سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

سوئال: كاپىرلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلسە؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

كاپىرلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ياكى ئاتالمىش دىنى بايرام مۇراسىملىرىنى تەبرىكلەش ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارام دەپ قارىلىدۇ. بۇ سۆزنى ئىبنى قەييۇمئامانلىق بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ھۆكمى ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: كاپىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنى ئىبادەت شۇئارلىرى ۋە بايراملىرىنى تەبرىكلەش ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارام دەپ قارىلىدۇ، مەسىلەن: ھېيتىڭىزغا ياكى بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر، گەرچە بۇ سۆزنى ئېيتقۇچى كاپىر بولمىسىمۇ لېكىن چەكلەنگەن ھارام ئىشنى قىلغان بولىدۇ. گوياكى ئۇ كىشى ئاللاھنى نەزىرىدە كرېسىت بەلگىسىگە سەجدە قىلىدىغان خىرستىياننى ھۆرمەت قىلغانغا ياكى ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلغانغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق گۇناھنى ئىشلىگەن بولىدۇ. بۇنىڭ جىنايىتى ھاراق ئىچكەن، ئادەم ئۆلتۈرگەن، زىنا قىلغان ۋە باشقا گۇناھ قىلغان كىشىلەرنى مۇبارەكلىگەندىنمۇ كاتتا بولىدۇ. بۇ ئىشلار كۆپىنچە دىنى بىلىملەردىن خەۋىرى بولمىغان كىشىلەردە كۆپرەك يۈزبېرىدۇ. ئۆزىنىڭ ناچار ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ،  كىمىكى گۇناھكار يا كى بىدئەتچى ياكى كاپىرلارنىڭ ئالاھىدە قارىلىدىغان كۈنلىرىنى  مۇبارەكلەيدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ.

ئىبنى قەييۇم ئېيتقاندەك كىمىكى كاپىرلارنىڭ دىنى مۇراسىم، بايراملىرىنى  چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدىكەن، ئۇ كىشى كاپىرلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغان بولىدۇ، گەرچە ئۆز كۆڭلىدە كاپىر بولۇشقا رازى بولمىسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان ئۈچۈن  كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرۇپ ياكى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ مۇبارەكلەش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا رازى بولمايدۇ ھەم ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولىشىغا رازى بولمايدۇ، ئەگەر  سىلەر شۈكرى قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم. ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا قاتناشسۇن ياكى قاتناشمىسۇن  ئۇنى تەبرىكلەش ئوخشاشلا  ھارامدۇر.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېيت-بايراملىرىدا بىزنى مۇبارەكلىسە بىز ئۇلارغا جاۋاپ بەرمەيمىز، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ بايرىمىمىز ئەمەس ھەم ئۇ ئاللاھ رازى بولىدىغان بايراممۇ ئەمەس، بۇ ئەسلى يوق بىدئەت ئىشلاردىن ياكى  بۇرۇن بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئالەمگە پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئىسلام دىنى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئىسلام دىنىدىن غەيرى دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ يەنى ئۇنىڭ دىنى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارىتقۇچىدۇر. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش، ھەمكارلىشىش، خوشاللىق كۈنلىرىدە خۇرسەنلىكنى ئىزھار قىلىش مۇسۇلمان ئۈچۈن ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سورۇنىغا ھازىر بولۇش گۇناھ جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەندىنمۇ چوڭ بولىدۇ.

مۇشۇنداق بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن كاپىرلارنى دوراپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر-خىل مۇراسىملارنى قىلىشىمۇ، ياكى ئۆز ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىش، تاتلىق تۈرۈملەرنى ۋە ھەرخىل تاماقلارنى تارقىتىش قاتارلىقلار دىنىمىزدا چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: كىمىكى باشقا بىر مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى شۇ مىللەتتىن ھېسابلىنىدۇ.( يەنى قىيامەت كۈنى شۇ قەۋم بىلەن بىرگە تۇرغۇزىلىدۇ)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئۆزىنىڭ توغرا يولدىكىلەرگە ئەگىشىش، جەھەننەمگە يول ئالغانلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە: بەزى ھېيت-بايراملارنى كاپىرلارنىڭ مۇراسىملىرىغا ئوخشىتىپ قىلىش ئۇلارنىڭ(يەنى كاپىرلارنىڭ) كۆڭلىدە خۇرسەنلىك پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاجىز مۇسۇلمانلارنى بوزەك قىلىش تاماسىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ دەپ بايان قىلىدۇ.

كىمىكى بۇ ئىشلارنى ئۇلارغا ياخشىچاق بولۇش ياكى خىزمەتداش بولغانلىقتىن خىجىل بولۇپ ياكى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئويلاپ قىلىدىكەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياغلىمىچىلىق قىلغانلىق، كاپىرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىنىڭ باتىل دىنى بىلەن پەخىرلىنىشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ.

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى دىن بىلەن ئەزىز قىلىشقا ئۆزى ئىگە بولسۇن، ئۇلارنى دىندا مۇستەھكەم قىلسۇن، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلبە ئاتا قىلسۇن!. ھەقىقەتەن ئاللاھ كۈچلۈك ۋە غالىبتۇر.  

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد