سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمان كىشىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار ئورتاق بولغان مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ھۆكمى

سۇئال

لۇم بىر مەسچىتتە بەزى مۇسۇلمانلاردىن سادىر بولغان ئىشلار مېنى ھەيران قالدۇردى ۋە بۇ مەسىلىنى سورىشىمغا سەۋەپ بولدى: ئۆتكەن ھەپتىدە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار خىرىستىئان ۋەزىر بىلەن بولغان خاس ئۇچرىشىشقا قاتناشتى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەنمۇ شۇ يەردە بولۇپ قالدىم، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بىر ئۇستاز بىلەن ئۈچ ئايال باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى بويىچە شام ياندۇرۇپ ئەتراپنى ئايلاندى ۋە بۇ دىنى مۇراسىمنى تەقلىد قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇ بىدئەت ئىشنى قانداق چۈشەندۈرىمەن؟ بۇ ئىشنىڭ قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە خاتا ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايمەن؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇراسىملار تۈرلۈك شەكىلدە بولىدۇ، بۇ مۇراسىمنى مۇسۇلمانلار ئىلىپ بارسۇن ياكى كاپىرلار ئىلىپ بارسۇن ئۇنىڭ ھۆكمى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بۇ توغرىدىكى سۆزىمىزنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلار بويىچە تەپسىلى بايان قىلىمىز:

1-مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارنىڭ دىنى مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇراسىملىرىنى تەبرىكلىشىمۇ ئومۇمى جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا خاتالىق بولۇپ، بۇنىڭ جىنايىتى پائالىيەت ئۆتكۈزگەندىنمۇچوڭراق بولىدۇ، بەلكى بۇنداق ئىشلار ئۇلارنى كۇپرىغا ئىلىپ بارىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كاپىرلارغا خاس بولغان، ئۇلارنىڭ دىنى شۇئارلىرى بولغان مۇراسىملارنى تەبرىكلەش بولسا، بارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن ھارامدۇر. بۇنىڭ مىسالى: ئۇلارنىڭ بايرىمىنى ياكى روزا تۇتقان كۈنىنى: "بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ياكى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلەش، گەرچە دىگۈچىنى كۇپرىغا ئىلىپ بارمىسىمۇ، ئەمما شۇنداق قىلىش بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ھارامدۇر. بۇ خۇددى كىرست بەلگىسى ئالدىدا ئىگىلىپ سەجدە قىلىپ تەبرىكلىگەنگە ئوخشاشتۇر. بەلكى بۇ ئىش ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا گۇناھ جەھەتتە، ھاراق ئىچىپ ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈپ، زىنا-پاھىشە ئىشلارنى قىلغاندىنمۇ ئېغىرراقتۇر. ["ئەھكام ئەھلۇ زىممە" 3-توم211-بەت].

ئىمام زەھەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خىرىستىئان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بولغان بايراملىرى بولسا، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ خاس بايرىمىغا قاتناشمايدۇ، خۇددى ئىبادەتتە ئۇلارنىڭ پىرىنسىپى ۋە قىبلىسىگە ئورتاق بولمىغانغا ئوخشاش." ["ھىكمەت ژورنىلى" 4- سان 193-بەتتە "تەشبىھىل خەسىس بىئەھلىل خەمىس" دېگەن تېمىدا تارقىرىلغان].

يەنە بۇ ھەقتە: 947-11427-1130-115148-سوئاللارنىڭ جاۋابىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان.

2- مۇسۇلماننىڭ كاپىرلارنىڭ توي مۇراسىمى ياكى كېسەلدىن ساقىيش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان زىياپەت ياكى سەپەردىن سالامەت قايتىپ كىلىش يۈزىسىدىن ئورۇنلارشتۇرۇلغان خۇسۇسى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى توغىرسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار بولۇپ، كۈچلۈك قاراشتا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ۋە ئۇلارنى دىنغا دەۋەت قىلىشتەك شەرئى مەسلەھەت تىپىلىش شەرتى ئاستىدا قاتناشسا بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 127500-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان.

3-كاپىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مۇراسىملىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىم-كېچەك ياكى يېمەك-ئىچمەكتە ۋە ياكى ئايرىم بىر شەكىلدە خۇددى شام ياندۇرۇپ ئەتراپنى ئايلانغاندەك كاپىرلاغا ئوخشىۋىلىشى توغرا بولمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " مۇسۇلمانلارنىڭ، كاپىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بايراملىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يۇيۇنۇش، ئوت يورۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلارغا ئوخشىۋىلىشى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ياكى ئىبادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى قاتارلىق ئىشلار قەتئى توغرا بولمايدۇ. شۇنداقلا كاپىرلارنىڭ شۇ ئىشلىرىنى تەبرىكلەپ زىياپەت بېرىش، سوۋغا-سالام قىلىش، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە قوللىنىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ تىجارىتىنى قىلىش قاتارلىق ئىشلار دىنىمىزدا توغرا ئەمەس. مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى ئۇلار بايراملىرىدا ئوينايدىغان خاس ئويۇنلارنى ئويناتقۇزۇشى ياكى ئۇلارنىڭ بايرىمى ئۈچۈن ئايرىم شەكىلدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىندۇرۇپ ياساپ-جاپدۇشى توغرا بولمايدۇ.

ئومۇمەن: كاپىرلارنىڭ دىنى شوئارلىرى ئاشكارا قىلىنىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بولغان بايراملىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ئىشنى خاس قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا كاپىرلارنىڭ ئادەتلىرى خاس قىلىنمايدىغان ئادەتتىكى بىر كۈن بولىشى كېرەك. ["پەتىۋالار توپلىمى"25-توم 329-بەت].`

4-مۇسۇلمان ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ بولسۇن ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بولسۇن كاپىرلارنىڭ دىنىنى راۋاجلاندۇرىدىغان ياكى باتىل مەزھەب قارىشىنى كۈچلاندۇرىدىغان، بۇزۇق ئەقىدە-خاتا پىكىرلەرنى مەدھىيىلەيدىغان سورۇنلارغا قاتنىشىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 3325- 10213- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

5- مۇسۇلماننىڭ كاپىرلارنىڭ بولسۇن ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بولسۇن ھەر كۈندە ياكى ھەر ئايدا ياكى ھەر يىلدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان تۇغۇلغان كۈن ياكى ئانىلار بايرىمى دېگەندەك بايراملىرىغا قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 5219-1027-26804-59905- نومۇرلۇقسوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

6-مۇسۇلمان ئۈچۈن كاپىرنىڭ بولسۇن ياكى مۇسۇلماننىڭ بولسۇن ئىلىپ بېرىلىشى چەكلەنگەنئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ياكى پاسىق-پاجىر زالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ياكى كاپىر-پاسىقلارنىڭ بىرەر پارتىيە-تەشكىلات قۇرۇش بايرىمى دېگەندەك مۇراسىملارغا قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 135119- سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

7-مۇسۇلمان ئۈچۈن كاپىرنىڭ بولسۇن ياكى مۇسۇلماننىڭ بولسۇن يات ئەر-ئاياللار بىرلىكتە ئارىلىشىپ ئولتۇرىدىغان، ناخشا-مۇزىكا چىلىنىدىغان، مەي-شاراپلار ئىچىلىدىغان مۇراسىملارغا قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 6992- 97014- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرنى بىلگەندىن كىيىن سىز ئۈچۈن يات ئەر-ئاياللار ئارىلىشىدىغان، كاپىرلارغا ئوخشاپ شام يىقىپ ئايلىنىدىغان، باتىل ئەقىدە، قاراشلارنى ئۇلۇغلاپ، راۋاجلاندۇرىدىغان مۇراسىملارغا قاتنىشىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا سۇكۇت قىلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى بۇ مەزكۇر ئىشلارنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى چىرايلىق ئۈسۈلدا چۈشەندۈرۈشىڭىز لازىم بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى