چارشەنبە 13 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 21 نويابىر 2018
Uygur

ئاسراندى قىز ۋە ئۆگەي دادىغا ئالاقىدار بولغان مۇھىم ھەق-ھوقۇقلار توغرىسىدا

سۇئال

  ئاسراندى قىزنىڭ ئۆگەي دادىسىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى قايسى؟ ۋە ئۆگەي دادىنىڭ ئاسراندى قىزدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاسراندى قىز ئەركىشىنىڭ ھازىرقى ئايالىنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىدىن بولغان قىزى بولۇپ، ئەر كىشى ئانىسى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئەبەدىي ئۇ قىز بىلەن توي قىلىشى چەكلىنىدىغان ئاياللاردىن بولۇپ، بۇ قىز ئۆگەي دادىسىنىڭ مەھرىمى ھېسابلىنىدۇ.

     دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 17-توم 367-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئەر كىشى بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ بىرگە بولغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى ياكى كىيىنكى يولدىشىدىن دۇنياغا كەلگەن قىزلىرى ۋە قىزلىرىنىڭ قىز پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىگە ئەبەدىيلىك ھارام بولىدۇ يەنى ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَاتُكُمْ - إلى قوله - : وَرَبَائِبُكُمُ اللَّاتِي فِي حُجُورِكُمْ مِنْ نِسَائِكُمُ اللَّاتِي دَخَلْتُمْ بِهِنَّ  تەرجىمىسى: «سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيەلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيەلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى.» [سۈرە نىسا 23-ئايەت].

    ئۆيىدە تەربىيلەنگەن قىز دېگەن: ئاسراندى قىز يەنى ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ئەردىن بولغان قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن توي قىلغان كىشى ئۇ قىزنىڭ مەھرىمى بولىدۇ، ئۇ قىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئېرىدىن ھىجاپلىنىشى كېرەك بولمايدۇ". بۇ مەسىلە 20750- ۋە 33711- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بېكىتىلگەن.

     ئەمما ئۆيىدە تەربىيلەنگەن قىز ۋە ئانىسىنىڭ ئېرى يەنى ئۆگەي دادىسى، ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھەق-ھوقۇقلىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ياخشى مۇئامىلىنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا خەير-ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، كۈي ئوغۇللۇق سەۋەبىدىن بولغان  مەھرىملىرىگە ئەلۋەتتە ياخشىلىق قېلىنىدۇ، چۈنكى ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا قارىغاندا ئۇلار بەكرەك ئىززەت-ئېھتىرام ۋە كۆڭۈل بۆلۈنۈشكە ھەقلىق بولىدۇ.

     لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىگە نەپىقە قىلىش، خىزمەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، شەرئى ۋاجىپ بولغان ئىشلارغا ئۆيدە تەربىيلەنگەن قىزغا ئانىسىنىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ، ئەگەر ئۆگەي دادا ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلسا، نەپىقە قىلسا، ئاسراندى قىزمۇ ئۆگەي دادىسىنىڭ ياخشىلىققا جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئائىلىدە ئىشلارغا ياردەملىشىپ، ئۆتسە بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى قەلبنىڭ بىرلىشىپ، يېقىن ئۆتۈشى شەرىئەتنىڭ روياپقا چىقىرىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىۋاتقان مەقسەت-غايىسىدۇر.

    ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئاسراندى قىزىغا ياخشىلىق قىلىشىنى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش دەپ بىلىشى، شۇنىڭدەك ئاسراندى قىزمۇ ئۆگەي دادىسىنى ئىززەت-ئېكرام قىلىشنى ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش دەپ بىلىشى كېرەك.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"25-توم 365-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزىنىڭ قىزلىرىدىن باشقا ھەمشىلىرى، ھامماچىلىرى، تاغاچىلىرى ۋە باشقا ئېھتىياجلىق ئايال تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىلەردىن، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، يېمەك-ئىچمەك بېرىش، كېيىم-كېچەك بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈنمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە زىكىر قىلغاندەك: «ئۈچ قىز ياكى ئۈچ ھەمشىرىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ جەننەت ئاتا قىلىدۇ» ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭرى ۋە كاتتىدۇر. شۇنىڭدەك بىر ياكى ئىككى قىز بولغان ياكى باشقا ھەمشىرىلىرى بولسۇن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن كۆپ ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئومۇمى ئايەت ۋە ھەدىسلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن بولغان ۋە باشقا پېقىر-مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى بۇيرىدۇ، قىزلارغا ياخشىلىق قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بۇنداق بولسا، ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىغا ياكى ئىككىسىنىڭ بىرىگە ياكى چوڭ ئانا-چوڭ دادا قاتارلىقلارغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ئەجىر-ساۋابى بۇنىڭدىن كاتتا بولىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئانىسى بولسۇن ياكى دادىسى بولسۇن ياكى باشقا تۇغقانلىرى بولسۇن بۇنىڭدا پەرق يوق، بېرىلىدىغان ھۆكۈم  ئەمەلگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 25-توم 296-بەتتە: ئۇلاردىن مۇنداق سوئال سورالغان: مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسىدىكى ئىجتىمائىي ئائىلە مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟. ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا ئائىلىدىكى يەككە كىشىلەر ۋە ئومۇمى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچلاندۇرىدىغان ۋاسىتىلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاشقا ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:  وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا  تەرجىمىسى:«سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار.ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە نىسا 1-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى  تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار.» [سۈرە نىسا 36-ئايەت]. 

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ تَعَالَوْا أَتْلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمْ عَلَيْكُمْ أَلَّا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ مِنْ إِمْلَاقٍ نَحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ  تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز.» [ئەنئام سۈرىسى 151-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَقَضَى رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى.» [سۈرە ئىسرا 23-ئايەت].

   قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر كۆپ بايان قىلىنغان.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگۈچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېيىلگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رىزىقىنىڭ كەڭرى بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلىسۇن.» [بۇخارى رىۋايىتى].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئانىلارنى قاقشىتىشنى ۋە قىزلارنى تېرىك كۆمۈشنى ھارام قىلدى.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقىنى ئۇلاش، ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاقتا مۇستەھكەم تۇرۇش، ئەخلاقى گۈزەل بولۇش، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بايان قىلىنغان ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ، بۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچلاندۇرىدۇ، مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۇلارنى ئىسلامى ئەدەپ-قائىدىلەرنى بۇزۇپ، گۇزەل-ئەخلاقنى كىرلاتقۇزىدىغان ئىشلاردىن يىراق قىلىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش