلەردە ئولتۇرۇش، يىپەك ياستۇقلارغا يۆلىنىش، يىپەك يوتقانلارنى يېپىنىش، پەردە قىلىپ ئېسىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارام بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ بىر ئىختىلاپ يوق، لېكىن راپىئى بۇنىڭغا زىت بولغان بىر قاراشنى بايان قىلغان ئۇ بولسىمۇ ئەرلەرنىڭ يىپەك تۆشەكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشىنى دۇرۇس دېگەن. بۇ قاراش باتىلدۇر. بۇ يۇقىرىدىكى سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئوپ-ئوچۇق رەت قىلغانلىقتۇر. بۇ بىزنىڭ قارىشىمىز. ئەمما يىپەكنى كىيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ھەممە ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق، يۇقىرقىدىن باشقا ئىشلاردا يىپەك ئىشلىتىشنى ئەبۇ ھەنىپە دۇرۇس دېگەن. يىپەكنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزغا ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد، مۇھەممەد بىن ھەسەن شەيبانى، داۋۇد زاھىرى قاتارلىقلار مۇۋاپىق كەلگەن. بىزنىڭ دەلىلىمىز يۇقىرىدا ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس، چۈنكى يىپەكنى كىيىشنىڭ ھاراملىقى باشقا ھەدىسلەردىمۇ بايان قىلىنغان، چۈنكى كىيىشكە ھاجەت بولۇپ تۇرۇغلۇق كىيىش ھارام قىلىنغان ئىكەن، قالغانلىرى ئەلۋەتتە ھارام قىلىنىدۇ". 

    «پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسى»دە 278/5 مۇنداق كەلگەن: "ئۆلىمالار ئاياللارنىڭ يىپەك كۆرپىدە ئولتۇرۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاق كەلدى، ئەمما ئەرلەرگە نىسبەتەن، مالىكىي، شاپىئىي، ھەنبەلىي مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئەركىشىگىمۇ ھارام دېگەن قاراشتا بولغان".

    شەيخ سالىھ پەۋزاندىن: يىپەك كۆرپە، يوتقان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاراپ بەرگەن: "ئەرلەرنىڭ يىپەك كۆرپە ۋە يوتقان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئەرلەرگە ھارام قىلدى". ["سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما" 7/95.]

     ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ يەردە ھارام بولغىنى، چەكلەنگىنى تەبىئىي يىپەكلەردىن بولغىنىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن 30812- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

     شۇنىڭ ئۈچۈن سېتىۋالماقچى بولغان بۇ يىپەك تەبىئىي يىپەك بولسا سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىشىڭىز ۋە ئۇنى يېپىنىپ يېتىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى