21249: كۇفرى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى


مەن 12811- نومۇرلۇق سوئالدا، ئىسلام مىللىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ كۇفرىنى بىر قانچە تۈرلۈك دەپ ئوقۇدۇم، ماڭا بۇ توغرىدا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟.

Published Date: 2015-02-28

     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كۇفرىنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى توغرسىدىكى سۆز ئىنتايىن چوڭ تېما بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلىمىز:

    بىرىنچى: كۇفرى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقى: قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان ئايەت-ھەدىسلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، ئىمان پەقەت ئىككى ئىش بىلەن قوبۇل بولىدۇ،  بۇ ئىككى ئىش: "ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى ئىلاھ يوق" دېگەن سۆزنىڭ تەقەززاسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ كەلىمە ئاللاھ تائالانى يەككە-يىگانە دەپ بويسۇنۇش، كۇفرى ۋە شېرىكنىڭ بارلىق تۈرلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسان بىر نەرسىدىن ساقلىنىش ۋە ئادا-جۇدا بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇ نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق بىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋھىد ئىلمىنى بىلىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى روياپقا چېقىرىش، شۇنىڭدەك كۇفرى ۋە شېرىكنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلىش، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش زۆرۈر بولىدۇ.

     ئىككىنچى: كۇفرىنى بىلىش: كۇپۇر دېگەن لۇغەتتە: بىر نەرسىنى ئوراش ۋە يۆگەش دېمەكتۇر.

ئەمما شەرئى ئاتالغۇدا: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىشەنمەسلىك دېمەكتۇر، يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىشىنىشنى ئىنكار قىلسۇن ياكى ئىنكار قىلمىسۇن، شەك ياكى گۇمان قىلسۇن، ھەسەتخورلۇق ياكى تەكەببۇرلۇق سەۋەبىدىن ئىمان ئېيتمىسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ۋەھيىگە ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

     كۇفرى ئاللاھ تائالا ئىمان ئېيتىشقا بۇيرىغان ھەر قانداق نەرسىگە تانغان-ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا تىلىدا ئىشىنىپ دىلىدا تانسۇن ياكى دىلىدا ئىشىنىپ تىلىدا تانسۇن ياكى تىلى ۋە دىلى بىلەن تانسۇن، شۇنداقلا ئىسلام شەرىئىتىدە، ئىشلىسە ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ دەپ دەلىل كەلگەن ئىشنى قىلسا كاپىر ھېسابلىنىدۇ. [شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 12-توم335-بەت، ئىمام ئىبنى ھەزمىنىڭ "ئەلئەھكام فى ئۇسۇلىل ئەھكام" ناملىق ئەسىرى 1-توم 45-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

    ئۈچىنچى: مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدىغان چوڭ كۇفرىنىڭ تۈرلىرى: ئىسلام ئالىملىرى كۇفرىنى بىرقانچە تۈرگە ئايرىدى، ھەر بىرى شېرىك ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىدىن تۆۋەندىكىدەك كۆپ نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    1-تىنىش ۋە ئىنكار قىلىش بىلەن كاپىر بولۇش. بۇ دىلدا ئىنكار قىلىش بىلەن كاپىر بولۇش بولۇپ، ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك بۇ تۈردىكى ئىنكار قىلىش كاپىردا ئاز ئۇچرايدۇ. تىلى ۋە ئەزالىرى بىلەن ئىنكار قىلىش. بۇ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش، ئۆز ئىچىدە ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ سىرتقى تەرەپتىن بويسۇنماستىن، خۇددى يەھۇدىيلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغانلىقىغا ئوخشاشدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَمَّا جَاءَهُم مَّا عَرَفُوا كَفَرُوا بِهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار بىلىدىغان (يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى.» [سۈرە بەقەرە 89-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِنَّ فَرِيقًا مِّنْهُمْ لَيَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالار) ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 146-ئايەت].

    ئىنكار قىلىش دېگەن ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ رەت قىلىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە قەلبىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشى پەقەت تىلى بىلەندۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِنَّهُمْ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَـٰكِنَّ الظَّالِمِينَ بِآيَاتِ اللَّـهِ يَجْحَدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.» [سۈرە ئەنئام 33-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا پىرئون ۋە ئۇنىڭ قەۋمى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَجَحَدُوا بِهَا وَاسْتَيْقَنَتْهَا أَنفُسُهُمْ ظُلْمًا وَعُلُوًّا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى.» [سۈرە نەمل 14-ئايەت].

     كۇفرىنىڭ بۇ تۈرىگە، ئىسلام شەرىئىتىدە ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلغان، ھالال دەپ بېكىتكەن نەرسىنى ھارام دەپ ئىتىقاد قىلغان ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتنى ئىنكار قىلغانلارمۇ كىرىپ كىتىدۇ.

    2-تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ھەقدىن يۈز ئۆرۈش بىلەن كاپىر بولغانلار. بۇ ئىبلىس-شەيتاننىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.» [سۈرە بەقەرە 34-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَيَقُولُونَ آمَنَّا بِاللَّـهِ وَبِالرَّسُولِ وَأَطَعْنَا ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِّنْهُم مِّن بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا أُولَـٰئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(مۇناپىقلار) ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، شەرىئەت ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقىقەتتە مۆمىن ئەمەس.» [سۈرە نۇر 47-ئايەت].

ھەقنى ئاغزاكى قوبۇل قىلسىمۇ ئەمما ئەمەل قىلىشتىن باش تارتقانلارمۇ كاپىر ھېسابلىنىدۇ. ھەقتىن يۈز ئۆرۈش بىلەن كاپىر بولۇش دېگەن: ئېتىقادى ياكى ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي تەرەپتىن توغرا يولغا يىتەكلىنىشنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلماسلىق، ھەقىقەتنى تەرك قىلىش ۋە ھەققە ئەمەل قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنذِرُوا مُعْرِضُونَ﴾ تەرجىمىسى: «كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر» [سۈرە ئەھقاپ 3-ئايەت].

    كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتتىن ئاغزاكى بولسىمۇ، يەنى مەن بۇنى قوبۇل قىلمايمەن دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ياكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسە يەنى ھەقىقەتكە قۇلاق سالماسلىق ياكى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن بارمىقى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋېلىش ياكى ئاڭلىسىمۇ  ئۇنىڭغا ئىشىنىشتىن قەلبى بىلەن، ئەمەل قىلىشتىن ئەزالىرى بىلەن يۈز ئۆرۈسە بۇلار كاپىر ھېسابلىنىدۇ. يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش نەتىجىسىدە كاپىر بولغىچىلاردۇر.

    3-مۇناپىقلىق بىلەن كاپىر بولۇش. ئۇ بولسىمۇ قەلبى  ۋە ئەمەلىي بىلەن ئىشەنمەستىن، كىشىلەرگە كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئىمانىنى پەرقلىق ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىبنى سەلۇل ۋە باشقا مۇناپىقلارنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ئوخشاشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّـهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُم بِمُؤْمِنِينَ. يُخَادِعُونَ اللَّـهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ). ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 8-9-ئايەتلەر].

    4-شەك-شۈبھە بىلەن كاپىر بولۇش. ئۇ بولسىمۇ ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ ئەگىشىشكە ئىككىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ھەقىقەتكە كەسكىن ئىشىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى شەك-شۈبھىسىز ھەقىقەتتۇر. كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ھەق ئەمەس دەپ قارايدىكەن ئۇ كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەك-شۈبھە ياكى گۇمان بىلەن كاپىر بولۇشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَدَخَلَ جَنَّتَهُ وَهُوَ ظَالِمٌ لِّنَفْسِهِ قَالَ مَا أَظُنُّ أَن تَبِيدَ هَـٰذِهِ أَبَدًا. وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِن رُّدِدتُّ إِلَىٰ رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِّنْهَا مُنقَلَبًا. قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا . لَّـٰكِنَّا هُوَ اللَّـهُ رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِرَبِّي أَحَدًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن. ئۇنىڭغا مۆمىن بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: سېنى ئەسلىدە تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟. لېكىن مەن پەرۋەردىگارىم بولغان ئۇ ئاللاھنى (ئېتىراپ قىلىمەن)، پەرۋەردىگارىمغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن.» [سۈرە كەھىپ 35-38-ئايەتكىچە].

     سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: كۇفرى دېگەن ئىماننىڭ ئەكسى بولۇپ، گاھى قەلبىدە ئىنكار قىلىش بىلەن بولىدۇ، بۇ قەلبنىڭ سۆزى بولغان تەستىقلاشقا زىت كېلىدۇ، گاھى ئەمەلىي ۋە قەلبىدىكى ئىنكار قىلىش بىلەن بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى ياكى ئاللاھنىڭ رۇسۇلىنى ئۆچ كۆرۈش بىلەن بولىدۇ، بۇ قەلب ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىمانىي سۆيگۈگە زىت كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ۋاقىتتا كۇپۇرلۇق ئاشكارا سۆز بىلەن بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ئىلاھىغا تىل ئۇزۇتۇش ئارقىلىق بولىدۇ. گاھىدا كۇفرى ئەمەللەر ئاشكارا بولىدۇ، بۇ بۇتقا سەجدە قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە مال بوغۇزلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. ئىمان قەلب، تىل ۋە ئەزالار بىلەن ئۆز ماھىيىتىنى تاپسا، كۇفرىمۇ قەلب، تىل ۋە ئەزالار بىلەن بارلىققا كېلىدۇ.

     جانابى ئاللاھ ھەممەيلەننى كۇفرى ۋە ئۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلىسۇن، قەلبلىرىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن زىننەتلىسۇن، شۇنداقلا بىزنى توغرا يول تاپقۇچىلار قاتارىدىن قىلسۇن. ئامىن. [بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن "ئەئلام سۈننەتۇل مەنشۇرە" ناملىق ئەسەرنىڭ 177-بېتىگە، شەيخ ئابدۇللىتىپ ئالى شەيخنىڭ "ئىماننى ئاغزاكى ۋە ئەمەل بىلەن بۇزىدىغان ئامىللار" ناملىق ئەسىرى 36-46-بەتلەر، شەيخ ئابدۇللاھ قەرنىينىڭ "كۇفرىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ قائىدىلىرى" ناملىق ئەسىرى 183-196-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

     ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد
Create Comments